دۇنيانىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىش نىشانى

كۆزنەك (66)

2072869
دۇنيانىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىش نىشانى

يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىش پىلانلانماقتا

يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىش پىلانلانماقتا

يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 2 ھەسسە كۆپەيتىش پىلانىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا خىزمەت ئىشلەنمەكتە. بۇ دائىرىدە نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نىشانلىرىغا تېز  يېتىش يولىدا ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

باش ئورگىنى لوندوندا تۇرۇشلۇق خەلقئارا ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزى «ئېمبېر» تەرىپىدىن، يەر شارى خاراكتېرلىك   ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنىڭ 90% نى تەشكىل قىلىدىغان 57 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش نىشانلىرى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزغا قارىغاندا، 2022-يىلى يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە 2030-يىلغا بارغاندا 7.4 تېراۋاتقا يېتىدىكەن.

بۇ ئېنېرگىيەنىڭ تۆتتىن ئۈچىدىن كۆپرەكى قۇياش ۋە شامال ئېنېرگىيەسىدىن تەركىب تاپىدىكەن.

نۇرغۇن دۆلەتلەر نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي نىشانلىرى دائىرىسىدە 2030-يىلغىچە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 2 ھەسسە كۆپەيتىشنى پىلانلىماقتا.

بۇ يىل نۆۋەتچى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئۆتەۋاتقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا شەرتنامىسىنىڭ 28-قېتىملىق يىغىنىدىن ئىلگىرى، يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە كۆپەيتىش تەلەپلىرى كۈچەيمەكتە.

لوندون خەلقئارا ئېنېرگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئانالىزىغا قارىغاندا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كوللىكتىپ مىللىي نىشانلىرى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باشقىچە ئېيتقاندا، يەر شارى خاراكتېرلىك قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 2030-يىلغىچە 11 تېراۋاتقا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، يەنە 3.7 تېراۋات ئېنېرگىيەگە ئېھتىياج بار ئىكەن.

بىرازىلىيە، گوللاندىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئاۋىستىرالىيە، جەنۇبىي كورېيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە ئىسپانىيە قاتارلىق 12 دۆلەت، 2030-يىلغىچە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ناھايىتى تېز سۈرئەتتە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىنى بەرپا قىلماقتا.

ھىندىستان، ھىندونېزىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىق 10 دۆلەت 2030-يىلغىچە قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇشنى نىشان قىلماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 12 دۆلەت 2030-يىلغىچە بەرپا قىلىدىغان شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى سىستېمىلىرى% 40 تىن ئاشىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دۆلەت 2030-يىلغىچە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ % 20 تىن كۆپرەكىنى تاشقاتما يېقىلغۇلاردىن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيەگە يۆتكەشنى پىلانلىماقتا.

دۇنيا ئەللىرىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇلۇغۋار نىشانلىرى ۋە پىلاندىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان ھاسىلىي ئېنېرگىيە ئارقىلىق قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى 3 ھەسسە ئاشۇرۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر