ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە بەكتاشىلىق تەرىقىتى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ مۇھىم زاتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە «بەكتاشىلىق تەرىقىتى» ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

2118339
ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە بەكتاشىلىق تەرىقىتى

ھاجى بەكتاشى ۋەلى ۋە بەكتاشىلىق تەرىقىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھاجى بەكتاشى ۋەلى تۈرك دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان تارىخى شەخس بولۇپ، سوپى، ئالىم ۋە ئىسلام پەيلاسوپىدۇر. ھاياتى ھەققىدە ئېنىق مەنبە بولمىغان ھاجى بەكتاشى ۋەلىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ قەدىمكى مەنبە XIV. ئەسىردە يېزىلغان «ۋىلايەتنامە» ناملىق ئەسەردۇر. خوراساندا دۇنياغا كەلگەن ھاجى بەكتاشى ۋەلى، موڭغۇل تاجاۋۇزچىلىرىدىن قېچىپ، ئانادولۇغا كۆچۈپ كەلگەن تۈركمەن ئالىمى بولۇپ، ھاياتى ھەققىدىكى بىردىنبىر ئېنىق پاكىت، ئۇنىڭ 1271-يىلى سۇلۇجا قاراھۆيۈكتە ۋاپات بولغانلىقىدۇر.

«ۋىلايەتنامە»گە قارىغاندا، ھاجى بەكتاشى ۋەلى  سۇلۇجا قاراھۆيۈكتە بىر تۈركمەن شەيخى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىر تەرەپتىن ئۆز جامائىتى ئىچىدە مۇرشىد (يېتەكچىلىك) ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۈگۈنكى ئۈرگۈپتىكى خىرىستىيانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشىنىڭ شارائىتىنى ھازىرلىغان. ئۇ يەنە شامانىست موڭغۇللارنىڭمۇ ئىسلامنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن جاپالىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى بۇ نىيەت – بۇ مەقسەتتە ئانادولۇنىڭ ھەرقايسى بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا ئەۋەتكەن. ئەگەر مەنبەلەردىكى بۇ خاتىرىلەرگە ئىشىنىشكە توغرا كەلسە، ھاجى بەكتاشى ۋەلى—ناھايىتى كۈچلۈك ئېھتىمالدۇركى— يەسەۋىلىك بىلەن قەلەندەرلىكنىڭ ئارىلاشمىسىدىن شەكىللەنگەن ھايدەرىلىك تەرىقىتىنىڭ بىر ئەزاسى سۈپىتىدە ئانادولۇغا كەلگەن، ئاندىن ئىلياسى خۇراسانىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ۋەفائىلىق تەرىقىتىگە كىرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇنداق ياشىغان، دېيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، گەرچە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، بەكتاشىزمنى ئۇنىڭ قۇرمىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تارىخى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئەپسانە، ھەتتا ئېپوسلاشقان ھاجى بەكتاشى ۋەلىگە ئايلىنىپ، بۇ خىل مۇقەددەسلىككە ئىگە بولۇشىدا، ئانتاليانىڭ ئەلمالى رايونىدىكى تەككەكۆيدە ئىستىقامەت قىلغان ئابدال مۇسانىڭ رولى چوڭ. مەھمەت فۇئاد كۆپرۈلۈ  XIV. ئەسىردە ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ سۇلۇجا قاراھۆيۈكتىكى خانىقاسىغا بارغان بىر مۇھىم بىر زاتنىڭ ھاجى بەكتاشى تەرىقىتىنىڭ تارقىلىشىدا قانداق مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. كۆپرۈلۈ ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلارنىڭ خۇلاسىسىسگە ئاساسلانغاندا، ھايات ۋاقتىدا دېگەندەك تونۇلمىغان بۇ كەمتەر تۈركمەن شەيخىنى، مەيلى ھايات ۋاقتىدا، مەيلى ۋاپاتىدىن كېيىن بولسۇن، ھايات ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىققان رىۋايەتلەر ئارقىلىق يېڭى قۇرۇلۇۋاتقان ئوسمانلى بەگلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئوتتۇرا ۋە غەربىي ئانادولۇدا تونۇتۇپ، قايتىدىن جانلاندۇرغىنى ئابدال مۇسادۇر. XIV. ئەسىرنىڭ بىرىنچىكى چارىكىدىن كېيىن، ھاجى بەكتاشى ۋەلى خانىقاسىنىڭ شەيخى بولغان ئابدال مۇسا، ھەمراھلىقىدىكى بىر قىسىم ھايدەرى تەرىقىتى دەرۋىشلىرى بىلەن بىرلىكتە، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان ئوسمانلى خانلىقىنىڭ زېمىنلىرىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئوسمان غازىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان ۋە پەتھىلەرگە قاتنىشىپ، غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرغان ھەقىقىي ئۇلۇغ ئىش، ئۇ ئۆزى بىرلىكتە جەڭ قىلغان ئوسمانلى غازىلىرىغا ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ رىۋايەتلىرىنى ئاڭلىتىپ، ئۇنى تونۇتىشىدۇر. «ۋىلايەتنامە»دىكى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ئىمامنىڭ نەسەبىگە مەنسۇپ بولۇشى، يەنى پەيغەمبەر نەسەبىگە مەنسۇپ بىر سەييىد بولۇشىدۇر. ئۇنىڭ دادىسى ئىبراھىمى سانى ئىمام مۇسا ئەلكازىم نەسەبىدىن بولۇپ، خوراساننىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى. شۇڭلاشقا، ھاجى بەكتاشى ۋەلى بىر شاھزادە. ئۇ ياش ۋاقىتلىرىدا ئالدى بىلەن مەشھۇر سوپى لوقمانى پەرەندەنىڭ، ئاندىن ئۇنىڭ تەۋسىيەسىگە ئاساسەن، ئەھمەد يەسەۋىنىڭ يېنىدا تەربىيەلەنگەن. ئۇ شۇ چاغلىرىدىلا نۇرغۇن «كارامەت»لەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ھەممەيلەننى ھەيران قالدۇرغان. ئۇ ئەھمەد يەسەۋىنىڭ بەدەخشان ئۆلكىسىدىكى كاپىرلارغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان «نەپەس ئەۋلادى» قۇتبۇددىن ھەيدارنى قۇتۇلدۇرۇۋالغان. كېيىن، ئۇنىڭ پىشىپ يېتىلگەنلىكىنى كۆرگەن ئەھمەد يەسەۋى، ئۇنىڭغا خەلىپىلىك (ۋارىسلىق) سىمۋولى بولغان جىھازى فاقرى، باشقىچە ئېيتقاندا، تاج، شامدان، جايناماز، داستىخان ۋە بايراق تەقدىم قىلىپ، بېلىگە ياغاچ قىلىچىنى ئاسقۇزۇپ، رۇمئەلىگە ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن. ئالدى بىلەن مەككىگە بېرىپ، ھەج پەرزىنى ئادا قىلغان بەكتاش، «ھاجى» ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. قايتىشىدا نەجەف ۋە كەربالانى زىيارەت قىلىپ، ئانادولۇغا ئۆتكەن.  ھاجى بەكتاشى ۋەلى چەپنى قەبىلىسىنىڭ كۆچمەن بىر قانچە ئائىلىسىنىڭ قىشلىق تۇرالغۇسى ھېسابلىنىدىغان سۇلۇجا قاراھۆيۈككە كېلىپ، قادىنجىك ئانىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ تۇرغان. بۇ جەرياندا، كارامەتلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئۇ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن كەنتنىڭ چارۋىلىرىنى باققان. مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى دەرۋىشخانىسىنىڭ ئورنىغا تۇنجى خىلۋەتگاھى بولغان قىزىلجانى قۇرغان. ئاللىقاچان ئۆزىنى قوبۇل قىلدۇرۇپ، مۇرت توپلاشنى باشلىغان ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ داڭقى تېزلا تارقالغان. ئۇ بۇ يەردە تۇرغان مەزگىلدە، سەييىد مەھمۇد ھەيرانى ۋە ئاھى ئەۋرەن قاتارلىق رۇم ئەۋلىيالىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان؛ ئەتراپىدىكى غەيرىي مۇسۇلمانلار بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بىر قىسىم موڭغۇل دائىرىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولغان. نۇرغۇن خەلىپىلەرنى—ۋارىسلارنى يېتىشتۈرگەن؛ ئۇ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرىلا ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىجازەتنامىسىنى بېرىپ، ئانادولۇنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا يوللىغان ۋە ئۆزىمۇ كارامەتلىرىگە يارىشىدىغان شەكىلدە ئالەمدىن ئۆتكەن.

يۇقىرىقىلاردىن شۇنى خۇلاسىلەشكە بولىدۇكى، ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ ھەقىقىي نام—شۆھرىتى ۋە ئەتراپىدا ھاسىل بولغان غايەت زور ئەگەشكۈچىلەر توپى، ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن شەكىللەنگەن. بۇ تارىخىي ھادىسە شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ھاجى بەكتاشى ۋەلى مۇرتلىرى تۇنجى قېتىم ھايات ۋاقتىدا بەكتاشىمۇ مۇرىتى بولغان ھايدارى مەزھىپىنىڭ دەرۋىشلىرى ئارىسىدا بارلىققا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئۇلار ئارقىلىق ھەممە يەرگە تارقالغان. ئوسمانلى غازىلىرى ئارقىلىق ھاجى بەكتاشى ۋەلىدىن خەۋەر تاپقان ئوسمانلى سۇلتانلىرى، يەنىچەرى گازارمىلىرىنى قۇرغاندا، غازىلار ئارىسىدا كەڭ تارقالغان كۈچلۈك جامائەت بولغاچقا، گازارمىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، ھاجى بەكتاشى ۋەلىنىڭ نامى ئوسمانلى زېمىنلىرىدا كۈنسېرى كەڭ تارقىلىپ، داڭق چىقارغان. XVI. ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بالىم سۇلتان ھايدارىزمدىن ئايرىلىپ، ئوسمانلى مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بەكتاشىزم تەرىقىتىنى ھاجى بەكتاشى ۋەلى نامىدىن ھازىرقى شەكلى بىلەن قۇرۇپ چىققان.  شۇنداق قىلىپ، ئانادولۇدىكى سۈننىي مەزھىپى ھاجى بەكتاشى ۋەلىنى مەركىزىگە قويۇپ، تەرەققىيات مۇساپىسىنى رەسمىي تاماملىدى.

مەنبەلەر:

1. M. Fuad Köprülü, “Bektaşîliğin Menşe’leri”, TY, II/8 (1341), s. 136-140.

2. https://islamansiklopedisi.org.tr/haci-bektas-i-veli

3. Manakıb-ı Hacı Bektâş-ı Velî: Vilâyet-nâme (haz. Abdülbaki Gölpınarlı), İstanbul 1958.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر