غەززەدە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلار ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (10)

2112549
غەززەدە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلار ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ تاشقى سىياسەت تەتقىقاتچىسى جان ئاجۇن تەرىپىدىن تەييارلانغان «غەززەدە كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلار ئاچلىقتىن ئۆلمەكتە» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** ** **** *** *** ****

ھاماس ۋە باشقا پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش قۇرۇلمىلىرى قوزغىغان ئاقسا تۇپانى ناملىق ھۇجۇمىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى ئىشغال قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا. ئىككى يېرىم مىليون كىشى ياشايدىغان 360 كۋادرات كىلومېتىرلىق رايون ھەر تەرەپتىن قامال قىلىنغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە رايوننى ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇقلۇقتىن بومباردىمان قىلىش ئارقىلىق پۇقرالانى قەستەن قىرغىن قىلماقتا. ھەتتا ياردەملەرنىڭ رايونغا كېلىشىگە ئىسرائىلىيەنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئەمدىلىكتە خەلق، بولۇپمۇ كىچىك بالىلار ۋە بوۋاقلار ئاچلىقتىن جان بەرمەكتە. دۇنيا بولسا، تاماشا كۆرۈش بىلەن كۇپايە قىلماقتا.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىشغالىيىتى داۋاملىشىشىغا ئەگىشىپ شەھەرنىڭ %80 ى دېگۈدەك تامامەن ۋەيران بولغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىليون كىشى ياشايدىغان 360 كۋادرات كىلومېتىرلىق رايون ھەر تەرەپتىن قامال قىلىنىپ، ھاۋادىن ۋە قۇرۇقلۇقتىن 24 سائەت بومباردىمان قىلىنماقتا. ئىسرائىلىيە بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ رايونغا يېتىپ كېلىشىگىمۇ ئاساسەن دېگۈدەك توسقۇنلۇق قىلماقتا.  

غەززەنىڭ شىمالىدا قاپسىلىپ قالغان پۇقرالار ئاچارچىلىقتا قالغان ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ب د ت دىن كەلگەن ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، نۇرغۇنلىغان كىچىك بالا ۋە بوۋاقلار يېمەكلىك يېتىشمەسلىك ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن قازا قىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. تۈمەنلىگەن پۇقرالار قەستەن بومباردىمان ئارقىلىق ئۆلتۈرۈلۈشتىن سىرت، يېمەكلىك ۋە سۇغا ئېرىشەلمەسلىك سەۋەبىدىنمۇ ھاياتىدىن ئايرىلماقتا. ئەپسۇسكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ كۆزلىرى ئالدىدا يۈز بەرمەكتە. ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى گەرچە ئوبرازلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەر خىل بايانات ۋە ھەرىكەتلەردە بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ۋە قىرغىنچىلىقىنى ھەم سىياسىي، ھەم ھەربىي جەھەتتىن كەڭ كۆلەمدە قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتە. بولۇپمۇ ئامېرىكا ھاۋا كۆۋرۈكى قۇرۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ئوق-دورا توشىماقتا. ب د ت خەۋسىزلىك كېڭىشى قاتارلىق ئورگانلارمۇ ئىسرائىلىيەگە پايدىلىق مەيدان تۇتۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا. گەرچە بايدىن نېتانياھۇغا تۈرلۈك تەلەپلەرنى قويغاندەك قىلسىمۇ ۋە ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا باياناتلارنى ئېلان قىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئىسرائىلىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

  غەززەدە يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىقلار ھازىر كىچىك بالا ۋە بوۋاقلارنىڭ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتە تۇرغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. ئىسرائىلىيەنى قوللاۋاتقان غەرب دۇنياسى ئەلۋەتتە بۇ جىنايەتلەرنىڭ ھەممىگە شېرىكتۇر. غەربتە ئالەمشۇمۇل ۋىجدان ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان نۇرغۇن كىشىلەرمۇ بار، ئەلۋەتتە. ئۇلار بايانات ئېلان قىلىش ۋە ھەرىكەت تەشكىللەشتىن يانماي كەلمەكتە. لېكىن دۆلەت قاتلىمىدا سىياسەت ئۆزگەرگىنى يوق.

 نىتانىياھۇنىڭ ئۇرۇش كابىنېتى ھاماسنى ھەربىي جەھەتتىن يوقىتالمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىغان بولغاچقا ئۇلار ئاساسلىق دىققىتىنى ھاماسنى ئەمەس، بەلكى غەززەنى يوقىتىشقا، پۇقرالارنى قىرغىن قىلىشقا ۋە خەلقنى سىنا يېرىم ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىشقا مەركەزلەشتۈرمەكتە. تۈركىيە ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى بىر ۋىجدان ئىتتىپاقى قۇرۇشقا تىرىشماقتا. لېكىن نە ئىسلام دۆلەتلىرى، نە باشقا دۆلەتلەر ئىسرائىلىيەگە قارشى چېكىندۈرۈش خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويغىنى يوق. بولغۇلۇقنىڭ ھەممىسى غەززەدىكى پۇقرالارغا، كىچىك بالىلارغا ۋە بوۋاقلارغا بولماقتا.

بەلكىم ئىراننى تىرناق ئىچىگە ئېلىشقا بولسا كېرەك. ئىران ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچى تارماقلىرى بولغان ھىزبۇللاھ بىلەن خۇسىيلار ئىسرائىلىيەگە قارشى تۆۋەن سەۋىيەدە ھەربىي ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. خۇسىيلارنىڭ قىزىل دېڭىزنى ۋە بابىل ماندەبنى توسۇپ قويۇشى يۇقىرىقى نۇقتىدىن ئۈنۈملۈكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەنى توسۇشقا يېتەرلىك ئىستراتېگىيە دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ، ھىزبۇللاھ بۇ ئۇرۇشنىڭ بېشىدا ئىنتايىن كەسكىن سۆزلەرنى قىلىپ، «ئەگەر ئىشغالىيەت باشلىسا، بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەش قىلىمىز» دېگەن تۇرۇغلۇق سۆزىگە ئەمەل قىلماي، كۈتۈلگەندىن تولىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە ھەرىكەت قىلماقتا. بۇ يەردە ئەلۋەتتە ئامېرىكانىڭ رايوندا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، تەھدىت سېلىشلىرى تەسىر كۆرسەتكەن بولىشىمۇ مۇمكىن.

  ئاخىرىدا، ئىسلام دۆلەتلىرى نە دىپلوماتىك، نە سىياسىي، نە ھەربىي جەھەتتىن ئىسرائىلىيەنى توسىدىغان ھېچقانداق ھەرىكەت قىلمىدى. غەرب دۆلەتلىرى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئىسرائىلىيەنى قىرغىنچىلىقىغا شېرىك بولىدىغان شەكىلدە ھەربىي ۋە سىياسىي ياردەملەر بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشۇرماقتا.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر