تىلىمنى توغرا ئىشلىتىمەن، چۈنكى....

چۈنكى (13)

2121481
تىلىمنى توغرا ئىشلىتىمەن، چۈنكى....

تىلىمنى توغرا ئىشلىتىمەن، چۈنكى...»

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «چۈنكى...» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، كۈندىلىك ئالاقىدىن تارتىپ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقىچە نۇرغۇن ساھەدە ئىنتايىن مۇھىم بولغان بىر تېما ھەققىدە توختىلىمىز، تىلنى توغرا ۋە ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشنىڭ نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىمىز. تېمىمىزنى «تىلىمنى توغرا ئىشلىتىمەن، چۈنكى...» دېيىش بىلەن باشلايمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

**** ****** ***** ****

تىل بىلەن پىكىر ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ ئۆز-ئارا تەسىر؛ مەدەنىيەت، بىلىش ۋە خۇسۇسىي ئامىللار تەرىپىدىن شەكىللىنىدۇ. <تىل پەقەت ھېسسىيات ۋە پىكىرنى يەتكۈزىدىغان قورال> دېگەن قاراشلار تەدرىجىي ھالدا <تىل تەپەككۇرنى شەكىللەندۈرىدۇ> دەيدىغان قاراشقا ئۆزگەردى. بۇ مۇرەككەپ تېمىغا كىرمەستىن، لۇدۋىگ ۋىتتېنشتېيننىڭ «تىلىمنىڭ چېكى دۇنيامنىڭ چېكىدۇر» دېگەن سۆزىنى ئەسكە ئېلىشمۇ، تىلنىڭ دۇنيادىكى مەۋجۇتلۇقىمىزنى بەلگىلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىشكە يېتىپ ئاشىدۇ.

تىلنى توغرا ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك ئالاقە ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدۇ. خىزمەت، مەكتەپ، ھەتتا ئائىلە تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىدىغان ئالاقە ھادىسىلىرى دائىم تىلنى قالايمىقان ئىشلىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئەھۋال مەغلۇبىيەت ۋە بەختسىزلىك قاتارلىق نۇرغۇن پاسسىپلىقلارنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ ئىنچىكىلىكلىرى ۋە سۆز بايلىقلىرى ھەم ئۆزىمىزنى ئىپادىلەشتە، ھەم قارشى تەرەپنى توغرا چۈشىنىشتە بىلىشىمىز كېرەكلىك ئاساسىلاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

****** ******** *******

ئانا تىلىمىزنى ياخشى بىلىش ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرىدۇ ۋە مول مەدەنىيەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزگە ياردەمچى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئانا تىل ئاساسىنىڭ ياخشى بولىشى چەتئەل تىلىنى ئۆگىنىشمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ. گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنى ۋە سۆزلۈكلەرنى ياخشى چۈشىنىش قوشۇمچە يېڭى تىل ئۆگىنىشىمىزنىمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە قىلىدۇ.  بۇ سايىدا شەخسلەر دۇنيانى ھەر خىل تىللار ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ دائىرىدىن تونۇش ئىمكانىيىتىگە سازاۋار بولىدۇ.

ئانا تىل ماھارىتىنىڭ تەپەككۇر ۋە ئىجادچانلىق ئىقتىدارىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتلار مەۋجۇت. تەتقىقات نەتىجىلىرى شۇنى كۆرستىىپ بەردىكى، تىلنىڭ مۇرەككەپ قۇرۇلمىسىنى ئۆزلەشتۈرگەن ۋە ئۇنى توغرا ئىشلىتەلەيدىغان شەخسلەر ھەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ھەم كەسپىي ساھەدە، مەيلى كەسپىنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تىل ماھارىتى روھىي ساغلاملىققىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىل ئىشلىتىش تەپەككۇر جەريانىنى تەڭشەيدىغان بولغاچقا، تەتقىقات نەتىجىسى تىلىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىدىغان كىشىلەرنىڭ ئالزىمېر كېسەللىكى قاتارلىق كېسەللىكلەردىن قوغدىنىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! سۆزىمىزنىڭ ئاخىرىدا، بۇ ماھارەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مەكتەپتە ئىگىلىگەن مائارىپتىن باشقا يەنە، كىتاب، گېزىت، ژۇرنال ئوقۇش، تىياتىرخانىغا بېرىش ۋە چوقۇم لۇغەت ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىمىز. <تىلىمنى توغرا ئىشلىتىمەن چۈنكى دۇنيامنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى خالايمەن> دېيىش بىلەن خوشلىشىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت

 

 

  

 

 


خەتكۈچ: #چۈنكى

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر