ساكاريا ئابھاز پىشلىقى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -16

2128527
ساكاريا ئابھاز پىشلىقى
SAKARYA ABHAZ PEYNİRİ

ساكاريا ئابھاز پىشلىقى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ساكاريا ئابھاز پىشلىقى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ساكاريا ئابھاز پىشلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 03.05.2021

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ قارا دېڭىز ساھىلىدىكى ساكاريا شەھىرىگە نەچچىلىگەن ئەسىرلەر ئىلگىرى كۆچۈپ كەلگەن كاۋكازلىق ئابخاز خەلقىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان «ئابھاز پىشلىقى»، ساكاريا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 2021 - يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

<ئابھاز پىشلىقى> دەپ ئاتىلىدىغان بۇ پىشلاق، تالالىق ۋە سېرىق رەڭلىك بولۇپ، ئومۇمەن ئەشمە شەكىللىك بولىدۇ.  پىشلاقنىڭ تالالىق قۇرۇلمىسى سەۋەبىدىن ئىسسىق سۇدا سوزۇلىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.

ئابھاز پىشلىقىنىڭ باشقا پىشلاقلاردىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، قاينىتىلغان سۈت 40 گىرادۇسقا يەتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا ناھايىتى ئاز مىقداردا قېتىق قوشۇلىدۇ، بىر ئاز سوۋۇغاندىن كېيىن تەبىئىي پىشلاق ئېچىتقۇسى ئېلاۋە قىلىنىدۇ. ئىچىتىش جەريانىنى تاماملىنىشى ئۈچۈن سۈت 1 يېرىم سائەت ساقلىتىلىدۇ. ئاندىن ھاسىل بولغان ئارىلاشما پىچاق بىلەن كېسىلىدۇ. كېسىلگەن پارچىلار ئاستا-ئاستا قولدا ئارىلاشتۇرغۇچ بىلەن قوچۇلۇپ پارچىلىنىدۇ. مەلۇم مۇددەت سۈيى سۈزۈلگەن ئارىلاشما 30 مىنۇتقىچە قىزىق سۇدا قاينىتىلىدۇ. ئاندىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى قېلىپ تاللىنىپ، قېلىپنىڭ ئۈستى پاكىزە رەخت بىلەن ئورىلىدۇ. قېلىپنىڭ ئىچىگە قىزىق پىشلاق پارچىلىرى قويۇلىدۇ، ئاندىن سىقىپ سۈيى چىقىرىلىدۇ. پىشلاق پىچاق بىلەن ئالقان چوڭلۇقىدا پارچىلارغا  بۆلۈنىدۇ. پارچىلانغان پىشلاق قايتا يەنە بىرسائەت قاينىتىلىدۇ. قاينىتىلغان پىشلاق پارچىلىرى يۇمشاشقا، سوزۇلۇشقا ۋە شەكىل بېرىشكە مۇۋاپىق يۇمرانلىشىشقا باشلايدۇ. قاينىتىش باشقۇچى تاماملانغاندىن كېيىن، پىشلاققا قۇرۇتۇلغان ئۆسۈملۈكلەر، بولۇپمۇ قارا زىرە ۋە تېتىتقۇ قوشۇلىدۇ. سوۋۇتۇلغان پىشلاق پارچىلىرى يىرىك تۇز بىلەن ئوبدان تۇزلانغاندىن كېيىن، موم قەغەزگە ئوراپ، شىشىلەرگە چىڭدىماستىن قاچىلىنىدۇ ۋە ئېغىزى ئېتىلىدۇ. ئابھاز پىشلىقى تۆۋەن تېمپېراتۇرادا ئىككى ئاي ساقلانغاندىن كېيىن، رەڭگى سېرىققا ئۆزگىرىشكە باشلايدۇ. ياخشى يېتىلىپ ناشتىلىق داستىخېنىدىن ئورۇن ئېلىشقا تەييارھالغا كېلىدۇ.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر