18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى

18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى خاتىرە كۈنىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز..

2116679
18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي پاراخوتلىرى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ پايتەختى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتمەكچى بولدى. بىراق، ئوسمانلى ئارمىيەسىنىڭ غەلىبە قىلىشى، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر يوقىتىشقا ئۇچراپ، چېكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئىشغالچى كۈچلەر چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئۇرۇشىنى باشلىدى.

تۈرك خەلقى ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بولسىمۇ، يۈكسەك پىداكارلىق ۋە جاسارەت كۆرسىتىپ، ئىشغالچى كۈچلەرنى بوغۇزدىن ئۆتكۈزمىدى. «چاناققەلئەدىن ئۆتكىلى بولمايدۇ» دېگەن سۆز، دوست-دۈشمەن چۈشىنىدىغان تىلىدا تەكرارلاندى. 18-مارت چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى خاتىرە كۈنىنى چىن قەلبىمىزدىن تەبرىكلەيمىز...  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر