كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (2)...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇل سەيلىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2055928
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (2)...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (2)...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»نىڭ ھۆرمەتلىك يولۇچىلىرى، بىز ھازىر ئىستانبۇل ۋىلايىتى تەۋەلىكىگە كىردۇق. يولىمىزنى دېڭىز ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولغاچقا، بىزنىڭ بۇ يەردىكى چېگرالارنى كۆرۈشىمىز مۇمكىن ئەمەس - ئەلۋەتتە. بىز بۈگۈنكى سەيلىمىزنى ئىستانبۇلنىڭ قارا دېڭىز بويىدىكى ئەڭ يىراق چېتى ئاغۋادىن باشلايمىز. ئاغۋا شەھەر مەركىزىگە بېرىشتىن بۇرۇن، يولىمىزنىڭ ئۈستىدىكى كېمىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بېكىتى — كادىرغا قولتۇقىنى كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىمىز.

بىز كادىرغا قولتۇقىغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ يۆنىلىش، تەبىئەت تەمىنلىگەن ئۆزگىچە گۈزەللىك ۋە ھەيران قالارلىق نەرسىلەرگە تولغان. تەبىئەتسۆيەرلەر ياخشى كۆرىدىغان جايلارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىغان كادىرغا قولتۇقى، ئىستانبۇلغا يېقىن ئەڭ ياخشى ساياھەت چېدىرى تىكىشكە بولىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە قىيىنلىق دەرىجىسى ئوتتۇراھال ۋە يۇقىرى بولغان پىيادىلەر يوللىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كادىرغا قولتۇقىنىڭ ئۇزۇن يىللار جەريانىدا شامال ۋە دولقۇنلار شەكىللەندۈرگەن پەلەمپەيسىمان تاشلىرى داڭلىق. سىلەر بىر ئازدىن كېيىن كۆرىدىغان بۇ قىيا تاشلار، ھەم ئورۇنلىشىشى ھەم پەلەمپەيسىمان شەكلى بىلەن كىشىگە قەدىمكى دەۋر تىياتىرخانىسىنى ئەسلىتىدۇ. شۇنداق، يېتىپ كەلدۇق! تەبىئەتنىڭ بۇ ئاجايىپ سوۋغىسى كۆز ئالدىڭلاردا تۇرماقتا! ئۇ ھەقىقەتەنمۇ قەدىمكى تىياتىرغا ئوخشايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ بۇ مەنزىرىنى قۇرۇقلۇقتىن كېلىپ كۆرۈشنى خالايدىغانلارنى ئوڭغۇل – دوڭغۇل مۇشەققەتلىك پىيادىلەر يولى كۈتمەكتە. بىز ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ» بىلەن ساياھەت قىلىۋاتقان بولغاچقا، تەبىئەتنىڭ بۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە نادىر ئەسىرىنى دېڭىزدىن كۆرۈش پۇرسىتىمىز بار. بۇ بىخەتەر ۋە دولقۇنسىز قولتۇق قارا دېڭىزدىكى بىخەتەر ھالدا سۇ ئۈزۈشكە بولىدىغان جايلارنىڭ بىرى. شۇنداق، ئۇ خاتىرجەم ھالدا چېدىر تىككىلى بولىدىغان، ھېچقانداق بىنا – قۇرۇلۇش يوق، تەبىئەت بىلەن يالغۇز قېلىشقا ئەپلىك ماكان.

بۇ يەردىن كىلىملى قولتۇقىغا قاراپ يولغا چىقايلى. كىلىملى قولتۇقى، خۇددى كادىرغا قولتۇقىغا ئوخشاشلا، پەرقلىق شەكىللەردىكى ھەيران قالارلىق قىيا تاشلىرى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. بۇ يەردە چېدىر ۋە كۆچمە چېدىرلىرىنى تىكىشكە، پىيادە يول يۈرۈش، دالا تامىقى تەييارلاپ يېيىش ياكى ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتقىلى بولىدۇ. قىلماقچى بولغان ئىشىڭلارغا قارار قىلىش سىلەرنىڭ ئىلكىڭلاردا! گەرچە كىلىملى قولتۇقى شاماللىق، سۈيى دولقۇنلۇق بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تۇرخۇن رەڭلىك دېڭىزى بىلەن ئېسىل قۇملۇق ساھىلى كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. بۇ قولتۇقتا، كەسىپىي خادىملارنىڭ ھەمراھلىقىدا نەپەسلىنىش قۇتىسى ياكى ئۇنىڭسىزمۇ سۇغا شۇڭغۇپ، ھەيۋەتلىك سۇ ئاستى دۇنياسىنى يېقىندىن كۆزەتكىلى بولىدۇ. يەنە كىلىملى قولتۇقىنىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش پەيتلىرىدىكى مەنزىرىلىرىنىڭمۇ ئۆزگىچە ئىكەنلىكىنى قوشۇپ قويايلى. بىر ئاز ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ شاماللىق قولتۇق ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدۇق. چېدىر تىكىدىغانلارنىڭ ئوت ياققاندا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە چېدىرىنى مۇستەھكەم قېقىلغان قوزۇقلارغا باغلىشى كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىپ ئۆتەيلى.

ئەمدى ئاغۋانىڭ مەركىزىگە بارايلى. ئاغۋا ئوماق، تەمكىن ۋە تەبىئىي گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنەرلىك شەھەر بولۇپ، ئىككى دەريانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان. بۇ يەردە نەچچە مىڭ يىللار بويىچە ھىتىتلار، فرىگيانلار، رىملىقلار ۋە ئوسمانلىلار قاتارلىق نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر ياشاپ ئۆتكەن. ئارخېئولوگىيەلىك قېزىشلار، كىشىلەرنىڭ تارىختىن بۇرۇنقى دەۋرلەردىمۇ ئاغۋادا ياشىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. كېلىڭلار، ئەمدى گۆكسۇ دەرياسى بويلاپ سەيلە قىلىپ، ياغاچ سۇپىلارنىڭ سايىسىدا كىشىنى گويا دەريانىڭ ئۈستىدىلا تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرىدىغان قەھۋەخانىلارنىڭ بىرىدە بىر ئىستاكاندىن چاي ئىچىپ كېلەيلى. ئىشىنىڭلاركى مەخمەلدەك ياپيېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئاستىدا جىمجىتقىنە ئېقىۋاتقان بۇ دەريا، سىلەرنىڭ بارلىق بېسىمىڭلارنى يوقىتىدۇ. ئەگەر بۇ گۈزەل لەھزىلەرنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتماقچى بولساڭلار، دەريا بويىغا قاتار – قاتار قىلىپ سېلىنغان كىچىك – كىچىك مېھمانخانىلار ياكى يېزا ئۆيلىرىنىڭ بىرىدە تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. بىر كېمە ساياھىتىگە قاتنىشىش ئارقىلىق گۈزەل تۇرالغۇ جايلىرىنى يېقىندىن كۆرگىلى بولىدۇ.

ئاقچاكەسە يېزىسىنى كۆرمەستىن بۈگۈنكى سەيلىمىزنى ئاخىرلاشتۇرمايلى. چۈنكى بۇ ئاغۋاغا يېقىن يەرگە جايلاشقان دېڭىز قىرغىقىدىكى ئوماققىنە يېزىنىڭ قولتۇقى ۋە ئۇزۇن دېڭىز قىرغىقى ئىنتايىن جەلپكار. كىشىلەر ئاقچاكەسە دېڭىز ساھىلىنىڭ ئۇششاق قۇملىرى بىلەن تېيىز دېڭىزىنى ياخشى كۆرىدۇ. ئاقچاكەسەدە چېدىر تىكىپ ئارام ئالساڭلارمۇ، كەپە ئۆيلەر ياكى كۆچمە ئۆيلەردە تۇرساڭلارمۇ بولىدۇ. دولقۇنلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاچ تەبىئەتنىڭ قوينىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈستۈڭلاردىكى بارلىق بېسىملارنى يېنىكلىتىدۇ.

بۈگۈن بىز چوڭ شەھەرلەرنىڭ قالايمىقانچىلىقلىرىدىن زېرىككەنلەرنى ياپيېشىل تەبىئىتى، تەبىئىيلىكىگە دەخلى يەتمىگەن قولتۇقلىرى ۋە تىنچ ئاقىدىغان دەرياسى بىلەن كۈتۈۋالىدىغان ئاغۋادا ئىدۇق. ئېگىز ۋە تىك يارلار، دېڭىز سۈيى شەكىللەندۈرگەن قىزىقارلىق قىيا تاش شەكىللىرى ۋە ئاجايىپ مەنزىرىلەرنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ، ئاغۋادىن ئايرىلىدىغان پەيتىمىز كەلدى. ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ» بىلەن ئىككىمىز قايتا كۆرۈشكۈچە سىلەرگە ياخشى بىر ھەپتە ئۆتكۈزۈشلارنى تىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر