كارامان باشيايلا قېرىن قايمىقى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -23

2146646
كارامان باشيايلا قېرىن قايمىقى

كارامان باشيايلا قېرىن قايمىقى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « كارامان باشيايلا قېرىن قايمىقى» نى تونۇشتۇرىمىز.

كارامان باشيايلا قېرىن قايمىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 07.02.2023

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدىكى توروس تاغلىرىنىڭ ئېتەكلىرىگە جايلاشقان كارامان ۋىلايىتىگە قاراشلىق باشيايلا ناھىيەسى ئىنتايىن قىزىقارلىق بىر سېرىق مايغا ئىسىمىنى قويدى. باشيايلا قېرىن قايمىقى 2023 - يىلى باشيايلا ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  باشيايلا قېرىن قايمىقى ئۆچكە ياكى قوينىڭ قېرىنىدا تەييارلىنىدۇ. كالا، بۇغا، ئۆچكە ياكى قوي سۈتىدىن ياسالغان قايماق ئۈچۈن، قېرىن ئۈچ ئاي بۇرۇن پاكىزە تازىلاپ تەييارلىنىدۇ. 1 كىلوگىرام قايماققا ئېرىشىش ئۈچۈن 25 كىلوگىرام سۈت ئىشلىتىلىدۇ. مەھسۇلاتنىڭ ھازىرلىنىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇسۇللارمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. دەسلەپكى باسقۇچتا، سۈت سېغىلغاندىن كېيىن، سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن ئوچاقتا قاينىتىلىپ، ئۈستىدە شەكىللەنگەن قايماقلار پات-پات يىغىۋېلىنىدۇ. قايماقنىڭ ئىچىگە ئازراق تۇز قوشۇپ خېمىردەك يۇغۇرۇلغاندىن كېيىن، قايماق سوغۇق مۇھىتتا بىر مەزگىل ساقلىتىلىدۇ. ئاندىن پاكىزە تازىلانغان قېرىنغا ھېچقانداق بوشلۇق قالمايدىغان شەكىلدە چىڭداپ تولدۇرۇلىدۇ. قايماق بىلەن تولدۇرۇلغان قېرىننىڭ ئېغىزى يىپ بىلەن تىكىلىپ مەھكەم ئېتىلىدۇ. ئاز دېگەندە 2 ئايغىچە نەمسىز، قۇرۇق جايدا، ئەڭ ياخشىسى سوغۇق ئامباردا پىشىش ئۈچۈن قويۇلىدۇ. پىشىش يېتىلىش مۇددىتى تاماملانغاندىن كېيىن، قايماق قېرىندىن تولۇق چىقىرىلىپ مۇۋاپىق شەكىلدە ئورىلىدۇ ۋە ئىستېمالغا سۇنىلىدۇ.

    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر