بىتلىس ئاھلات ھاسىسى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 9

2107877
بىتلىس ئاھلات ھاسىسى

بىتلىس ئاھلات ھاسىسى

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «بىتلىس ئاھلات ھاسىسى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ئاھلات ھاسىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 26.12.2017

****** ********* ******

تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونىدىكى ۋان كۆلى بويىغا جايلاشقان بىتلىس شەھىرىنىڭ تارىخى ناھىيەسى ئاھلات، بولۇپمۇ ئانادولۇ ۋە تۈرك تارىخى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ناھىيەدە تېپىلغان ئۇرارتۇ، سەلجۇقىي، ئاققويۇنلۇ ۋە ئوسمانلى دەۋرىگە تەۋە يادىكارلىقلار رايون ھەققىدە شۇنداقلا تۈركلەرنىڭ ئانادولۇغا كېلىشى ھەققىدە مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئەھلات ناھىيەسى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەلا سۈپەتلىك قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان، ھەم كۈندىلىك ئىشلىتىشكە، ھەم سەنئەت قىممىتىگە ئىگە بىر ھاسىغىمۇ ئۆز ئىسمىنى بەرگەن بولۇپ، ھاسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە ياسىلىش شەكلى نەچچىلەگەن ئەسىرلەرگە تۇتىشىدۇ.

«ئەھلات ھاسىسى» 2017-يىلى ئەھلات ناھىيەلىك ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. بۇ ھاسا رايوندا ئالاھىدە يېتىشىدىغان ياڭاق دەرىخىدىن ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئەھلاتتىكى ياڭاق دەرەخلىرىنى ئاسراش ۋە سۇغۇرۇش سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. شۇڭلاشقا دەرەخنىڭ شاخچىلىرى ئۇزۇن قاداقلىرى ئاز بولىدۇ.

«ئەھلات ھاسىسى»  ئىككى خىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ياشانغانلار ۋە بىمارلارنىڭ كۈندىلىك ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغان قېلىن ھاسىدىن باشقا يەنە، سوۋغات، بېزەكلىك ۋە ساياھەت مەقسەتلىرى ئۈچۈنمۇ رايوندىكى قول ھۈنەرۋەن ئۇستىلىرى تەرىپىدىن ئەستايىدىل ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ھاسا ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل، ئىشلىتىلىدىغان ياڭاق دەرىخىنىڭ 1 يىلغىچە قەتئىي قۇياش نۇرى كۆرمەستىن 2 يىل قۇرۇتۇلغان بولىشىدۇر.  بۇ ھاسىنىڭ چىدامچانلىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم شەرتتۇر. ماشىنىلارنىڭ ياردىمىدە مەلۇم شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن ھاسىلار  شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۇستىلارنىڭ قول ھۇنەر- سەنئىتى بىلەن پۈتۈپ چىقىدۇ.  ھاسا ئۇستىلىرى بەلگىلەنگەن گۆۋدىسى ۋە تىپىغا كۆرە، ئويۇش، قېقىش، كۆيدۈرۈش ۋە بوياش تېخنىكىلىرىدىن بىربىرلەپ ئۆتكۈزىلىدۇ. ھاساغا زور قىممەت قوشىدىغان مەرمەر تاش، چوڭ نەقىش ۋە كىچىك تىپتىكى نەقىشلەر ئۇستىلار تەرىپىدىن ئەھلات ھاسىسىنىڭ گۆۋدە قىسمىغا ئەستايىدىللىق بىلەن نەقىشلىنىدۇ. ھاسىنىڭ تۇتقۇچىغا ھايۋانات باشلىرى ئويىلىدۇ ياكى ئالتۇن، كۈمۈش قاتارلىق قىممەتلىك مېتاللار ئىشلىتىلىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «بىتلىس ئاھلات ھاسىسى» نى تونۇشتۇردۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەيىر خوش!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر