ھىدرولىك (سۇ ئېلېكتىر) ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ھىدرولىك (سۇ ئېلېكتىر) ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2129220
ھىدرولىك (سۇ ئېلېكتىر) ئېنېرگىيەسىنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە 2023-يىلى توك ئىشلەپچىقىرىشنىڭ %36.3نى كۆمۈردىن، %21.4نى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن پايدىلىنىپ تەبىئىي گازدىن، %10.4ىنى شامالدىن، %5.7ىنى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن، %3.4ىنى يەر ئىسسىقلىقى ئېنېرگىيەسى مەنبەلىرىدىن  ھاسىل قىلدى. تۈركىيە ئومۇمىي توكىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى، باشقىچە ئېيتقاندا 32400 مېگاۋاتلىق قىسمىنى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىدۇ.

يەرلىك شۇنداقلا پاكىز توك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى بولغان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىلىرى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھېچقانداق قالدۇق ماددا ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ھەمدە دۆلەتنىڭ توك ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا زور تۆھپە قوشىدۇ.

2002-يىلدىن بۇيان يۈسۈفئەلى توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئىلىسۇ توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، دەرىنەر توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، ئەرمەنەك توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق دۇنيا مىقياسىدىكى مۇھىم قۇرۇلۇشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 650 گە يېقىن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

2000-يىللارنىڭ بېشىدا 45 مىليارد كىلوۋات سائەت بولغان يىللىق سۇ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، نۆۋەتتە تەخمىنەن 120 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتتى. شۇنداق قىلىپ، تۈركىيەدىكى ھەر ئۈچ لامپىنىڭ بىرى سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا ئىشلەپچىقىرىلغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن يورۇشقا باشلىدى.

سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى كېڭەيتىشتىكى مەقسەت بايلىقتىن ئەڭ ئۈنۈملۈك شەكىلدە پايدىلىنىپ، «ئېنېرگىيەدە تولۇق مۇستەقىل تۈركىيە بەرپا قىلىش» دەپ بېكىتىلدى.

يۈسۈفئەلى توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 275 مېتىر ئېگىزلىكى بىلەن تۈركىيەدىكى ئەڭ ئېگىز، دۇنيانىڭ شۇ تۈردىكى 5-ئېگىز توسمىسى دېگەن ئۇنۋاغا ئىگە. بۇ تۈر يىللىق ئوتتۇرىچە 1 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەتلىك توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن، ئانتاليا چوڭلۇقىدىكى بىر شەھەرنىڭ نوپۇسىغا تەڭ كېلىدىغان 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ توك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ.

ئىلىسۇ توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى  سىغىمى جەھەتتە ئاتاتۈرك، قاراقايا ۋە كەبان توسمىلىرىدىن قالسا تۈركىيەنىڭ 4-چوڭ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ مىقدارى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ 2-چوڭ توسمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىلىسۇ توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 135 مېتىر، تولدۇرۇش مىقدارى 24 مىليون كۇب مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر قىسمى 2 مىڭ 327 مېتىر بولۇپ، گەۋدە ئۇزۇنلۇقى ۋە بېتون يۈزى جەھەتتە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇشتۇر.

2020-يىلى 19-ماي تۇنجى توك ئىشلەپچىقىرىشىنى باشلىغان، 2020-يىلى 23-دېكابىرغا كەلگەندە، تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ئەسلىھە، بۈگۈنگە قەدەر 8 مىليارد كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىپ، دۆلەت ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 23 مىليارد لىرا تۆھپە قوشتى.

دەرىنەر توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى 249 مېتىرلىق ئېگىزلىكى بىلەن يۈسۈفئەلىدىن قالسىلا تۈركىيەنىڭ 2-ئېگىز توسمىسى بولۇپ، 670 مېگاۋاتلىك ئىشلەپچىقىرىش سىغىمى بىلەن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليارد 118 مىليون كىلوۋات سائەت توك ئىشلەپچىقىرالايدۇ.

سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سىغىمچانلىقى رەت تەرتىپىدە، تۈركىيە 32 گېگاۋاتلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بىلەن دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا، ياۋروپادا 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي 415 مىڭ مېگاۋات بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، بىرازىلىيە 110 مىڭ مېگاۋات بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئامېرىكا 102 مىڭ مېگاۋات بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ توسما سېلىنمىلىرى توك ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما ئەنقەرەنىڭ توسما قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب بۇ ئەمەس. تۈركىيەنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئۇنى سۇ بېسىمىغا گىرىپتار بىر دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. مۆلچەرگە قارىغاندا، تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى نۆۋەتتە  1519 كۇب مېتىر بولۇپ، 2030-يىلىغا بارغاندا نوپۇسى 100 مىليونغا يېتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى  1100 كۇب مېتىرغا چۈشۈپ قېلىشى، تۈركىيە سۇ جەھەتتە نامرات دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن، سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم تۈرلەر يولغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر