كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (قاندىللى) ...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنى، تېخىمۇ ئېنقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئىستانبۇلنىڭ قاندىللى رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىمىز، قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2081698
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (قاندىللى) ...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (قاندىللى) ...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ دېڭىزنى ۋە يېڭى جايلارنى  كۆرۈشكە ھېرىسمەن يولۇچىلىرى، ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»قا خۇش كەپسىلەر. بىز ئىستانبۇلنى، ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئەڭ گۈزەل جايلىرىنى سەيلە قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. بۈگۈنكى مەنزىلىمىز دېڭىز بويىدىكى ھەيۋەتلىك ۋىللالىرى ۋە دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان ياپيېشىل تۆپىلىكلىرى بىلەن داڭلىق قاندىللى.

*  *  *  *

ئىستانبۇل بوغۇزى كۈچلۈك ئېقىنلىرى بىلەن داڭلىق بولۇپ، ئۇلارغا ئەڭ دىققەت قىلىش كېرەك بولغان جاي بولسا، قاندىللى. چۈنكى ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى ئېقىن قاندىللىدىن باشلاپ بىر ھەسسە، بەزىدە كۆپ شىددەتلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، ماتروسلار قاندىللىنى ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى، دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەنسىرىمەڭلار، مەن بۇ ئېقىنلارنى ئوبدان بىلىدىغان تەجرىبىلىك بىر ماتروس. سىلەر قىرغاق بويىدىكى قاتار - قاتار تىزىلىپ كەتكەن ۋىللالار، سارايلارنى تاماشا قىلىپ، قاندىللى پورتىغا لەڭگەر تاشلاش ئىشىنى ماڭا قالدۇرۇپ قويۇڭلار.

قاندىللى ئىستانبۇلنىڭ ئانادولۇ تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، تارىخنىڭ ئىزنالىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان قۇرۇلۇشى ۋە ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى بىلەن تۈركىيەلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ كەلمەكتە. بىز قاندىللى تەرەپكە قاراپ كېتىۋېتىپ كۆرىدىغان تۇنجى ساراي — قىبرىسلى سارىيى. بۇ ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى دېڭىز قارايدىغان تەرىپى ئەڭ ئۇزۇن بىنا. يېشىللىقلار قوينىدىكى بۇ بىنادا 21 ياتاق ئۆي بار بولۇپ، ئۈچ ئاساسىي بۆلەكتىن تەركىب تاپىدۇ. پيېر لوتى ۋە فىرانسىيە ئىمپېراتورەسى ئېۋگېني بۇ ساراينىڭ داڭلىق مېھمانلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

بىر ئاز ئىلگىرىلىگىنىمىزدە، ئابۇد ئەفەندى سارىيىنىڭ يېنىدىن ئۆتىمىز. سىلەر ھازىر ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ» بىلەن سەيلە قىلىشنىڭ ئىمتىيازىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر؛ چۈنكى بۇ ساراينى پەقەت دېڭىز تەرەپتىنلا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئىستانبۇل بوغۇزىدىكى ئالدىنقى ئەسىردىن قالغان نادىر ئىمارەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزگىچە بىناكارلىقى بىلەن كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ يېنىدىلا يەنە بىر ئېسىل ساراي — كونت لېئون ئوستروگ سارىيى بار؛ رەڭگى ۋە بىناكارلىقى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بۇ ساراي، بىر چاغلاردا ئوسمانلى ئوردىسىدا مەسلىھەتچى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن پولشالىق كونتنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. بۇ ھەقىقەتەنمۇ نەپىس قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. سىلەرچىمۇ شۇنداق ئەمەسمۇ؟

بىز ھازىر قاندىللى پىرىستانىغا يېقىنلىشىۋاتىمىز. ئەمدى ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نى لەڭگەرلەپ، قاندىللىنى زىيارەت قىلىشنى باشلايلى.

بىزنى پىرىستاننىڭ يېنىدىكى قاندىللى جامەسى قارشى ئالىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، تولىمۇ ئاددىي كۆرۈنىدىغان بۇ جامەنىڭ چوڭ دېرىزە ۋە كاھىش بېزەكلىرى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ يەردىن بىز دېڭىز قىرغىقىنى بويلاپ ئەدىب ئەفەندى سارىيىغا قاراپ ماڭىمىز. بۇ ساراي مەن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندەك، ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئېقىن سۈرئىتى ئەڭ تېز يەرلىرىنىڭ بىرىگە جايلاشقان. كۆرۈۋاتقىنىڭلاردەك، بۇ بىنا دېڭىز قىرغىقىدا ئەمەس، بەلكى دېڭىزنىڭ ئىچىدە. ئۇزۇن يىللار جەريانىدا كۆپ قېتىم ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن ئەدىب ئەفەندى سارىيى (ۋىللاسى)نىڭ ئىستانبۇل بوغۇزى مەنزىرىسى ھەقىقەتەنمۇ گۈزەل.

ئەمدى ئوسمانلى مەلىكىلىرىنىڭ بىرى بولغان ئادىلە سۇلتاننىڭ يازلىق ئوردىسىغا قاراپ ماڭايلى. ئادىلە سۇلتان ئوسمانلى خاندانلىقىدىكى بىردىنبىر شائىرە ھېسابلىنىدۇ. ئىستانبۇل بوغۇزىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىگە ئىگە بۇ ھەشەمەتلىك ساراي، بىر مەزگىل قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپى سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ساراي ئۆزىنىڭ ئېسىل ۋە نەپىس نەقىشلىرى، ئېگىز ئۆگزىسى ۋە ئالتۇن يوپۇرماقلىق بېزەكلىرى بىلەن بىر دەۋرنىڭ پۈتكۈل ھەيۋىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ.

ئارقا كوچىلارغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ، قاندىللىنى تېخىمۇ يېقىندىن كۆرۈشنى باشلىساق قانداق دەيسىلەر؟ چۈنكى قاندىللى دېڭىز بويىدىكى ۋىللا – سارايلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئارقا كوچىلاردىكى ساراي ۋە ئۆيلىرى بىلەنمۇ داڭلىق. ئوسمانلى بىناكارلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان كونا بىنالار، بىردىنلا زىيارەتچىلەرنى باشقا بىر دەۋرگە ئېلىپ بارىدۇ. ئىستانبۇل بوغۇزىغا قارايدىغان بۇ كوچىدىكى ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قوغدىلىۋاتىدۇ. ئەگەر چارچىمىغان بولساڭلار، تۆپىلىكلەرگە قاراپ يەنە بىر ئاز ماڭايلى. سىلەر گۈزەل بىنالارنى سۈرەتكە تارتىڭلار، مەن قاندىللى دېگەن ئىسىم بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كەتكەن رەسەتخانا ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. قاندىللى رەسەتخانىسى بوغازئىچى ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى بىر يەر تەۋرەش تەتقىقات ئورنى. تۈركىيە كۆپ يەر تەۋرەيدىغان دۆلەت بولغاچقا، يەر تەۋرەشكە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشلەر ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. قاندىللى رەسەتخانىسى يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ساھەسىدىكى ئەڭ ئىلغار ئورگانلارنىڭ بىرى. بۇ رەسەتخانا ئوسمانلى دەۋرىدە بەيئوغلۇدا مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئىستانبۇلدىكى چوڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىن، بۇ يەردە يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغان. رەسەتخانا كېيىنچە قاندىللىغا يۆتكەلگەن.

*  *  *  *

ۋاقىت بۈگۈنمۇ ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كەتتى. مەن بىلەن ھەمپىكىر ياكى ئەمەسلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، ئەمما ئىستانبۇلنى ساياھەت قىلغاندا، ۋاقىت باشقىچىلا تېز ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۆتمۈش بىلەن بۈگۈن ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن، ھەر بىر رايونىدا ئوخشىمىغان بىر ھېكايىسى بىلەن نامايان بولىدىغان ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلىپ، سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولىدىغاندەك ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى سىلەر كېلەر ھەپتە يەنە كېمىمىزدىكى ئورنۇڭلارنى ئېلىڭلار-دە، سەيلىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر