سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز...

2123569
سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى

سۈرىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئۈلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. بىر تەرەپتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چېگرا لىنىيەسىدە بىر «تېررورلۇق بەلبېغى»نىڭ شەكىللەندۈرۈلۈشىگە قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىسە، يەنە بىر تەرەپتە، ئەنقەرە ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ شىمالىدا توختىماستىن تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئىراقنىڭ شىمالىدىن باشلاپ، سۈرىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە كېڭەيتىلىدىغان «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن خالىي بىخەتەر رايون بەرپا قىلىش» تۈركىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى... پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلارنى ئىشغال قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سۈرىيە رايوندىكى ئىران ۋە ئىراققا ئوخشاش دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۆلەم جەھەتتە بولمىسىمۇ، ھىدرو كاربون بايلىقى جەھەتتە باي دۆلەت. ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ئۆزىنى ئۆزى قامدايدىغان، ھەتتا مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت قىلىنغان سۈرىيە ھاكىمىيىتى، ئۇرۇشنىڭ ۋەيران قىلغۇچ تەسىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىدىكى دۆلەتسىز قوراللىق كۈچلەرنىڭ رايوندىكى ھۆكۈمرانلىقى سەۋەبىدىن، ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويدى. فىرات دەرياسى بويىدىكى مۇنبەت دېھقانچىلىق يەرلىرى ۋە سۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىدىغان توسمىلارمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى.

سۈرىيەنىڭ خام نېفىت زاپىسىنىڭ 2 مىليارد 500 مىليون ۋارىل ئەتراپىدا ئىكەنلىكى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ مىقدار سۈرىيەنى دۇنيادىكى نېفىت زاپىسى ئەڭ كۆپ 32-دۆلەتكە ئايلاندۇرىدۇ؛ ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرى، سۈرىيە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 9 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىدى.

دەمەشق ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ كۆپىنچىسى 2013-2015-يىللىرى دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قولىغا ئۆتتى؛ سۈرىيەدە نوپۇزىنى كۈچەيتكەن دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتى 2013-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن تارتىپ، ئېنېرگىيە ساھەلىرىنى بويلاپ ئىلگىرىلەش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، سۈرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپاسلىرى جايلاشقان دەيرۇززۇر، راققە، ھۇمۇس، ھاسەكە قاتارلىق ۋىلايەتلىرىدىكى نېفىتلىكلەرنى قولغا كىرگۈزدى. 2016-يىلىغا كەلگەندە، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن، مەزكۇر رايونلارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىگىلىدى.

سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى — SETA نىڭ «سۈرىيەدىكى تەبىئىي بايلىقلار ئۇرۇشى» ناملىق دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىشغال قىلىۋالغان جايغا جايلاشقان  «ئەلئۆمەر رايونى»، سۈرىيەدىكى ئەڭ چوڭ نېفىتلىك ھېسابلىنىدۇ. ئىشغال ئاستىدىكى دەيرۇززۇرمۇ سۈرىيەنىڭ نېفىت زاپىسى ۋە تەبىئىي بايلىقلىرى مول ۋىلايەتلىرىنىڭ بىرى... دەيرۇززۇرنىڭ شەرقىدىكى نېفىتلىكلەرلا سۈرىيە ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ %30 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ.

مەزكۇر دوكلاتتا، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەنىڭ بارلىق ئېنېرگىيە بايلىقىنىڭ تۆتتىن ئۈچ قىسمىنى كونترول قىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوللىشى ئاستىدىكى پ ك ك / ي پ گ مەزكۇر نېفىتلىكلەردىن يىلىغا تەخمىنەن 1 مىليارد 100 مىليون دوللار كىرىم قىلىدىكەن.

پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن سۈرىيە ھاكىمىيىتى ھاسەكەدىكى نېفىتلىكلەرنى بىرلىكتە باشقۇرماقتا. نېفىت ئىشلەپچىقىرىش داۋاملىشىۋاتقان رۇمەيلان، سۇۋەيدىييە ۋە كاراچوك نېفىتلىكلىرىدىكى تەخمىنەن 350 كىچىك قۇدۇقتىن كۈنىگە 30-35 مىڭ ۋارىل نېفىت ئېلىنماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى يەنە سۈرىيەنىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئەسلىھەسى بولغان كونوكونىمۇ ئىشغال قىلىۋالغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ رايوندا ھەر يىلى تەخمىنەن 1 مىليارد 400 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

بۇلاردىن باشقا، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئامېرىكانىڭ ھەربىي جەھەتتىكى قوللىشى سايىسىدا، سۈرىيەدىكى مۇھىم توسمىلارنىمۇ ئىگىلەپ ياتماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر