تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدىكى يېڭى يۆنىلىشلىرى

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئېنېرگىيەدىكى يېڭى لىنىيەلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2114261
تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدىكى يېڭى يۆنىلىشلىرى

تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيەدىكى يېڭى يۆنىلىشلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى مول بولغان ئوتتۇرا شەرق ۋە كاسپىي رايونى دۆلەتلىرى بىلەن بۇ ئېنېرگىيە كۆپ ئىستېمال قىلىنىدىغان ياۋروپا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە. ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىغا ئىگە تۈركىيە، تەبىئىي گاز لىنىيەلىرى بىلەنمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ... 7 خەلقئارالىق تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى بىلەن 2 خەلقئارالىق نېفىت تۇرۇبا يولى تۈركىيەنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئالدىمىزدىكى مەزگىىلەردە، ھەم بۇ ساننىڭ كۆپىيىشى ھەمدە مەۋجۇت لىنىيەلەرنىڭ سىغىمىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، ياۋروپاغا ئاقىدىغان تەبىئىي گازنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشى، تۈركىيەنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

بۇ تۈرلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى، ئەزەربەيجان بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان  تىرانس ئانادولۇ تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى _تاناپ بىلەن رۇسىيەدىن ئانادولۇغىچە سوزۇلغان ماۋى ئېقىم ۋە تۈرك ئېقىمىدۇر.

ئەمدى بۇ لىنىيەلەر ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ ئۆتەيلى.

غەرب لىنىيەسى (رۇسىيە - تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى) — ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 845 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ لىنىيە، بۇلغارىيە چېگراسىدىكى مالكوچلاردىن باشلىنىپ، ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدۇ. بۇ لىنىيە 1993-يىلى ئەڭ يۇقىرى سىغىم بولغان 6 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى.

ماۋى ئېقىم (رۇسىيە - سامسۇن - ئەنقەرە تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش لىنىيەسى) — 2003-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ماۋى ئېقىم تۈرىنىڭ تۈركىيە زېمىنلىرىدىكى قىسمى سامسۇندىن باشلىنىپ، ئاماسيا، چورۇم ۋە قىرىققالئەنى بېسىپ ئۆتۈپ ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىدۇ.

ماۋى ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى بىلەن تۈركىيەگە ھەر يىلى 16 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز كىرىدۇ.

تۈرك ئېقىم تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ... تۈرك ئېقىمنىڭ ئىككى تۇرۇبا يولى بار بولۇپ، ھەر بىرى 15 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىردىن جەمئىي 31 مىليارد 50 مىليون كۇب مېتىر گاز چىقىرىش سىغىمچانلىقىغا ئىگە. ھەر بىرى 15 مىليارد 750 مىليون كۇب مېتىر بولغان ئىككى لىنىيەنىڭ بىرى تۈركىيەنى، يەنە بىرى ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تاناپ ئەزەربەيجان - تۈركىيە (شا دېڭىز) تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى، ئەزەربەيجاننىڭ شاھ دېڭىز-1 تەبىئىي گازلىقىدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تەبىئىي گازنى گىرۇزىيە ئارقىلىق تۈركىيەگە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ياسالغان بولۇپ، 2007-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

تاناپنىڭ گىرۇزىيە-تۈركىيە چېگراسىدىن ئۆتۈپ، ئەسكىشەھىردىكى چىقىش نۇقتىسىغىچە بولغان قىسمى 2018-يىلى 30-ئىيۇن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولسا، ئەسكىشەھىردىن تۈركىيە-گىرېتسىيە چېگراسىغىچە بولغان قىسمى 2019-يىلى ئۆكتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ياۋروپادىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، 2020-يىلى 31-دېكابىردىن باشلاپ تاپ تۇرۇبا يولى  ئارقىلىق ياۋروپاغا سودا گازى ئېقىشى باشلانغان؛ بۇ لىنىيە ئارقىلىق ھەر يىلى تەخمىنەن 6 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز تۈركىيەگە، 12 مىليارد كۇب مېتىر ياۋروپاغا توشۇلماقتا. لىنىيەنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى تەدرىجىي ھالدا 24 مىليارد كۇب مېتىرغا، ئاندىن 31 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتكۈزۈش پىلانلانماقتا.

ئىران-تۈركىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى (شەرقىي ئانادولۇ تەبىئىي گاز ئاساسلىق يەتكۈزۈش لىنىيەسى) تەبىئىي گازنى شەرقتىكى، بولۇپمۇ ئىراندىكى مەنبەلەردىن چىقىرىلغان تەبىئىي گازنى توشۇشنى مەقسەت قىلىدۇ. 2001-يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شەرقىي ئانادولۇ تەبىئىي گاز ئاساسلىق يەتكۈزۈش لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1491 كىلومېتىر بولۇپ، يىللىق سىغىمى 10 مىليارد كۇب مېتىر. لېكىن، تېھران مەنبەلىك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، ھەر دائىم بۇ ئىقتىداردىن تولۇق پايدىلانغىلى بولمايدۇ.

تۈركىيە ئالدىمىزدىكى مەزگىلدە تەبىئىي گاز لىنىيەلىرىنىڭ سىغىمىنى ھەمدە تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بازىرىدىكى نوپۇزىنى ئاشۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. شۇڭلاشقا، تراكيادا بىر تەبىئىي گاز مەركىزى قۇرۇش پىلانلانماقتا. رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە يولغا قويۇلىدىغان بۇ تۈردىن باشقا، بوتاش تەرىپىدىن تۈركىيەگە تۈرلۈك لىنىيەلەر ئارقىلىق ئېلىپ كېلىنگەن تەبىئىي گازنىڭ سېتىلىشىنى مەزمۇن قىلغان قانۇن-نىزاملارنى چىقىرىشمۇ تاماملاندى.

بۇ سەۋەبتىن، ئەنقەرە جەنۇبتىكى قوشنىلىرىغا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈزلەندى. تۈركمەنىستان بىلەن تۈركىيە تۈركمەنىستان تەبىئىي گازىنى تاناپ ۋە تاپ تۇرۇبا لىنىيەلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپا بازىرىغا سېلىشقا مۇناسىۋەتلىك تۇنجى ھۆججەتنى ئىمزالىدى . بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۆلەتلىرى بىلەنمۇ يېڭى ئېنېرگىيە كېلىشىملىرىنى ئىمزالاش ئالدىدا تۇرماقتا.

تۈرك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھىدرو كاربون يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى…؛ تۈركمەنىستان يەر ئاستى بايلىقى ئىنتايىن مول دۆلەت. مۆلچەرلىنىشىچە، تۈركمەنىستان تەبىئىي گاز زاپىسى ئەڭ كۆپ 4-دۆلەت بولۇپ، زاپىسىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن 15 تىرىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ دۆلەت ھەر يىلى 100 مىليارد كۇب مېتىرغا يېقىن تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ. تەبىئىي گازنى ئېكسپورت قىلىدىغان چوڭ تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىغا ئىگە تۈركمەنىستان، 2009-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تۈركمەنىستان-ئۆزبېكىستان-قازاقىستان-خىتاي تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ھەر يىلى تەخمىنەن 40 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ساتىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۆزبېكىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىسى دۆلەت زېمىنىنىڭ %60 ىگە تارقالغان بولۇپ، ئوخشىمىغان بەش رايوندىكى 78 قۇدۇقتىن چىقىرىلغان نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىدا زور ئۈلۈشى بار. 92 قۇدۇقتا بۇرغىلاش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆزبېكىستاندا، ئومۇمىي نېفىت زاپىسى 5 مىليارد 300 مىڭ توننا، تەبىئىي گاز زاپىسى 5 تىرىليون 95 مىليارد كۇب مېتىر ئەتراپىدا.

قازاقىستاننىڭ نېفىت زاپىسى 5 مىليارد توننىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ زاپاسلارنىڭ 75 پىرسەنتىنىڭ كاشاگان، كاراچاگان ۋە تەنگىز نېفىتلىكىلىرىدە ئىكەنلىكى؛ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي تەبىئىي گاز زاپىسىنىڭ 3 تىرىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر