2024 - يىلىدا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (70)

2081897
2024 - يىلىدا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «2024 - يىلىدا تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

ئەگەر 7 - ئۆكتەبىر (2023) دىكى ۋەقەلەر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيەتنى ھېسابقا ئالمىساق، 2023 – يىلىنى تۈركىيە تاشقى سىياسىتى نۇقتىسىدىن بىر قەدەر جىمجىت ئۆتكەن يىل بولدى دېيەلەيمىز. ماي ئېيىدىكى چوڭ سايلامدىن بۇيان داۋاملاشقان نورماللىشىشقا يۈزلىنىش تاشقى سىياسەتنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينىدى. گەرچە ھەل قىلىنمىغان مەسىلىلەر بولسىمۇ، يوشۇرۇن زىددىيەتلەرنى ئازايتىش ۋە ئورتاق مەنپەئەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش تاشقى سىياسەتنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپى بولدى. سايلامدىن كېيىنكى مەزگىلدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مەركەز قىلغان ۋە ئىقتىسادنى مۇھىم نۇقتا قىلغان رايون خاراكتېرلىك تاشقى سىياسەتنى تاللىدى. سۈرىيەدىن كېلىدىغان بىخەتەرلىك خەۋپىنى ئازايتىش ئۈچۈن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە سۆھبەتلەر باشلاندى. ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشتىمۇ مۇھىم قەدەملەر تاشلاندى. ئەردوغاننىڭ قاراباغنىڭ ئازاد قىلىنىشىدا ئەزەربەيجانغا بەرگەن كۈچلۈك ياردىمى تۈركىيەنىڭ 2023-يىلى گېئوپولىتىكىلىق بىر ئويۇن قۇرغۇچى سۈپىتىدە ئورنىنى كۈچەيتتى.

ئەردوغان يەنە، تۈركىيەنىڭ غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشتى. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر يۆنىلىش سىزىشنى مەقسەت قىلدى ھەمدە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغىمۇ تەڭپۇڭلۇققا ئىگە پوزىتسىيە تۇتتى. ئۇنىڭ 2023-يىلىدا تاشلانغان يەنە بىر ئىنتايىن مۇھىم تاشقى سىياسەت قەدىمى بولسا، تۈركىيە-گىرېتسىيە باشلىقلار يىغىنى بولدى.

تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى بولسا، ھەل قىلىنمىغان بەزى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن 2024-يىلىدىمۇ كۈنتەرتىپنى ئىگىلەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكانىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيە تارمىقى ي پ گ نى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيە ئىستراتېگىيەسىدە كۆرۈنەرلىك بىرەر ئۆزگىرىشتىن ئۈمىد يوق.  بۇمۇ ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى ي پ گ نى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ي پ گ نىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى ۋە خەلقئارا تورىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، بۇ قوللاشلار تۈركىيە ئۈچۈن كۈنسېرى كۈچلۈك خىرىس ئېلىپ كېلىدۇ. رايونغا «شىمالىي سۈرىيە دېموكراتىك ھۆكۈمىتى» دەپ يېڭى ئىسىم قويۇۋالغان ۋە ئاتالمىش ​​يېڭى ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشى قاتارلىق يېقىنقى ھەرىكەتلەر تۈركىيەنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنىڭ نەقەدەر تەخىرسىزلىكىنى نامايان قىلماقتا. ي پ گ مەسىلىسىنىڭ 2024-يىلىدا نۇقتىلىق بىر تەرەپ قىلىنماسلىقى تۈركىيەگە نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك مەسىلىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن. تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باشقا تەرەپلىرىمۇ كېلەر يىلى (2024) نىڭ تولىمۇ ھەرىكەتلىك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. F-16 نىڭ سېتىلىشىدىكى ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر ۋە شىۋېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتوغا ئەزا بولۇشى ھەققىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ماقۇللايدىغان ئىجابي قارار تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋە مۇداپىئە ساھەلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەمما، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرى ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان مەيدانى قاتارلىق دىنامىكلار تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئىسرائىلىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يېقىن كەلگۈسىدە بىرەر يارىشىشنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقى تولىمۇ ئاجىزدەك قىلىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالمۇ تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىل بولۇشى مۇمكىن.

 تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ 2023-يىلىدىكى كەيپىياتنى 2024-يىلىدىمۇ داۋاملاشتۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە. ياۋروپا ئىتتىپاقى نۇقتىسىدا بىرەر جانلىنىش كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما، سايلامدىن كېيىنكى كەيپىياتنىڭ داۋاملىشىش ئېھتىماللىقى بار. ئۇكرائىنا توقۇنۇشىمۇ تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتكۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە ۋە توقۇنۇش جەريانىدىكى ئېنىقسىزلىقلار كۆزدە تۇتۇلغاندا، تۈركىيەدىن ئىستراتېگىيەلىك پوزىتسىيە تەلەپ قىلىنماقتا. كۆچمەنلەر مەسىلىسى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئەندىشىسى، ئۆزئارا ھەمكارلىقنىڭ سەۋەبلىرىنى كۈچەيتىش ئامىلى بولىدۇ. ئۆزئارا ئىقتىسادىي تايىنىشمۇ 2024-يىلىدا تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىم بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىش ۋە شەرقىي ئاقدېڭىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقلارنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. لېكىن ياۋروپادىكى ئاشقۇن ئوڭچىل ئىدېئولوگىيەلەرنىڭ كۈچىيىشى دۆلەت سىياسىتىگە ۋە تاشقى سىياسەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىچىدە تۈركىيەگە قارشى كەيپىياتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى تۇرغانلا گەپ. شۇڭا، بۇ جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزىتىشىمىز لازىم.

داۋاملىشىۋاتقان ئۇكرائىنا ئۇرۇشى 2024-يىلدىمۇ خەلقئارانىڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرسى بولۇشى ھەمدە يېقىنلىقى ۋە مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن تۈركىيەگە كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەڭ مۇھىمى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەمنى داۋاملاشتۇرۇپ-داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بۇ ياردەملەرنىڭ داۋاملىشىشى ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلسا، ياردەمنىڭ توختىشى ئۇرۇشنىڭ يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتىىشى شۇنداقلا رۇسىيەگە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ ئاقىۋەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى ئېنىق. ئەردوغاننىڭ ۋېنگىرىيە زىيارىتى جەريانىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى باياناتلىرى ۋە ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئوتتۇرىسىدا يېڭى باشلىقلار ئۇچرىشىشىنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكى ھەمدە ئاشلىق كارىدورى كېلىشىمى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مۇھىملىقىنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىدۇ. تۈركىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن سۈرىيە مەسىلىسى، جەنۇبىي كاۋكاز مەسىلىسى، لىۋىيە مەسلىسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى نەزەردە تۇتقاندا، 2024-يىلى تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.  

ئوتتۇرا شەرقتە نورماللىشىش، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئامىلى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. لېكىن، تۈركىيە بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى «نورماللىشىش» دېگەن سۆزنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلىدۇ. بۇمۇ بۇ جەھەتتە يېڭى بىر يارىشىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە قاتارنى، بولۇپمۇ مۇداپىئە ھەمكارلىقىدا بىرلەشتۈرىدىغان شۇنداقلا ئىستراتېگىيەلىك ئىتتىپاقلىق يوشۇرۇن كۈچىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدىغان يېڭى بىر رايون خاراكتېرلىك يارىشىشنى بارلىققا كەلتۈرۈشى مۇمكىن. مۇشۇنداق بولۇشىغا قارىماي، غەززە مەسىلىسىنىڭ ھەل بولماسلىقى 2024-يىلى ئوتتۇرا شەرقتە تۈركىيەگە ۋە پۈتكۈل رايونغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تېخىمۇ كەڭ مۇقىمسىزلىق مۇھىتى يارىتىشى مۇمكىن. نەتىجىدە، تۈركىيەنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەر غەززەگە قاراتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىن.

ئوتتۇرا ئاسىيا 2024-يىلى تۈركىيە ئۈچۈن، بولۇپمۇ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى دائىرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن باشقىچە بىر مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دەسلەپتە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان بۇ ئورتاقلىق تېخىمۇ ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي تەشەببۇسقا ئايلىنىشى ۋە تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەڭلىمىسىدىكى ئورنىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تاشقى سىياسەتنى يولغا قويۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈمىد قىلىنماقتا.

 ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتى ھاياتىي كۈچ ۋە كۆپ خىللىق بىلەن خاراكتېرلىنىپ، ئاخىرىدا تۈركىيەگە يېڭى رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارالىق يۆنىلىشى ئۈچۈن خىرىس ئېلىپ كېلىدىغان مەلۇم دەرىجىدە قىيىن چەكلىگۈچى رايونلۇق كەيپىيات يارىتىشى مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر