سالاملىشىمەن چۈنكى...

چۈنكى (15)

2124938
سالاملىشىمەن چۈنكى...

سالاملىشىمەن چۈنكى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تىلىمىزغا ئەرەب تىلىدىن كەلگەن «سالام» دېگەن سۆز، تىنچلىق، ئىشەنچ ۋە خاتىرجەملىك دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. سالاملىشىش، بىرسىگە ياكى بىر توپقا يېقىنلىق، سۆيگۈ ۋە مېھرىبانلىقىنى نامايان قىلىش، ساغلاملىق، ئامان - ئېسەنلىك ۋە مۇۋەپپەقىيەت تىلەشنى كۆرسىتىدۇ. سالاملىشىش ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە مۇھىم قەدەم بولۇپ، بارلىق مەدەنىيەتلەردە كەڭ قورساقلىق، ھۆرمەت ۋە ئالاقە ماھارىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئاساسلىق ھەرىكەت دەپ قارىلىدۇ. سالاملىشىش يەنە، كىشىلەرگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىش ۋە چۈشىنىشلىك بىر ئالاقە مۇھىتى يارىتىشنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

ئىجتىمائىي مەۋجۇتلۇق ھېسابلىنىدىغان ئىنسانلارنىڭ مۇستەھكەم ئىجتىمائىي جەمئىيەت يارىتىشىدا سالاملىشىش مۇھىم رول ئوينايدۇ. سالاملىشىش كىشىلەر ئارىسىدا ئىجتىمائىي رىشتە ئورنىتىش ۋە جەمئىيەت ئىچىدە ماسلىشىشنىڭ بىر يولى ھېسابلىنىدۇ. ئۇدۇلىدىكى كىشىدە تۇنجى ئىجابىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان سالاملىشىش، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇناسىۋەت قۇرۇشتەك مۇھىم روللارغىمۇ ئىگە.  

 *** **** **** *********

 تۇنجى ئۇچرىشىشتا ئەدەپلىك ۋە ھۆرمەتلىك ھەرىكەتلەرنى قىلىش، قارشى تەرەپتىن بىرەر نەرسە تەلەپ قىلغاندا ئارزۇيىمىزنى تېز ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن، بىرەر دۇكان ياكى بانكا شۆبىسىگە سالام بېرىپ كىرگىنىمىزدە خىزمەتچىلەرنىڭ بىزگە تېخىمۇ سەمىمىي ۋە كۈلۈمسىرەپ يېقىنلىشىدىغانلىقىغا شاھىت بولىمىز.

سالاملىشىش ئالاقىنى باشلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى قەدىمى شۇنداقلا مەدەنىيەت قائىدىسى ۋە تەقەززالىرىغا ئەمەل قىلىش ھېسابلىنىدۇ. كۈتۈلگەن ھەرىكەتلەرنى نامايان قىلىش كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈنۈملۈك ئىجتىمائىي جەمئىيەتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ.

گەرچە سالاملىشىش ئۇسلۇبى مەدەنىيەتلەرنىڭ ھەر خىللىقىغا ۋە رايونلارغا كۆرە پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ئەدەپلىك ۋە ھۆرمەت بىلەن باشقىلارغا يېقىنلىشىشنىڭ ئۇسۇلى دەپ قارىلىدۇ. تونۇمايدىغان بىر كىشىگە ئېسەنلىك تىلەش ۋە بىزدىن ئۇنىڭغا زىيان يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بولۇپ، سالاملىشىش ئارقىلىق سۆھبەتنى باشلاش، باغلىنىشى كۈچلۈك بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىكى ئاددىي، ئەمما ئۈنۈملۈك قەدەمدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر