ئاچلىقتا دىققىتىمىزنى يىغىش تەسكە توختايدۇ

چۈنكى (19)

2136628
ئاچلىقتا دىققىتىمىزنى يىغىش تەسكە توختايدۇ

ئاچلىقتا دىققىتىمىزنى يىغىش تەسكە توختايدۇ

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «چۈنكى...» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، پىسخولوگىيەدە ئارقا كۆرۈنۈش مۇناسىۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان ئەندىزە ھەققىدە توختىلىمىز. گەرچە بۇ تېخنىكىلىق ئاتالغۇدەك قىلسىمۇ، ئەمما بۇ مۇناسىۋەت كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم تەجرىبە قىلىپ تۇرىدىغان نۇرغۇن ئەھۋاللارنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا بىز بۇلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى مىساللىرىدىن بىرنى تاللاپ، پىروگراممىمىزنى «ئاچلىقتا دىققىتىمىزنى يىغىش تەسكە توختايدۇ، چۈنكى» دېيىش بىلەن باشلايمىز.

قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پروگراممىمىزدا بولسۇن!

**** ****** ***** ****

گېرمان تىلىدا «شەكىل» مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «گېشتالت» ئۇقۇمى پىسخولوگىيەدە تونۇش جەريانىنى چۈشەندۈرىدىغان نەزەرىيەگە ئىسىم قىلىنغان بولۇپ، گېشتالت ئۇسۇلىغا ئاساسەن تاشقى دۇنيا، يەنى رېئاللىق ساھەسى بۇ ساھەنى تەشكىل قىلىدىغان بۆلەكلەردىن مۇستەقىل بىر پۈتۈنلۈككە ئىگىدۇر. گەرچە «ئومۇمىي قىسمى؛ ئۇنىڭ يىغىندىسىدىن كۆپتۇر» دېگەن سۆز بىلەن تىلغا ئېلىنسىمۇ، ئەمما گېشتالت نەزەرىيەسى ئەمەلىيەتتە بۇنى قوللىمايدۇ. گېشتالت پىسخولوگلىرىنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنى؛ ئىنسان ئەقلىنىڭ دەسلەپتە بىر پۈتۈننى تونۇيدىغانلىقى، ئاندىن بۇ بىر پۈتۈن ئىچىدىكى بۆلەكلەرنى بىر-بىرلەپ پەرقلەندۈرىدىغانلىقىدۇر.

گېشتالت نەزەرىيەسى ئىنسانلارنىڭ تونۇشىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئارقا كۆرۈنۈش ياكى فىگۇرا ۋەياكى شەكىل ۋە يەر مۇناسىۋىتى دەپ ئاتىلىدىغان بىر پرىنسىپنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا ئىنسانلار جىسىملارنى چوقۇم بىر ئارقا كۆرۈنۈشتە تونۇيدۇ. نورمالدا كۆرۈنۈشلۈك ساھەنىڭ دىققىتىمىزنى جەلپ قىلىدىغان قىسمىنى شەكىل، قالغان قىسمىنى يەر دەپ ھېس قىلىشقا مايىلمىز. نېمىنىڭ شەكىل ۋە نېمىنىڭ يەر بولىدىغانلىقى بولسا، تاشقى دۇنيادىكى غىدىقلاشنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىدىن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ تونۇشىمىزنىڭ خىزمەت پرىنسىپىدىن كىلىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، بىر كىشى شەكىل دەپ قارىغان نەرسە يەنە بىر كىشى ئۈچۈن يەر ھېسابلىنالايدۇ. ياكى ئوخشاش بىر كىشىگە نىسبەتەن كۆرۈنۈش بىلەن فىگۇرا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئورنىنى ئالماشتۇرالايدۇ.

****** ** *** ****** ******** ****

ئارقا كۆرۈنۈش ۋە فىگۇرا مۇناسىۋىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىجتىمائىي پسىخولوگىيەدە، ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئالدىنقى تەرتىپىنى بەلگىلەشتە قوللىنىلغان بىر مودېلدۇر. بۇ لەۋھە سۈپىتىدە چېچىلىپ تۇرغان بولىدۇ. بۇ مۇرەككەپ كۆرۈنۈش بىر ئارقا كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىدۇ. بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئېھتىياجىمىز ئېنىق فىگۇرا سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. زىھنىمىز ئاندىن ئارقا كۆرۈنۈشنى ئەمەس، بەلكى فىگۇرانى تاللايدۇ. ئەگەر بۇ ئېھتىياج قاندۇرۇلمىسا، بىزنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشتىكى باشقا ئېھتىياجلارغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرىشىمىز تەس، ھەتتا بەزى ئەھۋاللاردا مۇمكىن ئەمەس ھالغا كېلىپ قالىدۇ.

سۆزىمىزنىڭ بېشىدىكى مىسالغا قايتىپ كەلسەك، ئاچلىق فىزىكىلىق بىر ئېھتىياج سۈپىتىدە فىگۇراغا ئايلانغاندا، ئارقا كۆرۈنۈشتىكى باشقا ئېلېمېنتلارنى كۆرۈنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرىدۇ. شۇڭلاشقا مەكتىپىمىزدە ياكى خىزمەت ھاياتىمىزدا ئاچ قالغاندا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىغا مەركەزلىشەلىشىمىز تەسكە توختايدۇ. ئامېرىكالىق پىسخولوگ ئابراھام ماسلوۋنىڭ مەشھۇر ئېھتىياج نەزەرىيىسىمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى ئاساس قىلغان. ماسلوۋنىڭ قارىشىچە، ئوزۇقلىنىش ۋە نەپەسلىنىش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك ئېھتىياجلار ئېھتىياج پىرىماداسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. ئاندىن رەت بويىچە بىخەتەرلىك، تەۋەلىك، ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ئۆزىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى كېلىدۇ. بىر باسقۇچتىكى ئېھتىياجنى قاندۇرالمىغان ئىنسان تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچلاردىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇشقا يۈزلىنەلمەيدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! پروگرامما گۇرۇپپا ئەزايىمىز نۇرەتتىن چەتىن ۋە ئالپەر بەشەگە ۋاكالەتەن، مەن دىكتور كامىلجان كاشغەرىي ھەممىڭلارغا خۇشاللىق شۇنداقلا ئۇچۇر ۋە بىلىمگە تولغان كۈنلەرنى تىلەيمەن. خەير خوش!

 

 

 


خەتكۈچ: #چۈنكى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر