تۈركىيەدە بايقىلىۋاتقان نېفىتلىكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى

ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيەدە بايقىلىۋاتقان نېفىتلىكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.

2106912
تۈركىيەدە بايقىلىۋاتقان نېفىتلىكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى

تۈركىيەدە بايقىلىۋاتقان نېفىتلىكلەر ۋە تۈركىيەنىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسىدىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگىچە، تەبىئىي گازدىن نېفىتكىچە بولغان ساھەلەردە غايەت زور تۈرلەرنى يولغا قويدى.

تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم 1940-يىلى باتماندىكى رامان -1 نېفىتلىكى بايقالدى. يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا، گابار قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئانادولۇ رايونىدا نۇرغۇن يېڭى نېفىتلىكلەر بايقالدى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە 6 مىڭغا يېقىن نېفىت قۇدۇقى بار. بۇ قۇدۇقلارنىڭ تەخمىنەن 2500 ىدە نېفىت ئىشلەپچىقىرىلماقتا. ئەڭ يېڭى تەخمىنلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈركىيە 1 مىليارد 300 مىليون توننا نېفىت زاپىسىغا ئىگە.

تۈركىيە كانچىلىق ۋە نېفىت ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 1999-يىلى كۈندىلىك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 59 مىڭ ۋارىل بولۇپ، بۇ مىقدار 2020-يىلىغا كەلگەندە 64 مىڭ ۋارىلغا، 2021-يىلى 69 مىڭ ۋارىلغا، 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بولسا، 80 مىڭ ۋارىلغا يەتكەن.

ئەنقەرە گابار تېغىدا بايقالغان نېفىت زاپىسىدىن ناھايىتى ئۈمىدۋار. 200 مىليون ۋارىلغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان نېفىتنىڭ قىممىتىنىڭ 13 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا؛ بۇ بايقاش بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان نېفىت زاپىسى 450 مىليون ۋارىلدىن 600 مىليون ۋارىلغا يەتتى.

تۈركىيە نېفىت ھەسسىدارلىق شىركىتى شېھىت ئايبۈكە يالچىن نېفىتلىكىدە بايقالغان نېفىتنىڭ ئومۇمىي زاپىسىنىڭ تەخمىنەن 1 مىليارد ۋارىل، ئىشلەپچىقىرىشقا بولىدىغان زاپاسنىڭ بولسا، تەخمىنەن 600 مىليون ۋارىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

تۈركىيە يېڭى نېفىتلەرنىڭ بايقىلىشى بىلەن بىرلىكتە، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى يېڭىلاپ، كۈنىگە 100 مىڭ ۋارىل ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى 200 مىڭ ۋارىلغا چىقاردى.

ئىزدەش-چارلاش خىزمەتلىرى كۈنسېرى كېڭەيتىلگەن ھالدا ئۈزلۈكسىز داۋام قىلماقتا. پات يېقىندا 14 ۋىلايەتتىكى 18 ئورۇندا نېفىت چارلاش مەشغۇلاتلىرى باشلىنىدۇ؛ بۇ 14 ۋىلايەت غازىئانتەپ، ئانتاليا، چاناققەلئە، شانلىئۇرفا، زونگۇلداق، دىيارباكىر، ھاككارى، بارتىن، قارابۈك، كاستامونۇ، ئەلازىغ، ئەدىرنە، قاھرامانماراش ۋە كىلىس قاتارلىقلاردىن ئبىارەت.

تۈركىيەنىڭ نېفىت بايقاشلىرىنىڭ چەت ئەل ئېنېرگىيەسىگە بولغان تايىنىشچانلىقنى ۋە ئېنېرگىيە ئىمپورت چىقىمىنى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىمۇ تەكىتلەنمەكتە. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ بولۇپمۇ ئېنېرگىيەدە مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلىنىش نىشانىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم.

تۈركىيە نېفىت چارلاش پائالىيەتلىرىنى قۇرۇقلۇقتىلا ئەمەس، دېڭىزدىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

بۇ يۆنىلىشنى بويلاپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان 4 بۇرغىلاش ۋە 2 چارلاش پاراخوتى مەشغۇلات باشلىدى. بۇرغىلاش پاراخوتلىرىدىن فاتىھ، ياۋۇز ۋە قانۇنى قارا دېڭىزدا، ئابدۇلھەمىدخان پاراخوتى بولسا، ئاساسلىقى ئاق دېڭىزدا چارلاش نەتىجىلىرىگە ئاساسەن، بۇرغىلاش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

بۇ يىل شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى ئىجازەتنامىلىك رايونلىرىدا ھىدرو كاربون چارلاش ۋە بۇرغىلاش پائالىيەتلىرى كۈچەيتىلىدۇ. قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا بولۇپ، جەمئىي 250 يەردە بۇرغىلاش ئېلىپ بېرىش پىلانلانماقتا.

نۆۋەتتە، تۈركىيە ئەڭ كۆپ چىقىم قىلىدىغان ساھە «ئېنېرگىيە» ساھەسى... بۇلتۇر 2 مىليون 965 مىڭ 664 توننا خام نېفىت ئىمپورت قىلىندى. بۇ سان خامچوت ۋە ھېسابات قىزىل رەقىمىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيە دەسلەپكى قەدەمدە نېفىت ئېھتىياجىنىڭ 20 پىرسەنتىنى دۆلەت ئىچىدىكى نېفىتلىكلەر ئارقىلىق قامدايدۇ. بۇ مىقدار ھېسابات قىزىل رەقىمىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر