سۇنىڭ كۈچى «يورۇقلۇق» بېرىدۇ

ئېنېرگىيە دۇنياسى – 06

2097401
سۇنىڭ كۈچى «يورۇقلۇق» بېرىدۇ

سۇنىڭ كۈچى «يورۇقلۇق» بېرىدۇ

 ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، سۇنىڭ ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىشتىكى مۇھىملىقى ۋە سۇنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوغداش ئۈچۈن تۈركىيە ئىشقا ئاشۇرغان لايىھەلەر ھەققىدە ئۈستىدە توختىلىمىز. 

*** ***** *** ******* *

دەريا بويىدا ئولتۇرغاندا، يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان سۇنىڭ ئۆيىڭىزنى يورۇتىدىغانلىقىنى ياكى يېڭى ئەۋلاد ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىلىڭىزنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

تۈركىيەنىڭ ئومۇمىي توكىنىڭ ئۈچتىن بىرى 32 مىڭ 400 مېگاۋات توك سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ. يەرلىك سېجىل ۋە پاكىز توك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا ھېچقانداق ئەخلەت ۋە كاربون قويۇپ بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشىدۇ.

2002-يىلدىن بۇيان يۇسۇفەلى توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئىلىسۇ توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، دەرەنەر توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى، ئەرمەنەك توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قاتارلىق دۇنيا مىقياسىدا مۇھىم قۇرۇلۇشلار قاتارىدا ئورۇن ئالغان 625 سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

****** ** ******* *******

يىللىق سۇ ئېلېكتر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 22 يىل ئىلگىرى 45 مىليارد كىلوۋات سائەت بولۇپ، ھازىر تەخمىنەن 112 مىليارد كىلوۋات سائەتكە يەتتى.

تۈركىيەنىڭ قۇرۇلما توك سىغىمىنىڭ ئۈچتىن بىرىنى 32 مىڭ 400 مېگاۋاتلىق قىسمىنى سۇ ئېلېكتر تەشكىل قىلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن تۈركىيەدىكى ھەر ئۈچ چىراغنىڭ بىرى سۇ ئېلېكتېر ئېنېرگىيەسىنى ئىشلىتىدۇ.

بۇ يەردىكى نىشان بايلىقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا «ئېنېرگىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بىر تۈركىيە» نى قالدۇرۇش دەپ بېكىتىلدى.

يۈسۈفەلى توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تۈركىيەدىكى ئەڭ ئېگىز توسما بولۇپ، ئېگىزلىكى 275 مېتىر كېلىدۇ ۋە ئۆز كاتېگورىيەسىدە دۇنيا بويىچە 5 - ئېگىز توسما ھېسابلىنىدۇ. بۇ لايىھە ئانتاليا چوڭلۇقىدىكى بىر شەھەرنىڭ نوپۇسىغا تەڭ كېلىدىغان 2 مىليون 500 مىڭ كىشىنىڭ توك ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە توك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 1 مىليارد 900 مىليون كىلوۋات سائەت.

ئىلىسۇ توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىمۇ قاچىلاش سىغىمى جەھەتتە تۈركىيەنىڭ ئاتاتۈرك، كاراكايا ۋە كەبان توسمىلىرىدىن قالسىلا 4 - -چوڭ ئېلېكتر ئىستانسىسى بولۇپ، سۇ سېغىمچانلىقى جەھەتتە 2-چوڭ توسما ھېسابلىنىدۇ.

***** ******** ***********

ئىلىسۇ توسمىسىنىڭ ئېگىزلىكى 135 مېتىر، سۇ سېغىمچانلىقى 24 مىليون كۇب مېتىر كېلىدۇ ۋە بېتون يۈزى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2020-يىلى 19 - مايدا تۇنجى توك ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىغان ۋە 2020-يىلى 23 - دىكابىردا تولۇق ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بۇ ئېلېكتېر ئىستانسىسى بۈگۈنگە قەدەر 8 مىليارد كىلوۋات توك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن دۆلەت ئىقتىسادىغا تەخمىنەن 23 مىليارد لىرا تۆھپە قوشتى.

دەرەنەر توسمىسى ۋە سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى تۈركىيەنىڭ يۈسۈفەلى توسمىدىن قالسىلا 2 – ئەڭ ئېگىز توسمىسى بولۇپ، ئېگىزلىكى 249 مېتىر كېلىدۇ، 670 مىڭ مېگاۋات قۇرۇلما كۈچى بىلەن ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 2 مىليارد 118 مىليون كىلوۋات سائەت توك تارقىتالايدۇ.

سۇ ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىدە دۇنيا مىقياسىدا قۇرۇلما كۈچى رەت تەرتىپىدە، تۈركىيە دۇنيا بويىچە 9-ئورۇندا، ياۋروپا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتاي 415 مىڭ مېگاۋات بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، بىرازىلىيە 110 مىڭ مېگاۋات بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، ئامېرىكا 102 مىڭ مېگاۋات بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

**** ***************

تۈركىيەنىڭ توسمىلارغا سالغان مەبلەغلىرى توك ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم، ئەمما بۇ توسما قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم بولۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس. تۈركىيە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارىنى نەزەردە تۇتقاندا، سۇ بېسىمىغا گىرىپتار بولغان دۆلەت دەپ قارىلىدۇ. مۆلچەرگە قارىغاندا، تۈركىيەدە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى بۈگۈنكى كۈندە 1519 كۈپ مېتېر بولۇپ، 2030-يىلى نوپۇس 100 مىليونغا يېتىشى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۇ مىقدارى 1100 كۈپ مېتېرغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ تۈركىيەنى سۇ جەھەتتە نامرات دۆلەتلەر قاتارىغا ئەكىرىپ قويىدۇ. بۇ ۋەجىدىن سۇنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم لايىھە ئىشقا ئاشۇرۇلماقتا.  

تۈركىيەدە ئىشلىتىشكە بولىدىغان سۇ بايلىقىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن توسما، كۆلچەك قاتارلىق ساقلاش ئەسلىھەلىرىنىڭ تاماملىنىشى تېزلىتمەكتە. ھازىر بۇ ئەسلىھەلەرنىڭ ساقلاش سىغىمى 186 مىليارد كۇب مېتىرغا يەتتى. 2025-يىلغىچە بۇنىڭغا يەنە 8 مىليارد كۇب مېتىر قوشۇش نىشان قىلىنماقتا.  

******** *************

سۇ باشقۇرۇش ئىدارىسىمۇ سۇ بېسىمىغا قارشى كۈرەشتە ئاكتىپ رول ئوينىماقتا. ئىچىلىدىغان ۋە ئىشلىتىدىلىدىغان سۇ ئويمانلىقىنى قوغداش پىلانىدىن باشقا يەنە، تارماقلارنىڭ سۇ بايلىقىنى ئىشلىتىشنى توغرا پىلانلاپ، سۇ ئىشلىتىدىغان ساھەلەردە سۇنىڭ ئادىل ۋە تەڭپۇڭ ھەمبەھىرلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق قولغا كېلىدىغان پايدىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش مەقسىتىدە سۇ تەقسىملەش مۇئەسسسەلىرى پىلانماقتا.

تۈركىيە مىقياسىدا 246 يەر ئاستى سۇ توسمىسى سېلىنماقتا. بۇ توسمىلار «يەر ئاستى سۈيىنى تولۇقلاش مۇئەسسىسەلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۈگۈنگە قەدەر تاماملانغان توسمىلارنىڭ سانىنىڭ 150 كە يەتكەنلىكى مەلۇم. پۈتكەن يەر ئاستى توسمىلاردىن بولسا، 36 مىڭ دەكار يەرگە سۇغۇرۇش سۈيى ۋە 21 مىليون كۇب گېكتومېتىر ئىچىملىك ​​سۇيى تەمىنلەنمەكتە.

يەر ئاستى توسمىلارغا يىغىلىپ قالغان سۇنى زۆرۈر تېپىلغاندا يەر يۈزىگە تارتىپ چىقارماقتا. يەر ئاستىدىن تاتلىق سۇنىڭ دېڭىزغا بىھۇدە ئېقىشىنىڭ ئالدى ئېلىنماقتا. تاتلىق سۇ بىلەن تۇزلۇق سۈنىڭ ئارىلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىئېلىنىشتىن باشقا يەنە، پارغا ئايلىنىشىمۇ توسۇپ قىلىنماقتا.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر