مىسىرغا خەلقئارالىق جان (قۇتقۇزۇش) سۈيى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (15)

2126928
مىسىرغا خەلقئارالىق جان (قۇتقۇزۇش) سۈيى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى ئەزىز قېرىنداشلار، «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىتى تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «مىسىرغا خەلقئارالىق جان (قۇتقۇزۇش) سۈيى» ناملىق

ئانىلىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئەمىسە دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

***** *** * * * *** **

 

چوڭ ئىقتىسادىي كرىزىسكە دۇچ كەلگەن ۋە چىقىم تەڭپۇڭسىزلىقى مەسىلىسى ئېغىرلاشقان مىسىرغا خەلقئارالىق چوڭ سىستېما جان سۈيى (يەنى قۇتقۇزۇش سۇيى) بەردى. دەسلەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن تۈزۈلگەن 35 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى ، ئاندىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن يېڭى قەرز كېلىشىمى، ئاخىرىدا دۇنيا بانكىسى ۋە ياۋروپا  ئىتتىپاقى ھەممىسى  ئارقىمۇ-ئارقىدىن مىسىرغا ياردەم پروگراممىلىرىنى ئېلان قىلىشتى.

  مىسىر ئىقتىسادى ئۇزۇندىن بۇيان چوڭ كرىزىسنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئابدۇل فاتاخ ئەل سىسى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن بۇيان دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى ھېچ بىر يول بىلەن ئەسلىگە كەلمىدى. ئارمىيە كونترولۇقى ئاستىدىكى بىر ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولغان ئىقتىسادتا بايلىق ئىنتايىن ناچار ئىشلىتىلگەن ئىدى. زور مىقتاردا مۇداپىئە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش سەۋەبىدىن دۆلەتنىڭ قەرزى بارغانسىرى ئېشىپ كەتتى. دۆلەتنىڭ غايەت زور تاشقى سودا قىزىل رەقىمى شەكىللەندى. 160 مىليارد دوللارلىق تاشقى قەرزگە بوغۇلدى. مەركىزىي بانكا چەتئەلدىن كەلگەن ئالماشتۇرۇشلار ئارقىلىقلا ئاران ئۆرە تۇرىدىغان ئەھۋالدا ئىدى. تاشقى قەرزنى مەبلەغكە يۈرۈشتۈرۈشتە زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. مەۋجۇت ۋەزىيەتتە قەرزنى قايتۇرۇش ناھايىتى قىيىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭ رايونغا كۆرسەتكەن تەسىرىمۇ مىسىرنىڭ ناچار ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. دۆلەتنىڭ ماكرو ئىقتىسادى دىنامىك كۈچى ۋەيران بولۇش بوسوغۇسىغا كېلىپ قالدى. مىسىر خەلقىگە نىسبەتەن ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشتى. سېتىۋېلىش كۈچى بارغانسىرى ئېرىپ، ھەتتا ئاساسلىق تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشمۇ چوڭ مەسىلىگە ئايلاندى. يۈز مىليوندىن ئاشىدىغان مىسىر نوپۇسىنىڭ ھەر يىلى بىر مىليوندىن كۆپرەك ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھۆكۈمەتكە بولغان ئىجتىمائىي غەزەپ جۇغلىنىشقا باشلىدى.

مىسىر ئىقتىسادى ۋەيران بولۇش بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالغان مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئاخرى خەلقئارلىق بىر جەريان باشلىنىپ، مىسىر ئىقتىسادىنى تاشقى قوللاش باشلاندى. دەسلەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھەرىكەتكە ئۆتتى ۋە شىمالىي دېڭىز قىرغىقىدىكى راسۇل-ھىكمە شەھىرىگە 35 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىشنى قارار قىلدى ۋە مىسىرغا چەتئەل پرىۋۇتى كىرىشىنى ئىشقا ئاشۇردى. گەرچە بۇ قەدەم «مىسىرنىڭ زېمىنى سېتىلىۋاتىدۇ» دەپ تەنقىد قىلىنغان بولسىمۇ، سىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ كېلىشىمدىن مەمنۇنلۇقى ۋە مىسىرنىڭ تاشقى پېرېۋوت ئېھتىياجى شۇنداقلا قەرزىنى قاندۇرۇشتا بىراز راھەتلىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئېنىق. ئاندىن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەرىكەتكە كېلىپ، مىىسرغا تاشقى پېرېۋوت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىتىلىشى قاتارلىق باشقا بىر قىسىم شەرتلەرنى ئورۇندىغان ئەھۋال ئاستىدا قەرز بېرىشنى قارار قىلدى. ئارقىدىن دۇنيا بانكىسى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ مىلياردلارچە دوللارلىق ياردەم پىلانلىرىنى جاكارلىدى.

  نەتىجىدە، مىسىر جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مىلياردلىغان دوللارغا ئېرىشكەن بولدى، ئەمما ئەلۋەتتە، پۇل پاخاللىقى يۇقىرى بولغاچقا، مىسىر خەلقى تېخىمۇ نامراتلىشىپ، قىيىنچىلىققا ئۇچرايدىغان بىر مەزگىلگە قەدەم قويماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەتتە قۇرۇلما خاراكتېرلىك ھېچقانداق قەدەم تاشلانغىنى يوق. ئارمىيەنىڭ ئىقتىسادتىكى ھۆكۈمرانلىقى داۋاملىشىش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ بايلىقى مەبلەغ سېلىشقا ئەمەس، بەلكى ھەربىي چىقىم ۋە ئۈنۈمسىز لايىھەلەرگە ئىشلتىلمەكتە. قىلىنغان ياردەملەر پەقەت مىسىرنىڭ قىسقىغىنە ۋاقىت ئۆرە تۇرالىشىغىلا شارائىت ھازىرلاپ بەرمەكتە. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلمىسا، مىسىر ئىقتىسادىنىڭ سىجىل يوسۇندا ئەسلىگە كېلىشى ئىنتايىن تەستەك قىلىدۇ.

ئەسلىدە دۇنيا مىسىرنىڭ ۋەيران بولۇش بوسۇغۇسىدىكى چوڭ بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە ئىقتىسادىي ۋەيران بولۇشنىڭ رايونغا ۋە دۇنياغا ئېغىر مەسىلە يارىتىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ غەرب دۆلەتلىرى ئۈچۈن يېڭى كۆچمەنلەر دولقۇنى يارىتىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. يەنە كېلىپ مىسىر، غەززە بىلەن چېگرىلىنىدىغان بولغاچقا، مىسىرنى يېنىدا ساقلاپ قېلىشنى خالايدىغان ئاكتىيورلار ھازىرچە يانچۇقىنىڭ ئېغىزىنى ئاچقان ئەھۋالدا تۇرماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر