ئورتاكلار زىخ كاۋىپى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 13

2121474
ئورتاكلار زىخ كاۋىپى

ئورتاكلار زىخ كاۋىپى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ئورتاكلار زىخ كاۋىپى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ئورتاكلار زىخ كاۋىپىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 23.11.2020

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى رايونىدىكى ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ گېرمانجىك ناھىيەسىگە قاراشلىق ئورتاكلار يېزىسى ئۆزىنىڭ ئىسمى قويۇلغان زىخ كاۋىپى بىلەن تونىلىدۇ. ئورتاكلار زىخ كاۋىپى گېرمانجىك ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسى بىلەن 2020-يىلى تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى. رايوننىڭ مۇھىم تۆمۈر يول ۋە تاشيوللىرى تۇتىشىدىغان دوقمۇشلارنىڭ بىرى بولغان ئورتاكلار يېزىسى كاۋاپچىلىق ئىشىنى دەسلەپتە ئولتۇراق رايوننىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتىدىغان تۆمۈر يول ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن ھالدا باشلىغان بولۇپ، ئايلاندۇرۇپ سېتىش بىلەن مۇلازىمەت قىلىنغان بۇ كاۋاپچىلىق ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ يول بويىدىكى رېستورانلارنىڭ بىردىنبىر تامىقىغا ئايلانغان. ئورتاكلار زىخ كاۋىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمېتىر،  كەڭلىكى يېرىم سانتىمېتىر  كېلىدۇ. ياغسىز ئۇششاق توغرالغان كالا گۆشى بىلەن تەييارلىنىدۇ. ئۇچى پىچاق بىلەن كېسىپ ئۆتكۈرلەشتۈرۈلگەن قومۇچ زىخقا ئۆتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن كاۋاپداندا ئوتۇن كۆمۈرى بىلەن پىشىرىلىدۇ. بۇ كاۋاپ ياغسىز كالا گۆشى ئۇششاق توغرىلىپ، بىر نەچچە كۈن دەم يىگۈزۈلگەندىن كېيىن يەرلىك كىشىلەرنىڭ تىلى بويىچە «بىر قۇشقاچ يۇتالايدىغان چوڭلۇقتا» كېسىلىشى بىلەن مەشھۇر. زىخ كاۋىپى كاۋاپدانغا قويۇلۇشتىن ئىلگىرى، قومۇچ زىخنىڭ ئۇچىغا كىچىك توغرالغان قوينىڭ قۇيرۇق يېغى ئۆتكۈزۈلىدۇ. زىخقا كالا گۆشى ۋە قۇيرۇق يېغىدىن باشقا كۆكتات ئۆتكۈزۈلمەيدۇ. ئورتاكلار زىخ كاۋىپى ئۈچۈن كىچىك گۆش پارچىلىرى ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا يۇقىرى ئوتتا ناھايىتى تېز پىشىدۇ ۋە مېھمانلارغا تېز مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ. كاۋاپداندا پىشۇرۇلغاندىن كېيىن پىياز، سامساق، پەمىدۇر بىلەن تۇز، قىزىلمۇچ، قارامۇچ ۋە زىرە قاتارلىق قوشۇمچە تېتىتقۇلار بىرلىكتە سۇنىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر