يۇنۇس ئەمرە ۋە ئۇنىڭ ئورتاق ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى

نازگۈل قادىروۋا تەرىپىدىن تەييارلانغان «ھاياتىنى تۈرك دۇنياسىغا بېغىشلىغانلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىدىكى سانىدا، تۈرك ئەدەبىيات تارىخىدىكى مۇھىم زاتلارنىڭ بىرى بولغان يۇنۇس ئەمرە ۋە ئۇنىڭ ئورتاق ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز

2115376
يۇنۇس ئەمرە ۋە ئۇنىڭ ئورتاق ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى

يۇنۇس ئەمرە ۋە ئۇنىڭ ئورتاق ئەدەبىياتىمىزدىكى ئورنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇزۇن يىللار بويىچە تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە تۈرلۈك مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلغان يۇنۇس ئەمرەنىڭ، 1240-41-يىللىرى تۇغۇلغانلىقى، 82 يىل ياشاپ، 1320-يىلى ۋاپات بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. تەتقىقاتچىلار چەكلىك مەنبەلەرگە تايىنىپ، ئۇنىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما، ئۇنىڭ ھاياتى، بالىلىقى ۋە تەلىم-تەربىيەسى ھەققىدە ھېچقانداق يازما ماتېرىيال يوق. ئۇنىڭ ئانادولۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا تۇغۇلغانلىقى، نۇرغۇن جايلارنى سەيلە-ساياھەت قىلغانلىقى ۋە ئانادولۇدا ۋاپات بولغانلىقى مەلۇم. شائىرنىڭ شېئىرلىرى خەلق ئىچىدە  ئېغىزدىن-ئېغىزغا كەڭ تارقالغان. ئۇنىڭ نۇرغۇن جايلاردا قەبرىسى بولسىمۇ، تەتقىقاتچىلار ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلارغا ئاساسلىنىپ، ئەسكىشەھرىنىڭ سارىكۆي بازىرى يۇنۇس ئەمرە يېزىسىدىكى قەبرىنى <ئۇنىڭ ھەقىقىي قەبرىسى بولۇشى مۇمكىن> دەپ يەكۈن چىقاردى. قارامان، ئاقساراي، كونيا ۋە ئەزەربەيجاننىڭ گاھ قاتارلىق جايلىرىدىكى قەبرىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. گەرچە ئۇنىڭ ياش ۋاقىتلىرىدا تاپدۇك ئەمرە دەرگاھىدا تۇرغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئانادولۇ، دەمەشق، باغداد، ئەزەربەيجان ۋە رۇمئەلى قاتارلىق جايلارغا بارغانلىقى؛ قەريەرگىلا بارسا، شېئىرلىرى ۋە يېقىملىق پاراڭلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ئەسىرى «رىسالەتۇننۇسخىييە» 1307-يىلى تۈزۈلگەن. ھازىر ئەڭ كونا نۇسخىلىرىنىڭ بىرى XIV ئەسىردە كۆچۈرۈلگەن رىتتېر نۇسخىسىدۇر. بۇ ئەسەرنىڭ ھەر خىل دەۋرلەردە يېزىلغان 600 بېيىتتىن تەركىب تاپقان نۇرغۇن نۇسخىلىرى بار. ئاخىرقى قېتىم مۇستاپا تاتچى تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئىشىتىڭلار، ئەي يارەنلەر» ناملىق تۆت توملۇق ئەڭ تەپسىلىي ئەسەر 2012-يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىندى.

يۇنۇس ئەمرە قەدىمكى ئانادولۇ تۈركچىسنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان تۇنجى تۈرك شائىرى. ئۇ ئىشلەتكەن سۆز-ئىبارە ۋە ئىپادىلەش ئۇسلۇبلىرى، ئۇلارغا يۈكلەنگەن مەنە ۋە كىنايىلەر تۈركچىنىڭ ئەدەبىي تىلغا ئايلىنىشىدىكى مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرى. ماھىيەتتە، يۇنۇس ئەمرەنى باشقا سوپى شائىرلىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان نۇقتىمۇ دەل مۇشۇ. سۇلەيمان شەيخى يۇنۇستىن كېيىن كەلگەن شائىرلارنىڭ ئۇنىڭغا ئوخشاش شېئىرلارنى يېزىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغانلىقىنى قەيت قىلسا، ئىسمائىل ھاققى بۇرسەۋى: «شەيخ يۇنۇس بۇ تىلنىڭ خەتمىدۇر. چۈنكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن ئەربابى مەزاكىننىڭ ھەر بىرى ئۇنىڭ يولىدىن ماڭدى، نەزمدە ئۇنى دورىدى» دەيدۇ. يۇنۇستىن ئىلگىرى ئېغىز ئەدەبىياتى مەۋجۇت بولغان بولسىمۇ، يۇنۇس ئانادولۇدا گۈللەنگەن غەربى تۈرك تىلىدا تۇنجى ۋە ئەڭ گۈزەل شېئىرلارنى يازغان، ئېغىزاكى بىلىملەردىن پايدىلىنىپ تىلنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ، تۈركچىدىكى تەسەۋۋۇپ تىلىنى ياراتقان. يۇنۇسنىڭ ئاددىي تۈركچىسى ئىچىدە ئىشلىتىلگەن ئەرەب ۋە پارسچە سۆزلەرنىڭ بىر قىسمى، تۈركچىنىڭ فونېتىكىسىغا ماسلاشتۇرۇلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇنىڭ دىۋانىدا بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلمەيدىغان نۇرغۇن قەدىمكى سۆزلەرمۇ بار. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەينى دەۋر مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان نۇرغۇن دىنىي ئاتالغۇ ۋە ئۇقۇملار شۇنداقلا شېۋە-ماقاللارمۇ ئۇچرايدۇ. يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئىدىيەسىنىڭ گۈلشەھرى، قايغۇسىز ئابدال، ئاشىق پاشا ۋە ئەھمەد فەقىھ قاتارلىقلارنىڭ ئىدىيەلىرىدىن پەرقى يوق. ئەمما، ئۇ تۈركچىگە ئېلىپ كەلگەن ئوخشىمىغان ئاھاڭ ۋە سۆزلەرگە يوشۇرغان مەنىلىرى بىلەن ئۇلاردىن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئىلاھىيلىرىنىڭ ئەسىرلەردىن بۇيان ئوقۇلۇپ، تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بۇ ئۇسلۇبتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

تۈرك تەسەۋۋۇپ (سوپى) ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان يۇنۇس ئەمرە، ئەھمەد يەسەۋى بىلەن باشلانغان خانىقا شېئىر ئەنئەنىسىنى ئۆزگىچە ئىپادىلەش شەكلى بىلەن ئانادولۇدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويدى، رۇمئەلىدە گۈللەنگەن سوپى ئەدەبىياتى ئۇنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىدى. يۇنۇس سوپىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرگەن بولۇپ، سەمىمىيەت، ھاياجان ۋە سۆيگۈ بىلەن يۇغۇرۇلغان ئىلاھىيلىرىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئۇسلۇبى راۋان ئىدى. ئۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى ئىلاھىي مۇھەببەت، قېرىنداشلىق، رەھىمدىللىك ۋە كۆيۈمچانلىققا چاقىردى ھەمدە ئىنسان بولۇشنىڭ، ئۆزىنى تونۇشنىڭ ۋە جانابى ھەقكە (ئاللاھقا) يېتىشنىڭ شەرتلىرى ۋە يوللىرىنى چۈشەندۈردى.

گەرچە ئۇ شېئىرلىرىدا ئەتراپىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، تەبىئەت ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلاردىن بەزى مىساللارنى بەرگەن بولسىمۇ، يۇنۇس ئەمرە ئەزەلدىن ماددىي ئېلېمېنتلارنى ئۆزىنىڭ نىشانى قىلمىغان. ئالدى بىلەن، يۇنۇسنىڭ سوپىزم ھەققىدىكى چۈشەنچىسى قۇرئان ۋە سۈننەتنى، ئۆزىدىن ئىلگىرى ياشىغان سوپىلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، يۇنۇسنىڭ مېھرى-مۇھەببەت ئۈستىگە قۇرۇلغان تەپەككۇر دۇنياسى، ئىنساننى سۆيۈش نۇقتىسىدا توختاپ قالمايدۇ، بەلكى خۇدانى سۆيۈشكىچە كېڭىيىدۇ.

سۇلەيمان شەيخىمۇ يۇنۇس ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مەۋلانا جالالىدىن رۇمىنىڭ يۇنۇس ھەققىدە: «ئىلاھىي مەنزىللەرنىڭ قايسىسىغا چىقسام، ئالدىمدا بۇ تۈركمەن ئۇستازنىڭ ئىزىنى كۆردۈم، ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتەلمىدىم» دېگەنلىكىنى نەقىل قىلىدۇ. گەرچە بۇ بىر رىۋايەت بولسىمۇ، يۇنۇس ئەمرەنىڭ ئانادولۇدىكى تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە قانچىلىك تەسىر زور كۆرسەتكەنلىكىنىڭ روشەن ئىپادىسى.

 

مەنبەلەر:

1. https://islamansiklopedisi.org.tr/yunus-emre

2. Meşedihanım Nemet, Azerbaycan’da Pirler, Bakü 2010, s. 162.

3. Mustafa Tatcı, Yunus Emre’nin Mürşidi Tapduk Emre, Ankara 2012.

4. Şeyh Baba Yûsuf Sivrihisârî, Mevhûb-ı Mahbûb (haz. Ahmet Kartal), Eskişehir 2000, s. 529.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر