تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلام؛ نەتىجىسى ۋە تەسىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (14)

2124932
تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلام؛ نەتىجىسى ۋە تەسىرى

تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلام؛ نەتىجىسى ۋە تەسىرى

 

 «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدىكى يەرلىك سايلام؛ نەتىجىسى ۋە تەسىرى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

2024 - يىلى 31 - مارتتىكى تۈركىيەنىڭ يەرلىك سايلىمى دېموكراتىك ۋايىغا يېتىشنىڭ نامايەندىسى بولدى. سىياسىي رىقابەتنىڭ ساندۇقتىكى نەتىجە ئارقىلىق بېكىتىلىشى تۈركىيەدىكى دېموكراتىيەنىڭ نە قەدەر مۇستەھكەملەشكەنلىكىنىڭ يېڭى بىر كۆرسەتكۈچى بولدى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى %78.55 بولغان بولۇپ، %37.76 لىك ئاۋازغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، 14 چوڭ شەھەر ۋە 21 ۋىلايەتنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرىنچى پارتىيەگە ئايلاندى.  كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى، سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىدۇر. چۈنكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەن بولدى.  قىسقىسى نۇرغۇن جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلام نەتىجىسى تۈركىيە سىياسىتىگە خېلى تەسىر كۆرسىتىدىغاندەك قىلىدۇ.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئاۋازغا ئېرىشىش نىسبىتىنى 3 مىليون 300 مىڭ كىشى كۆپەيتكەن بولسا، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سايلىغۇچى سانى ئالدىنقى سايلامغا سېلىشتۇرغاندا 4 مىليون 200 مىڭ كىشى ئازلاپ كەتتى.  چوڭ شەھەرلەردە ئۆكتىچىلەرنىڭ «سايلغۇچىلار قاتلىمىدىكى ئىتتىپاقلىشىش» نى ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى «دېموكراتىيە ۋە باراۋەرلىك پارتىيەسى» (DEM) پارتىيەسى بىلەن «ئىيى (ياخشى) پارتىيەسى» (İYİ) بېلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمىنىڭ «جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى» (CHP) نامزاتلىرىغا تاشلانغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ھەم ئۆز سايلىغۇچىلىرىنىڭ ھەم ئۆزىگە يېقىن پارتىيەلەرنىڭ سايلىغۇچىلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىدا ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان يۇقىرى پەللىگە يەتتى. بۇ نەتىجىلەر سايلامدا ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە قايتۇرۇلغان نارازىلىقنىڭ ئالدىنقى پىلانغا چىققانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، سايلىغۇچىلىرىنىڭ نەزىرىدە 2019 - ۋە 2023 - يىلدىكى ئىتتىپاقداشلىقىنى ئوخشىمىغان شەكىلدە ساقلاپ قالالىدى.

چوڭ شەھەرلەردىن باشقا يەنە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بىر قىسىم دىندار ئانادولۇ شەھەرلىرىدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى يېڭى بىر رېئاللىقنى نامايان قىلدى. CHP رەئىسى ئۆزېل سايلام نەتىجىسىنى «يېڭى بىر سىياسىي كېلىماتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش»، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، «بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تۇغۇلۇش» دەپ تەرىپلىدى. ئۆزگىرىش تەلىپى بىلەن يولغا چىققان يېڭى CHP نىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇ قاراشنى يېڭى بىر يۈزلىنىشكە ئايلاندۇرالايدىغان ياكى ئايلاندۇرالمايدىغانلىقىنى ئالدىمىزدىكى يىللاردا كۆرىمىز.

2023 - يىلى مايدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىنىڭ غالىبى بولغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى (AK) بولسا، بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلامدا %35.48 ئاۋازغا، 12 چوڭ شەھەر ۋە 12 ۋىلايەتكە ئېرىشىپ، سىياسىي تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككىنچى پارتىيەگە چۈشۈپ قالدى. بۇ 2002 - يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن بىر ئەھۋال ئىدى. بۇ قېتىمقى سايلامدا بېلەت تاشلىمىغان ۋە بېلىتى ئىناۋەتسىز بولغانلارنىڭ سانى 15 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ كۈتۈلمىگەن نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەندەك قىلىدۇ.  بۇ مەنىدىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ «ساۋاق بېرىپ قويۇش» خاھىشىنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغانلىقى ئېنىق. خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى پارتلىغاندىن بۇيان تۈركىيە ئىقتىسادىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى ۋە ھەل قىلىش چارىسى جەھەتتە ئىلگىرىلەشنىڭ بولماسلىقىنى بۇ ئەھۋالنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، 2023 - يىلى ماي ۋە 2024-يىلى مارتتىكى سايلامنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەتكە چىقارغان بەدەللىرىنىڭ جۇغلىنىپ تۆلىتىلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى سايلىغۇچىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋىلايەت مەركەزلىك  نامزاتلارنىڭ ئارخىپلىرى ھەمدە يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى ئامىلى شۇنداقلا سايلام سەپەرۋەرلىكىدىكى يېتەرسىزلىك، سايلامدا يېتەكچى شوئارنىڭ كەمچىل بولۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇش لازىم.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ سايلام كېچىسىدىكى بالكون نۇتۇقىدا 31 - مارتتىكى سايلامغا «بۇ بىر ئاخىرلىشىش ئەمەس، بەلكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر» دەپ باھا بەرگەنلىكى، ئەسلىدە سايلام نەتىجىسىدىن يېڭى بىر ئۆزگىرىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىغا دائىر كۈچلۈك بىر سىگنال ھېسابلىنىدۇ. مىللەتنىڭ ئىرادىسىغا بولغان ھۆرمىتىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان ئەردوغان نۇتۇقىدا، سىغدۇرۇشچان بىر تىل بىلەن دېموكراتىيەنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ھەققىدە سۆز قىلدى. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ ساۋاق ئېلىش مەجبۇرىيىتى تەرەپكە ئىشارە قىلىپ، «دادىللىق بىلەن ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغانلىقى» نى ئېلان قىلدى.

ئەردوغان كەلگۈسى تۆت يىللىق مەزگىلىدە يەنە قويۇق تىرىشچانلىقنىڭ داۋام قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ، ھەم مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزۈش تالاش - تارتىشىغا خاتىمە بەرگەن بولدى، ھەم سايلىغۇچىلىرى ۋە پارتىيە تەشكىلاتىغا رىغبەت بەرگەن بولدى.

 ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىگە نىسبەتەن «بۇرۇلۇش نۇقتىسى» ۋە CHP غا نىسبەتەن «يېڭىدىن تۇغۇلۇش» بولغان 31 - مارتتىكى يەرلىك سايلام تۈركىيەنىڭ 2028 - يىلغىچە تولىمۇ داۋالغۇشلۇق بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

 ئەگەر ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى يېڭىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەمبەغەللەرگە پايدىلىق شەكىلدە كىرىم تەقسىماتىنى تۈزەتكەن تەقدىردە، نارازى سايلىغۇچىلارنى قايتۇرۇپ كېلەلىشى ئېنىق. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى بولسا، بۇ سايلامدىكى ئۇتۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن  ئەمدىلىكتە تېخىمۇ ئېغىر بىر سىياسىي يۈكنىڭ ئاستىغا كىرگەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر