ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر.

2073880
ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زۇمەر سۈرىسى، 57 - 67 - ئايەتلەر. ياكى ئازابنى كۆرگەن چاغدا: «كاشكى دۇنياغا قايتىشىمغا بولسا ئىدى، (ئۇ چاغدا ئاللاھقا ئىتائەت قىلىپ) ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دەپ قالماسلىق ئۈچۈن (پەرۋەردىگارىغا بويسۇنسۇن)[58]. دۇرۇس، ھەقىقەتەن ساڭا مېنىڭ نۇرغۇن ئايەتلىرىم (يەنى ھىدايەتكە سەۋەب بولىدىغان قۇرئان) كەلدى. سەن ئۇلارنى ئىنكار قىلدىڭ، بويۇنتاۋلىق قىلدىڭ، سەن كاپىرلادىن بولدۇڭ[59]. قىيامەت كۈنى ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلارنىڭ يۈزلىرىنى قاپقارا كۆرىسەن، جەھەننەمدە مۇتەكەببىرلەرگە ئورۇن يوقمۇ؟[60] ئاللاھ (شېرىكتىن ۋە گۇناھتىن) ساقلانغۇچىلارنى بەختكە ئېرىشتۈرىدىغان يوللار ئارقىلىق (ئازابتىن) قۇتۇلدۇرىدۇ، ئۇلارغا كۈلپەت يەتمەيدۇ، ئۇلار قايغۇرمايدۇ[61]. ئاللاھ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ھەممە نەرسىگە ھامىيدۇر (ئۇلارنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدۇ)[62]. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ (خەزىنىلىرىنىڭ) ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار - ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر[63]. (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئى نادانلار! مېنى ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇمسىلەر؟»[64] ساڭا ۋە سەندىن ئىلگىرىكى (پەيغەمبەر) لەرگە: «ئەگەر سەن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرسەڭ، سېنىڭ ئەمەلىڭ ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتىدۇ، سەن ئەلۋەتتە زىيان تارتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن، بەلكى يالغۇز ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن ۋە شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولغىن» دەپ ۋەھيى قىلىندى[65 ـ 66]. ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. قىيامەت كۈنى زېمىن پۈتۈنلەي ئاللاھنىڭ چاڭگىلىدا بولىدۇ، ئاسمانلار ئاللاھنىڭ ئوڭ قولىدا قاتلىنىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر ۋە ئۈستۈندۇر[67].



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر