موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (13)

2121716
موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى

موسكۋادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 22 - مارت جۈمە كۈنى رۇسىيە چوڭ بىر تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەن زىلزىلىگە كەلدى. تېررورچىلار پايتەخت موسكۋادىكى كروكۇس شەھىرى خول-شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىغا بېسىپ كىرىپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە كونسېرت زالىغا ئوت قويۇپ بەردى. ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ دائېش ئەزالىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىن كېيىن، ھۇجۇم قىلغۇچىلاررۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىغا يېقىن رايوندا رۇسىيەدىن قېچىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە قولغا چۈشتى. گەرچە ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغان بولسىمۇ، ئەمما رۇسىيە دائىرىلىرى بۇنىڭ ئارقىسىدا ئۇكرائىنا ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان غەرب دۆلەتلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئەيىبلىدى.

ئالدىنقى جۈمە كۈنى (22-مارت) رۇسىيە ئۇچرىغان چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قارىتا <رۇسىيە نۇقتىسىدىن تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تېررورلۇق ھۇجۇمى> دەپ باھا بېرىشكە بولىدۇ. پايتەخت موسكۋادىكى كروكۇس شەھىرى خول-شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ كونسېرت زالىغا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بېسىپ كېرىشى بىلەن 100 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلدى ۋە نۇرغۇن كىشى يارىلاندى. كونسېرت زالىغىمۇ ئوت قويۇپ بېرىلدى. ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ كىملىكى توغرىسىدا مۇنازىرەلەر بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، 4 ھۇجۇمچى رۇسىيە-ئۇكرائىنا چېگراسىدا قولغا چۈشتى. بۇ ئارىلىقتا، دائېشنىڭ خوراسان گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى. ئۇلار ئېلان قىلغان بەدەن كامېراسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى قىرغىنچىلىقنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىپ بەردى. رۇسىيە دائىرىلىرى بولسا، دائېش مەسىلىسىگە باشقىچە ئېنىقلىما بەردى. ئۇلار بۇ ھۇجۇمنى دائېش قىلغان تەقدىردىمۇ، بۇنى تەشكىللەشتە ئۇكرائىنا ۋە ئۇنى قوللاۋاتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى بىلدۈردى. پۇتىن ۋە مېدۋېدېۋ قاتارلىق رەھبەرلەرمۇ بىۋاستە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

دەرۋەقە، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان دائېشنىڭ ھازىر ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق خۇراسان گۇرۇپپىسىنىڭ ئاكتىپ ھالغا ئۆتكەنلىكىنى، تۈركىيە، ئىران، پاكىستان ۋە ھازىر رۇسىيەدە ئارقا-ئارقىدىن تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلغانلىقىنى كۆرمەكتىمىز. ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ تاجىكلار ئىكەنلىكىنى ۋە تاجىكىستاننىڭ خىتاي چېگراسىغا جايلاشقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. ئامېرىكا ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، بۇ رايون گويا دائېش ئۈچۈن ھازىرلانغاندەك قىلىدۇ. دائېىش ئەزالىرىنى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن ئافغانىستانغا مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا يۆتكىگەن ئىدى. ئامېرىكا پ ك ك بىلەن بىرلىكتە راققەنى قورشىۋالغان مەزگىلدە، دائېشنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ كېلىشىم بىلەن بۇ يەردىن ئايرىلغانلىقى شۇنداقلا ئافغانىستانغا كۆچۈپ يەرلەشكەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. ئەمدىلىكتە دائېشنىڭ ئامېرىكا بىلەن مەسىلىسى بار دۆلەتلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكى تولىمۇ مەنىلىكتەك قىلىدۇ. شۇڭا، پۇتىنمۇ جاۋابنى توغرا يەرگە قايتۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

 

نەتىجىدە موسكۋادىكى ھۇجۇم رۇسىيەدە قاتتىق غەزەپ-نەپرەت قوزغىدى. رۇسىيە جاۋابكار قىلىپ كۆرسەتكەن ئۇكرائىناغا نىسبەتەن خەلقنىڭ غەزىپى تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمدىلىكتە رۇسىيە ھاۋا رايى ۋە زېمىن شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى كۈتمەكتە. بەلكىم ئۇكرائىناغا چوڭ ھۇجۇم قوزغىشى مۇمكىن. رۇسىيە خەلقىمۇ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ ئۇرۇشقا تەييار ھالەتكە ئۆتكەندەك قىلىدۇ. ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئۇكرائىنادا چوڭ توقۇنۇشلارغا شاھىت بولۇشىمىز مۇمكىن. ئەگەر غەرب دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى تېخىمۇ بەك قوللاپ قۇۋۋەتلىمىگەن تەقدىردە، ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشى ئاساسەن رۇسىيەگە پايدىلىق تەرەپكە ئۆزگىرىشى تۇرغانلا گەپ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر