ئەرزۇرۇم «ئولتۇ تېشى»

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى – 6

2098221
ئەرزۇرۇم «ئولتۇ تېشى»

ئەرزۇرۇم «ئولتۇ تېشى»

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا ئاساسەن تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، « ئەرزۇرۇم ئولتۇ تېشى» نى تونۇشتۇرىمىز.

ئەرزۇرۇم «ئولتۇ تېشى» نىڭ تىزىملىتىىلغان ۋاقتى: 19.03.2012

 تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئانادولۇ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىىڭ بىرى بولغان ئەرزۇرۇم، بولۇپمۇ تەسبىھ ۋە زىبۇ-زىننەت ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان ھەمدە نامىنى ئولتۇ رايونىدىن ئالغان «ئولتۇ تېشى» بىلەن مەشھۇر. رايوندىكى «قارا كەھرىۋا» دەپمۇ ئاتىلىدىغان ئولتۇ تېشى 2012 - يىلى ئولتۇ سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. ئولتۇ تېشى، چىلان دەرىخىنىڭ يەر ئاستىدا تاش قاتمىسىغا ئايلىنىپ قاتتىقلىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللىنىدۇ. ئولتۇ تېشىنىڭ ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى، يەر ئاستىدىن چىقىرىلغاندا ئىنتايىن يۇمشاق بولۇپ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشمىغان ئەھۋالدا يۇمشاقلىقىنى ساقلاپ قىلىپ، ھاۋا بىلەن ئۇچراشقان ھامان قاتتىقلىشىدىغانلىقىدۇر. بۇ ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئولتۇ تېشى ئويمىچىلىقى ئاسان، ئەمما پىششىقلاپ ئىشلىنىش جەريانىدا ھاۋا بىلەن ئۇچرىشىپ قاتتىقلىشىدىغان ۋە ئىشلەتكەنسىرى پارقىرايدىغان گۆھەر ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئادەتتە قارا رەڭلىك، بەزىدە قېنىق قوڭۇر رەڭلىك، نادىر ھالدا كۈلرەڭ ۋە يېشىل رەڭلىكمۇ بولىدۇ. ئولتۇ تېشى كانلاردا «گاللېرى» دەپ ئاتىلىدىغان كىچىك كانلاردىن ئىنسان ئەمگىكى بىلەن ناھايىتى تەستە چىقىرىلىدۇ. ئۇ ئاساسەن تەسبىھ ياساشتا ئىشلىتىلىدۇ، ئەمما قۇرۇلمىسى تېز سۇنىدىغان ئاجىز بولغاچقا، ئۇنى پىششىقلاپ ئىشلەش ناھايىتى قويۇق قول ئەمگىكى ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. ئولتۇ تېشى بەدەنگە تەگكەندە پاسسىپ ئېنېرگىيەلەرنى يوقىتىپ، روھى سىقىلىشنى ئازايتىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. ئاغرىقنى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىنمۇ ئولتۇ تېشى مىللىي تىبابەت ساھەسىدە سوزۇلما خاراكتېرلىك باش ئاغرىقىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر