يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (67)

2075773
يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

: يۇتقۇنچاق ياللۇغى دېگەن نېمە؟

 يۇتقۇنچاق ياللۇغى ئېغىز ۋە بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ ئارقىسىدىكى يۇتقۇنچاق رايونى ياللۇغىدۇر. بوغۇز ئاغرىقى دەپمۇ ئاتىلىدىغان يۇتقۇنچاق ياللۇغى بوغۇزدا قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە يۇتۇشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

يۇتقۇنچاق ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى:

• قولنى پاكىز ۋە دائىم يۇيۇش،

• ھۆتەلگەن ياكى چۈشكۈرگەن چاغدا ئېغىز - بۇرۇننى يېپىش،

• يۇقۇملۇق ۋىرۇس ياكى باكتېرىيەدىن يۇقۇملانغانلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىشتىن ساقلىنىش،

• تاماكا چېكىش ۋە تاماكا ئىسىدىن ساقلىنىش،

• چاڭ-توزانلىق ۋە مەينەت ھاۋا مۇھىتىدا قېلىشتىن ساقلىنىش،

• ھەددىدىن زىيادە ئىسسىق ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىش،

• ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە خىزمەت ۋە ياشاش ساھەلىرىنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش،

• خىمىيەلىك غىدىقلىغۇچى ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش.

يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى:

كۈندۈزى كۆپ سۇ ئىچىش، ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن غارغارا قىلىش، توخۇ شورپىسى قاتارلىق شورپىلارنى ئىچىش ۋە ئارام ئېلىش يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.

• يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ قالغان مەزگىلدە جۇخارگۈلى، پىننە، لەيلىگۈل، ئېچىناسېيە، لىپا ۋە چۈچۈكبۇيا قاتارلىق ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ئىچىش،

• سۇنى كۆپ ئىچىش ئارقىلىق بوغۇش قۇرۇشنى ئازايتىش،

• ئىلمان تۇز سۈيى بىلەن غارغارا قىلىش،

• ھەسەل ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق بوغۇزنىڭ غىدىقلىنىشنى ئازايتىش،

• كېچىسى بوغۇز قۇرۇيدىغانلىقى ئۈچۈن، پات-پات ئىلمان سۇ ئىچىش.

• توخۇ شورپىسى ئىچىش بوغۇزنى تىنچلاندۇرىدۇ،

• ئارام ئېلىش پايدىلىقتۇر.

 يۇتقۇنچاق ياللۇغىغا شىپالىق تەبىئىي دورىلار ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى:

. چۆل يالپۇزى، ئېچىناسېيە قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلىنىڭ.

ئېچىناسېيە ۋە چۆل يالپۇزى بوغۇز ئاغرىقىنى ۋە قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ. چۆل يالپۇزى باكتېرىيەنى يوقىتىش ۋە قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىدۇر. ئېچىناسېيە بولسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىش دورىسى ھېسابلىنىدۇ. چۆل يالپۇزى چېيىدا غارغارا قىلسىڭىزمۇ ياكى ئۇنى ئىچسىڭىزمۇ بولىدۇ.

غارغا قىلىنىدىغان چۆل يالپۇزى چېيى تەييارلاش ئۇسۇلى:

 بىر ئىستاكان قايناق سۇغا بىر ھەسەل قوشۇقى چۆل يالپۇزى چېيى ياكى 5 ~ 4 گىرام قۇرۇتۇلغان چۆل يالپۇزى ئىلاۋە قىلىنىدۇ، ئاندىن تۆۋەن ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىلىدۇ. سوۋۇغاندىن كېيىن كۈندە 2 ياكى 3 قېتىم غارغارا قىلىنىدۇ. بۇ ئارىلاشمىنى 24 سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلىپ بولۇش كېرەك.

 خام سامساق ئىستېمال قىلىڭ.

بوغۇز ئاغرىقى ئۈچۈن سامساق ئىشلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى، سامساقنى خام پېتى چايناپ يۇتۇش ياكى بىر پارچە ئېلىپ، ئۇدا 15 مىنۇت شۈمۈشتۇر. ئىزىپ ھەسەل ياكى زەيتۇن يېغى قوشسىڭىز، خام سامساقنى يۇتۇش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.

بوغۇز ئاغرىقى ئۈچۈن سامساق ئىشلىتىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى مۇنداق:

ئاۋۋال بىر ھەسەل قوشۇقىچىلىك سامساق ئېزىلىدۇ، ئاندىن بىر ئىستاكان قايناق سۇغا ئېزىلگەن سامساق، يېرىم چاي قوشۇقى دارچىن، بىر قوشۇق لىمون سۈيى ئىلاۋە قىلىنىپ، 2 مىنۇت دەملىنىدۇ. بۇ ئارىلاشما كۈندە ئىككى قېتىم سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.

. دورىلىق پىننە چېيى ئىچىڭ.

پايدىلىق تەرەپلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان پىننە، چاينىسا يۇتقۇنچاق ياللۇغىغىمۇ شىپالىقتۇر. پىننە بوغۇز ئاغرىقىنى توختىتىپ، قۇرۇق يۆتەلنى پەسەيتىدۇ. پىننەنى چاي دەملەپ ئىچىشكىمۇ بولىدۇ.

 ئالما سىركەسى.

ئالما سىركەسىنى يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىش ئۇسۇلى:

ئالدى بىلەن، بىر قوشۇق ئورگانىك ئالما سىركەسى بىر ئىستاكان ئىلمان سۇغا ئارىلاشتۇرۇلىدۇ، ئاندىن بۇ ئارىلاشمىغا بىر قوشۇق ھەسەل ئىلاۋە قىلىنىپ، كۈندە بىر ياكى ئىككى قېتىم ئىچىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، بوغۇزدا غارغارا قىلغاندا باكتېرىيەنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئالما سىركەسى يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

 زەنجىۋىل

بىر ھەسەل قوشۇقى زەنجىۋىل رەندىلەنگەندىن كېيىن، بىر ئىستاكان سۇدا 5 مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىلىدۇ، ئاندىن سۈزۈلۈپ، بىر نەچچە تامچە لىمون سۈيى ۋە يېرىم قوشۇق ھەسەل قوشۇپ ئىچىلىدۇ.

زەرچىۋە

يېرىم ھەسەل قوشۇقى زەرچىۋە تالقىنى بىلەن بىر قوشۇق تۇزنى بىر ئىستاكان سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ، كۈندە ئىككى قېتىم غارغارا قىلغاندا، يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. قاينىتىش ھاجەتسىز بولغانلىقتىن، تەييارلاش ناھايىتى ئاسان بولغان بۇ ئارىلاشمىنى كۈندە 2 ياكى 3 قېتىم ئىچىشكە بولىدۇ.

 ھەسەل

بىر قوشۇق ھەسەل بىلەن بىر قوشۇق ئورگانىك ئالما سىركەسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، ھەر 4 سائەتتە بىر قېتىم ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

 تۇز سۈيى بىلەن غارغارا قىلىش:

ئۈچ ھەسەل قوشۇقى تۇزنى ئىككى ئىستاكان ئىلمان سۇغا سېلىپ ئارىلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ ئارىلاشما ئارقىلىق كۈندە بىرقانچە قېتىم غارغارا قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل 3 كۈندىن 5 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر