چىشلىرىمنى چوتكىلايمەن، چۈنكى...

چۈنكى (16)

2128526
چىشلىرىمنى چوتكىلايمەن، چۈنكى...

چىشلىرىمنى چوتكىلايمەن، چۈنكى

«چۈنكى...» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سالامەتلىكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ناھايىتى ئاددىي تەدبىرلەرنىڭ بىزنى قانداق چوڭ خەتەرلەردىن ئۈنۈملۈك قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز. پىروگراممىمىزنى «چىشلىرىمنى چوتكىلايمەن چۈنكى...» دېيىش بىلەن باشلايمىز. 

**** ****** ***** ****

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، بەدىنىمىزدە ھەربىرى ئايرىم ئىقتىدارلارغا ئىگە نۇرغۇن سىستېمىلار مەۋجۇت. گەرچە ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ، سىستېمىلارنىڭ مەشغۇلاتى ھەرگىزمۇ بىر-بىرىدىن مۇستەقىل ئەمەس. بىر سىستېمىدا كۆرۈلگەن كاشىلا قارىماققا مۇناسىۋەتسىزدەك قىلىدىغان باشقا بىر سىستېمىغىمۇ خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. مەسىلەن، تەتقىقاتتا چىش گۆشى كېسەللىكلىرى بىلەن يۈرەك كېسىلىنىڭ باغلىنىشلىق بولۇش مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى.  

بەك ئەمەس، كۈنىمىزدىن يۈز يىل ئىلگىرى چىش چىرىش ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ھېسابلىناتتى. گەرچە بۇ مەسىلە داۋالاش ۋە دورا سانائىتىدىكى تەرەققىياتلار بىلەن تۈگىتىلگەن بولسىمۇ، ئېغىز ۋە چىشنى ئاسراش يەنىلا ساغلاملىقىمىز بىلەن ئىنتايىن يېقىن مۇناسىۋەتلىك مەسىلە سۈپىتىدە ئالدىمىزدا تۇرماقتا. ئېغىز ۋە چىش گۆشى ياللۇغى بەدەندە ئومۇمىي ياللۇغلىنىشقا سەۋەب بولىدىغانلىقى مەلۇم. ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش بولسا، يۈرەك كېسىلى، دىئابىت كېسىلى ۋە باشقا سىستېمىلاردىكى تەڭپۇڭسىزلىقلارغا چېتىلىدۇ دەپ قارالماقتا.

******* ***** **** ********

ئېغىز ۋە چىشنى ئاسراش ئالدى بىلەن كېسەللىكلەردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن دائىم قوللىنىلىدىغان بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە كۈندە ئىككى قېتىم ئۈچ مىنۇت چىش چوتكىلاش ئەڭ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ. چىش چوتكىلاش چىش تاختىسىنى ۋە ئېغىزدىكى باكتېرىيەلەرنى يوقىتىشتىكى ئەڭ ئاساسلىق چىش ئاسراش ئۇسۇلى ھېسابلىنىدۇ.

چىش چوتكىلاش چىش گۆشىنى تازىلاپ، قان ئايلىنىشنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق چىش گۆشى ساغلاملىقىنى كۈچەيتىدۇ. چىشىمىزنى چوتكىلىغاندا، ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باكتېرىيەلەردىن قۇتۇلىدىغان بولغاچقا ئېغىز پۇراشنىمۇ يوقاتقان بولىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، چوتكىلاش چىشتىكى زىيانلىق كىسلاتالارنى تازىلاش ئارقىلىق چىشنىڭ سەزگۈرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. چىشنى چوتكىلاشتىن باشقا، قەنتلىك ۋە كىسلاتالىق يېمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىشمۇ ئېغىز ۋە چىش ساغلاملىقىمىزغا نىسبەتەن مۇھىم ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ھېسابلىنىدۇ. يىلدا ئىككى قېتىم چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈش ئاغرىق پەيدا قىلمايدىغان ياكى ھېچقانداق ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزغا ياردەمچى بولىدۇ.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر