قۇرۇق ھۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (60)

2056357
قۇرۇق ھۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

قۇرۇق يۆتەلنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئۆيدە قۇرۇق ھۆتەلنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

ھەسەل

ھەر خىل ھۆتەلگە ئىشلىتىلىدىغان ھەسەل، ئەڭ قەدىمكى ھۆتەلنى توختىتىش دورىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھەسەل، زەنجىۋىل، لىمون، دارچىن ۋە قارىمۇچ ئارىلاشمىسى ھەم كېكىردەك غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، قۇرۇق ھۆتەلنى پەسەيتىدۇ. ھەسەل تەبىئىي ياللۇغ قايتۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

زەنجىۋىل

ئاشقازان ئىقتىدارى قالايمىقانلىشىش كېسەللىكلىرىگە شىپا بولغان زەنجىۋىل قۇرۇق ھۆتەلگىمۇ پايدىلىقتۇر. زەنجىۋىل نەپەس يوللىرىدىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىش ئارقىلىق ھۆتەلنى باسىدۇ. ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ «زەنجىۋىل چېيى» شەكلىدە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

سامساق

باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ۋە ۋىرۇس يوقىتىش رولى سايىسىدا زۇكامنىڭ ئالامىتى سۈپىتىدە كۆرۈلىدىغان قۇرۇق ھۆتەلگە شىپا بولىدۇ.

زەرچىۋە

ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، قۇرۇق ھۆتەلنى توختىتىشقا ئىشلىتىلىدۇ. زەرچىۋە زىققا، قۇرۇق ھۆتەل قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىنى پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. ھەسەل ئارىلاشتۇرۇپ چاي دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، ياكى ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۇن قىلىپ ئىستېمال قىلغاندا قۇرۇق ھۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

تۇز سۈيى

تۇز سۈيى بىلەن غەر-غەر قىلىش كېكىردەكتىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇرۇق ھۆتەلنى پەسەيتىش ئۈچۈن تۇز سۈيىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇق ھۆتەل كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېكىردەك غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز.

ئۆسۈملۈك چايلىرى

ئۆسۈملۈك چايلىرىنى ھەسەل ۋە لىمون ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىپ بەرگەندە، قۇرۇق ھۆتەلنى پەسەيتكىلى بولىدۇ. پىننە، چۆل رەيھىنى، سېرىقبۇيا، دورىلىق لەيلىگۈل ۋە زەنجىۋىل قاتارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ چايلىرىنى ئىستېمال قىلىش قۇرۇق ھۆتەلگە پايدىلىق.

مارجانگۈل

چۆل رەيھىنى ئائىلىسىگە تەۋە شىپالىق ئۆسۈملۈك بولۇپ، زىققا، كانايچە ياللۇغى ۋە زۇكام قاتارلىق كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئۇ يەنە بۇ كېسەللىكلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قۇرۇق ھۆتەلنىمۇ پەسەيتىدۇ. تۆت چاي قوشۇقى قۇرۇتۇلغان مارجانگۈل يىلتىزىنى قايناق سۇدا دەملەپ، كۈندە ئىككى قېتىم ئىچىپ بەرگەندە، ھۆتەلنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

سېرىقبۇيا

يۇتقۇنچاق ئاغرىقىنى پەسەيتىش ۋە كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، قۇرۇق ھۆتەلگە پايدىلىقتۇر. ئىككى قوشۇق قۇرۇتۇلغان سېرىقبۇيانى قايناقسۇدا 10 مىنۇت دەملەپ، سۈزۈپ ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. سېرىقبۇيانىڭ مىقدارى ناھايىتى مۇھىم بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكەندە باش ئاغرىش ۋە ھارغىنلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

دورىلىق لەيلىگۈل

يۇتقۇنچاق ئاغرىقىنى پەسەيتىش ۋە كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە قىيام ياكى تابلېتكا شەكلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان دورىلىق لەيلىگۈل قۇرۇق ھۆتەلگە پايدىلىق بولۇپ، كېكىردەك غىدىقلىنىشنىڭمۇ ئالدىنى ئالىدۇ.

چۆل رەيھىنى

 كېكىردەكتىكى مۇسكۇللارنى بوشىتىشتەك شىپالىق رولى سايىسىدا قۇرۇق ھۆتەلگە پايدا قىلىدۇ. تۆت قوشۇق قۇرۇتۇلغان چۆل رەيھىنىنى قايناقسۇدا دەملىگەندىن كېيىن، ھەسەل ئىلاۋە قىلىپ ئىچىپ بەرگەندە قۇرۇق ھۆتەلنى پەسەيتكىلى بولىدۇ.

قۇرۇق ھۆتەلنى تەبىئىي داۋالاشنىڭ باشقا ئۇسۇللىرى:

 كۆپ سۇ ئىچىش  ۋە تۇمانلاشتۇرۇلغان ھور ئىسسىقنى سۈمۈرۈش كېكىردەكنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ، قۇرۇق ھۆتەلنى يەڭگىللىتىدۇ.

ئۆيدە يۆتەلنى ئەڭ تېز پەسەيتكۈچى ئىچىملىكلەر

ئالما چېيى

تەركىبىدىكى ۋىتامىن C نىڭ تەسىرىدە نەپەس يوللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان بەلغەمنى يۇمشىتىپ، ھۆتەلگە پايدا قىلىدۇ.

سۈت

سۈتنى ئىسسىتقاندىن كېيىن، ھەسەل قوشۇپ ئىچىپ بېرىش ئارقىلىق كېكىردەكتىكى غىدىقلىنىش ۋە ھۆتەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئىسىق سۈت كېكىردەكنى تىنچلاندۇرۇپ، ھۆتەلنى توختىتىدۇ.

 زەنجىۋىل چېيى

1 ئىستاكان قايناق سۇغا مۇۋاپىق مىقداردا زەنجىۋىل تالقىنى بىلەن بىرقانچە تال قوۋزاقدارچىن ۋە قەلەمپۇر قوشۇپ، خالىغانلار ھەسەل ئىلاۋە قىلىپ، 5-6 مىنۇت دەملەپ ئىچىپ بەرگەندە، ھۆتەلنى ئەڭ تېز توختاتقىلى بولىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۆتەلنى ئەڭ تېز پەسەيتكۈچى شىپالىق ئۆسۈملۈك چايلىرى ۋە ئىچىملىكلەر تۆۋەندىكىچە:

گۈلسۇرۇخ چېيى

• بېھى چېيى

• لىپا چېيى

• چۆل يالپۇزى چېيى

• پىننە چېيى

• ئېچىناسېيە چېيى

• ھەسەل قوشۇلغان چۆل رەيھىنى چېيى

• ھەسەل قوشۇلغان ئىسسىق سۈت

• باداملىق ئاپېلسىن شەربىتى

• زەنجىۋىل ۋە دارچىن چېيى

• قارىمۇچ ۋە ھەسەل

• ئۈجمە شەربىتى

• چامغۇر ۋە ھەسەل ئارىلاشمىسى

• ئۈزۈم شەربىتى



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر