ئانتاكيا كۈنەفەسى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 7

2098245
ئانتاكيا كۈنەفەسى

ئانتاكيا كۈنەفەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ئانتاكيا كۈنەفەسى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ئانتاكيا كۈنەفەسىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى: 14.04.2006

 تۈركىيەنىڭ ئاقدېڭىزدىكى ساھىل شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان خاتاينىڭ ئانتاكيا ناھىيەسى ئۆزىنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئالاھىدە تاتلىق تۈرۈم بىلەن مەشھۇر. 2006 - يىلى ئانتاكيا سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئانتاكيا كۈنەفەسى ئۈچۈن تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان پىشلاق، سېرىق ماي ۋە شەربەت ئىشلىتىلىدۇ. بۇ تاتلىق تۈرۈم چوڭ ۋە يۇمىلاق تەخسىگە ئىككى قەۋەت سىم كادايىف ئارىسىدا كۈنەفە پىشلىقىنى پىشۇرۇپ، كۆڭۈلدىكىدەك تاتلىق شەربىتىنى ئىلاۋە قىلىش ئارقىلىق تەييارلىنىدۇ. تەخسىنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى ئىستېمال قىلىنىدىغان كىشى سانىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. ئانتاكيا كۈنەفەسىنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 2-1 سانتىمېتىر كېلىدۇ. قىزىق يېيىلىدىغان بۇ تاتلىق تۈرۈم ئىستېمال قىلىنىش جەريانىدا، ئىچىدىكى پىشلاقنىڭ تالالىنىپ سوزۇلۇشى كۈتىلىدۇ. ئىشلىتىلگەن تۇزسىز پىشلاقنىڭ ساقلاش مۇددىتى 2-3 كۈن بولغاچقا، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا چوقۇم يېڭى پىشلاق بولۇشى شەرت. كونا پىشلاق ئانتاكيا كۈنەفەسىنىڭ تەمىنىڭ بۇزۇلۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. ئانتاكيا كۈنەفەسى تۈركىيەدە ئىشلەپچىقىرىلىدىغان باشقا پىشلاقلىق تاتلىق تۈرۈملەردىن شەكلى، رەڭگى، تەركىبى، تەييارلىقى ۋە ئىستېمال ئۇسۇلى جەھەتتەپەرقلىق بولىدۇ. باشقا پىشلاقلىق تاتلىق تۈرۈملىرىگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئانتاكيا كۈنەفەسىنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى يۈزى ئايرىم -ئايرىم پىشۇرۇلىدۇ. بۇ ئالاھىدە ئۇستىلىق تەلەپ قىلىدىغان بىر جەريان. تاتلىق ھالغا كەلتۈرۈش جەريانى، كۈنەفە پېشۇرۇلغاندىن كېيىن، شەربەت قوشۇش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تاتلىق تۈرۈم ئومۇمەن ئۈستىگە پىستە چېچىپ، قايماق ياكى ماروژنا بىلەن بىرگە سۇنۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر