تۈركىيە ئېنىرگىيە ساھەسىدە قۇياشقا يۈزلەنمەكتە

ئېنېرگىيە دۇنياسى (07)

2100705
تۈركىيە ئېنىرگىيە ساھەسىدە قۇياشقا يۈزلەنمەكتە

تۈركىيە ئېنىرگىيە ساھەسىدە قۇياشقا يۈزلەنمەكتە

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قۇياش بىزنى ئىللىتىدۇ، كۈلۈمسىرىتىدۇ، زىرائەتلىرىمىزنى ئۆستۈرىدۇ. يەر شارى ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ ... «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۇگۈنكى بۆلۈمىدە، تۈركىيەنىڭ ئېنىرگىيە ساھەسىدە قۇياشقا يۈزلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز. چۈنكى قوياش ھازىر بىردىنبىر مۇقىم ۋە تۈگىمەس ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.

**** ***** **** ***** *****

قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلما ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىن ئاسان بولۇشتىن باشقا يەنە، مۇھىتنى بۇلغىماسلىق ۋە زىيانلىق تاشلاندۇق پەيدا قىلماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەنمۇ ئەڭ يېشىل سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى دەپ تەرىپلىنىدۇ.

قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇياشنىڭ يادروسىدىكى بىرىكىش جەريانى بىلەن قويۇپ بەرگەن نۇرلۇق ئېنېرگىيە دەپمۇ بىلىنىدۇ.

يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە تۈركىيە، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە ئۆتۈشنى تېزلىتىپ، كۆمۈردىن ھاسىل قىلىنغان ئېنېرگىيەنىڭ مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىجىل ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش سۈرئىتىنى تېزلەشتۇردى. بۇ دائىرىدە قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىمۇ كۈندىن-كۈنگە كېڭەيمەكتە.

***** ******* ********

گەرچە قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن توك ھاسىل قىلىشنىڭ كۆپ خىل ئۇسۇلى بولسىمۇ، ئومۇمىي يۈزلىنىش قۇياشتىن كەلگەن نۇرنى بىۋاسىتە توكقا ئايلاندۇرىدىغان يورۇقلۇق ۋولت سىستېمىسىغا مەركەزلىشىش بولماقتا.

قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش تەتقىقاتلىرى بولۇپمۇ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن كېيىن جانلاندى. قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىلىرى تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەش ۋە تەننەرخىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىكىنى نامايان قىلدى.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، قۇياش ئېنېرگىيەسىگە سېلىنغان مەبلەغ 2030-يىلدىن بۇرۇن نېفىت ۋە تەبىئىي گازغا سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2023-يىلى دۇنيا ئېنېرگىيە ساھەسىدە 1 تىرىليون 700 مىليارد دوللار پاكىزە ئېنېرگىيە تېخنىكىسىغا، 1 تىرىليون 100 مىليارد دوللار قاتما يېقىلغۇ مەنبەلىك ئېنېرگىيە ساھەسىگە بولۇپ، جەمئىي 2 تىرىليون 800 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان.

مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ مەبلەغلەر ئىچىدە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە 380 مىليارد دوللار ئايرىلغان.

***** ******** *******

ئۇنداقتا تۈركىيەدە ئەھۋال قانداق؟ ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي تارماقلارنىڭ ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟

تۈركىيە جۇغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن قۇياش ئېنېرگىيەسى جەھەتتە زور ئەۋزەللىككە ئىگە بىر دۆلەت.   

تۈركىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى تەييارلىغان «قۇياش ئېنېرگىيەسى ئەۋزەللىك خەرىتىسى» گە قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە قۇياش نۇرى ۋاقتى 2 مىڭ 741 سائەت بولۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە رادىياتسىيە قىممىتى 1527.46 كىلوۋات سائەت.

بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ قۇياش ئېنېرگىيە زاپىسىنىڭ 2035-يىلغا قەدەرتەخمىنەن %500 ئېشىش بىلەن 52.9 گىگاۋاتقا يېتىشى، قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلما سىغىمى جەھەتتە ئەڭ يۇقىرى مەنبەگە ئايلىنىشى نىشان قىلىنماقتا.

**** **** ******* ****** *********

تۈركىيەنىڭ 2000 – يىلىدىن 2020-يىللىرىغىچە بولغان مەزگىلدە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.4 ئېشىۋاتقان توك سەرپىياتى 2035 - يىلغىچە ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.5 ئېشىپ، 510.5 تېراۋات سائەتكە يېتىىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاخىرقى ئېنېرگىيە سەرپىيات نىسبىتى 2020-يىلى %21.8 بولغان بولۇپ، 2035 – يىلىدا %24.9 كە يېتىدىغانلىقى ھېسابلانماقتا.

تۈركىيەنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 95.9 گىگاۋات بولغان ئېلېكتېر قۇرۇلما كۈچى 2035 - يىلى 189.7 گېگاۋاتقا، سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلما كۈچىدىكى ئۈلۈشى 2020 – يىلدىكى %52 تىن 2035 – يىلىدا %64.7 كە ئۆرلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

بۇ مەزگىلگە قەدەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەسى 96.9 گىگاۋات يېڭى ئېلېكتېر سىغىمى بىلەن %74.3 نى سىجىل ئېنېرگىيەنىڭ تەشكىل قىلىىشى پىلانلانماقتا. سىجىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ سىغىمچانلىق ئېشىششىنىڭ قۇياش ئېنېرگىيەسىدە بولۇشى پىلانلانلانماقتا.

تۈركىيەنىڭ 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 6.7 گىگاۋات بولغان قۇياش ئېنېرگىيە قۇرۇلما كۈچىنىڭ 2035 - يىلىدا 52.9 گىگاۋاتقا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ ئېشىش تۈركىيەنىڭ 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 9.32 گىگاۋات بولغان قۇياش ئېنېرگىيەسى قۇرۇلما كۈچىنىڭ 2035 – يىلىدا تەخمىنەن %500 ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 2035-يىلىدا 52.9 گىگاۋات قۇرۇلما كۈچىگە يەتكەن تەقدىردە، قۇياش ئېنېرگىيەسى تۈركىيەنىڭ ئېلېكتىر قۇرۇلما كۈچىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۈلۈش مەنبەسىگە ئايلانغان بولىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر