شىپا بۇلىقى _ ئۆپكىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇقلار

دوكتور مەھمەت ئۇچار تەرىپىدىن تەييارلانغان «شىپا بۇلىقى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئۆپكىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇقلار توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2081009
شىپا بۇلىقى _ ئۆپكىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇقلار

شىپا بۇلىقى _ ئۆپكىگە پايدىلىق ئۇزۇقلۇقلار

ئۆپكىگە پايدىلىق ئوزۇقلۇقلار قايسىلار؟

1. ئالما: ئالمىنىڭ تەركىبىدىكى ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى مول ماددىلار ئۆپكە ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، ھەپتىدە بەش ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالما ئىستېمال قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە ساغلاملىقى خېلىلا ياخشى بولىدىكەن.

2. بانان: تەركىبىدە مول كالىي بولغان بانان، ئۆپكىگە پايدىلىق مېۋىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

3. قەزبۇن چاتقىلى: تەركىبىدە ئۆپكە توقۇلمىلىرىنى تاشقى زىياندىن ساقلايدىغان ماددىلار بار بولغان قەزبۇن چاتقىلى ئىستېمال قىلىش، ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.

4. بۆلجۈرگەن ۋە مالىنا: تەركىبىدە مول C ۋىتامىن بولغان بۆلجۈرگەن ۋە مالىنامۇ ئۆپكە ساغلاملىقىغا پايدىلىق مېۋىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

5. قىزىل يېسسىۋېلەك: قىزىل يېسسىۋېلەك ئىستېمال قىلىش ھەم ئومۇمىي ساغلاملىققا ۋە ئۆپكە ساغلاملىقىغا پايدىلىق. ئۇ تەركىبىدىكى ئاكتىپ تەركىب ۋە تالا قۇرۇلمىسى بىلەن ئۆپكىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ.

6. پەمىدۇر: پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە ئۆپكە ساغلاملىقىغا پايدىلىق لىكوپېن بار بولۇپ، ئۇنى ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭ رولىنىڭ ياخشىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدۇ.

7. قىزىلمۇچ: تەركىبىدە مول C ۋىتامىن بولغان قىزىلمۇچنى بولۇپمۇ تاماكا چەككۈچىلەر چوقۇم ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

8. زەنجىۋىل ۋە تۇرۇپ: تەركىبىدە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋە ياللۇغ قايتۇرغۇچى مول ماددىلار بار بولغان زەنجىۋىل بىلەن تۇرۇپمۇ ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر ھېسابلىنىدۇ.

9. قىزىلچا: قىزىلچانىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا نىترات بار بولۇپ، ئۇ قان تومۇرلارنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئوكسىگېننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

10. سامساق: جەمئىيەتتە تەبىئىي ئانتىبىيوتىك دەپ ئاتىلىدىغان سامساق، تەركىبىدىكى ئالىسىن ماددىسىنىڭ ياردىمىدە ئۆپكىنى قوغدايدۇ ۋە تازىلايدۇ.

 11. قېتىق: تەركىبىدە كالتسىي، كالىي، فوسفور ۋە سېلېن مول بولغان قېتىقمۇ يېمەكلىك تىزىملىكىگە قوشۇلۇپ، دائىم ئىستېمال قىلىنغىنىدا، ئۆپكە ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ.

12. زەيتۇن يېغى: كۈچلۈك ياللۇغ قايتۇرغۇچى ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە زەيتۇن يېغىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولۇپ، ئۆپكە بىمارلىرىنىڭ قايغۇلىرىنىڭ يەڭگىللىشىگە ياردەمچى بولىدۇ.

13. كاۋا: كاۋا ئالفا ۋە بىتا كاروتىن مول يېمەكلىك بولۇپ، ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەر تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالماقتا.

14. قەھۋە: كۈنىگە بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىش ئارقىلىق، قەھۋەنىڭ تەركىبىدىكى كوفېئىن ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلارنىڭ ياردىمىدە ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىيالايسىز.

15. يېشىل چاي: يېشىل چاينىڭ تەركىبىدە كاتېچىن بار بولۇپ، دائىم ئىستېمال قىلغاندا، ئۆپكىدىكى توقۇلمىلارنىڭ قېتىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

بۇلاردىن باشقا، مول تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ.

ئەمدى ئۆپكىگە زىيانلىق يېمەكلىك ۋە ماددىلار ھەققىدە قىسقىچىلا توختىلىپ ئۆتەيلى!

• تاماكا ۋە باشقا تۈتۈن ماددىلىرىنى ئىستېمال قىلىش: ئۆپكىگە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئەڭ مۇھىم ماددا، شۈبھىسىزكى، تاماكا. ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چەككەن تەقدىردە، سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ سەۋەبتىن تاماكا چېكىش ئۆپكىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ھېسابلىنىدۇ.

سوپۇن سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا يۇيۇش سۇيۇقلۇقلىرى: ئاقارتقۇچى سۇيۇقلۇقنى كۆپ ئىشلىتىش، بولۇپمۇ ئۇنى تۇز ھالىتى بىلەن ئارىلاشتۇرۇش ئۆپكىڭىزنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئاقارتقۇچنى كۆپ ئىشلىتىش زىققا كېسىلىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆيدە تازىلىق قىلغاندا، ئوخشىمىغان يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ۋە تازىلاش مەھسۇلاتلىرىنى ئارىلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئەگەر مۇمكىن بولسا، تازىلىقنى ماسكا تاقاپ قىلىش لازىم. بۇنداق بولغاندا، خەتەرلىك خىمىيەلىك ماددىلارنىڭ ئۆپكىڭىزگە يېتىشىنى توسىسىز.

• ئاسبېستوس:

گەرچە ئۇ بۈگۈن ئىشلىتىلمىگەن بولسىمۇ، ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن ۋە ھازىر بەزى پاراخوت ۋە بىنالاردا ئۇچرايدىغان ئاسبېستوس ئۆپكىنىڭ ئەڭ مۇھىم دۈشمىنى.

 

ئۆپكە ساغلاملىقىنى پايدىلىق تۇرمۇش ئادىتى

• ساغلام يېيىش: ئۆپكىگە پايدىلىق يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوزۇقلۇق پىروگراممىسىغا ئەمەل قىلىش ۋە ساغلام يېيىش ئارقىلىق ئۆپكىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغىلى بولىدۇ.

• دائىملىق چېنىقىش: دائىم چېنىقىش ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

• ئۇيقۇ ھالىتىگە دىققەت قىلىش: ئۇيقۇ ئۆپكە ساغلاملىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۆمۈر بويى سۈپەتلىك تۇرمۇش ئۈچۈنمۇ مۇھىم.

• يېپىق رايونلاردا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلماسلىق: يېپىق رايونلاردا بەك كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىش ئۆپكىنىڭ ئېھتىياجلىق ساپ ھاۋاغا يېتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ-دە، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

• ماسكا ئىشلىتىش: قولايسىز مۇھىتتا چوقۇم ماسكا ئىشلىتىش ھەمدە ئىمكانقەدەر مۇھىتنى ھاۋا ئالماشتۇرۇش كېرەك.

• بېسىمدىن يىراق تۇرۇش: كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا ياشايدىغان كىشىلەردە يۈرەك ۋە ئۆپكە ساغلاملىقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر