باتارېيەنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۇرمۇشنى قولايلاشتۇرغان تاسادىپىي بايقاشلار» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، باتارېيەنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

2105608
باتارېيەنىڭ كەشىپ قىلىنىش ھېكايىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: توك زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسى بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە، توكسىز ھايات «قىيامەت» دەپ تەسۋىرلەنمەكتە. نەچچە مىڭ يىللار بويىچە تەبىئەتتە ئەركىن ھالەتتە مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن توك، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان، بىر مەزگىل ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پەن – تەتقىقاتچى بېنجامىن فىرانكلىننىڭ مەشھۇر لەگلەك ئۇچۇرتۇش تەجرىبىسى سايىسىدا زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ بىر ئابىدىسىگە ئايلاندى. ئالىملار فرانكلىننىڭ تەجرىبىسى سايىسىدا بايقالغان ئېلېكتىر ئېقىمى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلىپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ مۇلازىمىتىگە سۇنۇلدى. ئەمما، دەسلەپكى يىللاردا توك ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر تۈپ مەسىلە بار ئىدى. 1800-يىللىرىدىن باشلاپ توكنىڭ قانداق ئىشلەپچىقىرىلىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنى ساقلاش ۋە يۆتكەش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىز قالماقتا ئىدى.

  *  *  *  *

بۇ تېمىدىكى تۇنجى كۆرۈنەرلىك تەتقىقات ئوخشىمايدىغان بىر ساھە بولغان ھايۋان بىيولوگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىزدىنىشلەر جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئىتالىيەلىك پەن - تەتقىقاتچى لۇيىگى گالۋانى بىر تەجرىبىسى جەريانىدا تاسادىپىي جانلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان بىيوئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بايقايدۇ. 1737-يىلى ئىتالىيەدە دۇنياغا كەلگەن ۋە دادىسىغا ئوخشاشلا دوختۇرلۇق كەسپىنى تاللىغان گالۋانى، 1787-يىلى پاقا بىيولوگىيەسى ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق تەجرىبىسى جەريانىدا، بىيوئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى بايقايدۇ ۋە جانلىق توقۇلمىلارنىڭ ئېلېكتىر ئېقىمى سايىسىدا ھەرىكەتلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ تاسادىپىي بايقاش توكنىڭ جانلىقلار ئارقىلىق يۆتكىگىلى بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنى بەدەندە ساقلاشنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم قەدەمنى ئىتالىيەلىك فىزىك ئالېساندرو ۋولتا تاشلايدۇ. گالۋانىنىڭ تەتقىقاتلىرىنى تۇتقا قىلغان ۋولتا، 1799-يىلى مىس ۋە سىنك مېتاللار ئارىسىغا تۇز سۈيىگە چىلانغان رەختنى قويۇپ، تۇنجى قېتىم تەجرىبىخانا مۇھىتىدا ئېلېكتىر ئېقىمى ھاسىل قىلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق توكنى خىمىيەلىك نۇقتىدىنمۇ ئىشلەپچىقارغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان ۋولتا، بۇ ئارقىلىق ئىلىم-پەن دۇنياسىدىكى تۇنجى باتارېيە بولغان «ۋولت باتارېيەسى» نى كەشىپ قىلىدۇ. ۋولتانىڭ بايقىشى ئېلېكتىر ساھەسىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، نۇرغۇن فىزىك ۋە خىمىكلار بۇ ساھەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلايدۇ. 1870-يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيەدە تۇنجى ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇپ، توك ئىشلەپچىقىرىش كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنىدۇ. ئەمما ئۇنى زاپاسلاپ، كېيىنچە ئىشلىتىش مەسىلىسى يەنىلا تولۇق ھەل قىلىنالمايدۇ. ۋولت باتارېيەسىنىڭ نامى پۇر كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ھەجىمى ۋە تەننەرخى سەۋەبىدىن دېگەندەك نەزەرگە ئېلىنمايدۇ. مەسىلە توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيەلەر ئارقىلىق ھەل قىلىندى. فىرانسىيەلىك فىزىك گاستون پىلانتې تۇنجى توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيەنى بايقىدى. قوغۇشۇن كىسلاتالىق باتارېيە دەپ ئاتالغان بۇ باتارېيەلەر دەسلەپكى قەدەمدە ئاپتوموبىللاردا ئىشلىتىلىشكە باشلاپ، قاتناش ساھەسىدە يېڭى دەۋرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئاچتى.

  *  *  *  *

 بىر پاقىنىڭ پۇتىدىكى مۇسكۇللارنى ئاكتىپلاش تەجرىبىسى جەريانىدا تاسادىپىيلا بايقالغان بىيوئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك، توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيەنىڭ ئىجاد قىلىنىشىنىڭ يولىنى ئاچقانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ماشىنىدىن يانفونغىچە، خاتىرە كومپيۇتېردىن تىزگىنەكلەرگىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە ئىشلىتىدىغان، نۇرغۇن ئوخشىمىغان خىمىيەلىك ماددىلاردىن تەركىب تاپقان باتارېيەلەر بار. ئۆمرى تۈگىگەن باتارېيەلەر قالايمىقان ھالەتتە تاشلانغىنىدا، تەركىبىدىكى سىماب، قوغۇشۇن ۋە كادمىي قاتارلىق زەھەرلىك مېتاللار تۇپراققا، يەر ئاستى سۈيى ۋە ھەر خىل جانلىقلارغا زور زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇڭلاشقا كېرەكسىز باتارېيەلەرنى ئەخلەت ساندۇقلىرىغا تاشلىماستىن، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاردا قايتىدىن پىششىقلاپ ئىشلەش كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر