تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ئىسرائىلىيەنى توختىتالامدۇ؟

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (60)

2053570
تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ئىسرائىلىيەنى توختىتالامدۇ؟

 

«كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرېكتورى شۇنداقلا يازغۇچىسى دوتسېنت دوكتور مۇرات يېشىل تاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىك تىرىشچانلىقى ئىسرائىلىيەنى توختىتالامدۇ؟» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

***** **** ********* *** ***************

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمى 13-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئۇرۇشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى بارغانچە چوڭقۇرلاشماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم سەپەرۋەرلىكىنى ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكسىز ئىستىسنالىققا ئىگە قىلماقتا. كوللېكتىپ جازالاش ئۇسۇلىنى ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسى سۈپىتىدە قوللانغان ئىسرائىلىيە ۋە بۇنى چەكسىز قوللىغان ئامېرىكا رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكىنى قايتىدىن تارىخىي كىرىزىسقا پاتتۇرۇش ئالدىدا تۇرماقتا. ئوتتۇرا شەرقتە سىياسىي مۇھىت باغانسېرى ئۆزگۆرمەكتە. رايوندىكى دۆلەتلەر ئۇرۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تېخى بىرەر قەدەم تاشلىغىنىمۇ يوق. نۇرغۇن دۆلەتلەر نۇتۇق سەۋىيەسىدىن ئەمەلىي قەدەم تاشلاش سەۋىيەسىگە ئۆتكىنىمۇ يوق. تۈركىيە بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى تەڭپۇڭ بىر رايون دىپلوماتىيەسى ئېلىپ بارماقتا. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تۈركىيە ئۇرۇشنى توختىتىش ۋە كىرىزىسنىڭ كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئاكتىپ دۆلەتلەرنىڭ بىرسى. تۈركىيە رېئاللىق ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىپ، رايون خاراكتېرلىك دىيالوگدىن ئاكتىپ پايدىلىنىشنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پوزىتسىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان سىياسەت يۈزگۈزمەكتە.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 7-ئۆكتەبىر (2023) دىكى تۇنجى نارازىلىقىدا تەرەپلەرنى ئوتتۇراھال ھەرىكەت قىلىشقا ۋە ھاياجان بىلەن ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنى تەنقىد قىلىپ، ھەل قىلىش چارەسىنىڭ پەقەت 1967-يىلدا بەلگىلەنگەن چېگراغا قايتىش، پايتەختى شەرقىي قۇددۇس بولغان، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇش بىلەنلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋاقتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئاجراتتى. بۇ دائىرىدە ھازىرغىچە 18 دۆلەت باشلىقى بىلەن قويۇق تېلېفون دىپلوماتىيەسى قانات يايدۇردى. ھەر قېتىملىق سۆھبەتتە مۇھىم ئورۇنغا قويغىنى، ئىنسانپەرۋەرلىك ئاساسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى ئېلان قىلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى كېرەكلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا قانۇن بويىچە ھەرىكەت قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قويۇق دىپلوماتىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرماقتا. ئۇ رايون دىپلوماتىيەسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش سەپەرۋەرلىكىنى بالدۇرراق توختىتىشنى نىشان قىلماقتا. تۈركىيە بۇ دائىرىدە، مىسىر، لىۋان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، پاكىستان ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قويۇق دىپلوماتىيە ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى چەكلەش ۋە ھەقىقىي ئۇرۇش توختىتىش ئارقىلىق ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشماقتا. فىداننىڭ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەرىپى بولسا، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن رېئال ۋە ئېنىق بىر پىلان ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بولدى. پەلەستىن مەسىلىسى ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق مەنىسى بىلەن بىخەتەر بولالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن فىدان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيەتچى سالاھىيىتى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن 1967-يىلدا بەلگىلەنگەن چېگراغا قايتىش، زېمىن پۈتۈنلۈكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان، شەرقىي قۇددۇس پايتەختى بولغان بىر پەلەستىن دۆلىتىنى قۇرۇشنىڭ رايوندىكى ئەڭ تەخىرسىز مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئەسلىدىنلا تۈركىيەنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان دۆلەت مەيدانى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان پوزىتسىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەنىڭ مۇرەسسەچىلىك پائالىيەتلىرى دىپلوماتىيەنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بىرىنچى نىشان ھاماس تەرىپىدىن ئەسىر ئېلىنغان ئىسرائىلىيە ۋە باشقا دۆلەت پۇقرالىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مۇزاكىرە ئۈچۈن كۈچلۈك ئاساس ھازىرلاشتۇر. تۈركىيەنىڭ ھاماس بىلەن بولغان مۇزاكىرە قاناللىرى ۋە ئۆتمۈشتىكى تەجرىبىلىرى بۇ جەھەتتە ئاسانلاشتۇرۇش ئىمكنىايىتى يارىتىپ بەرمەكتە.  يەنە بىر مۇھىم مەسىلە، فىدان ئوتتۇرىغا قويغان تۈركىيەنىڭ كېپىللىك رولىنى ئوينىيالايدىغانلىقىدۇر. تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ تەرەپلىك كاپالەت مېخانىزمى، ئۇرۇش تۇختىتىش ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يەنە بىر نۇقتا شۇكى، بۇ كىرىزىس رايوننىڭ نورماللىشىشىغا خاتىمە بېرىپ، قايتىدىن رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك كىرىزىسىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكانىڭ ئىسرائىلىيەنى ئوچۇق-ئاشكارا ھەم سىياسىىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى ۋە رايوندىكى دۆلەتلەرگە ھەربىي جەھەتتىن چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ھەربىي كۈچىنى رايونغا سەپەرۋەر قىلىشى، ئۇرۇشنىڭ پەقەت غەززە بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقتەك خەۋپىنى ئاشۇرماقتا ۋە باشقا ئاكتىيورلارنىمۇ سۆرەپ كىرىش مۇمكىنچىلىكىنى كۈچەيتمەكتە. بۇ خىل ئېھتىماللىق تۈركىيە ئۈچۈن يېڭى بىر رايون خاراكتېرلىك بىخەتەرلىك كىرىزىسىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇڭا، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىغا خاتىمە بېرىش، رايوننىڭ بىخەتەرلىك مۇھىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە مۇقىمسىزلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىر قەدەم دەپ قارالماقتا. ‎

ئاخىرقى نۇقتا بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلىۋاتقان ھۇجۇملىرىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى تۈركىيە - ئىسرائىلىيە نورماللىشىش مۇساپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئېھتىمالىغا ئىگە ئىكەنلىكىدۇر. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ مەسىلىدە مۆتىدىل بايانات ئېلان قىىلۋاتقانلىقىغا ۋە تۈركىيەنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئالدى بىلەن كىرىزىسنى توختىتىش بولۇۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، كىرىزىسنىڭ بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىشىغا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نورماللىشىشنىڭ قايتىدىن ئەمەلدىن قېلىشى تۇرغانلا گەپ. بۇ ۋەجىدىن تۈركىيە بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى نورماللىشىش رېئال بىر سىناقتىن ئۆتمەكتە دېيىشكە بولىدۇ. دەل مانا بۇ نۇقتىدا، نورماللىشىشنىڭ  ئاساسىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە توغرا كېلىشى مۇمكىن. مۇھىم بولغىنى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن قانداق بىر رايون مۇھىتىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى ھېسابلىنىدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە سۆز ئېچىش ئانچە مۇمكىن بولمايدىغاندەك قىلىدۇ.

بىرىنچىدىن، تۈركىيە-ئىسرائىلىيەنىڭ نورماللىشىشى 7-ئۆكتەبىردىن كېيىن يېڭى بىر ئاساستا ئىلگىرىلەشكە مەجبۇر بولىدۇ. چۈنكى  7-ئۆكتەبىردىن ئىلگىرىكى نورماللىشىشقا بولغان مۆلچەرلەر ئىتايىن يۇقىرى كۆتۈرۈۋېتىلگەن ئىدى. نە ئېنېرگىيە مەسىلىسى، نە باشقا گېئوپولىتىكىلىق مەسىلىلەر نورماللىشىشنى يالغۇز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل بولالمايدۇ.

ئىككىنچىدىن، تۈركىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە ئوخشاش ھېچقاچان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بولۇپ باقمىدى. 1990-يىللىرىدىكى مۇناسىۋەتلەردىكىگە ئوخشاش «ئاتالمىش ​ ئالتۇن دەۋر» نىڭ قايتا شەكىللىنىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.

ئۈچىنچىدىن، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تاشقى سىياسەت رېئاللىقىنىڭ مۇئەييەن چېكى بار. چۈنكى تۈركىيەنىڭ ئەخلاقىي رېئاللىقى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ چەكلىمىسىز رېئاللىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە داۋاملىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرمايدىغان مۇھىم دىنامىك ئامىل. پەلەستىن مەسىلىسى مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنى مۇمكىن بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرمەكتە. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئۈچۈن ئىككى مەسىلىنى بىر- بىرىدىن ئايرىش ئىنتاين قىيىن. ئاخىرىدا، ئەگەر تۈركىيەدىكى جەمئىيەت يا تۈركىيە - ئىسرائىلىيە نورماللىشىشىنى ياكى پەلەستىن مەسىلىسىنى تاللاشقا مەجبۇر بولغان تەقدىردە، پەلەستىن مەسىلىسىنى تاللايدىغانلىقى ئېنىق. بۇ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان چوقۇم ھېسابقا قوشۇشى كېرەكلىك ئەڭ مۇھىم دىنامىكلەردىن بىرسىدۇر.

بۇ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەر نەزەرگە ئېلىنغاندا، تۈركىيە كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن رايوندا ئەڭ ئاكتىپ رول ئوينىغان دۆلەتلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ. كىرىزىسنىڭ چوڭقۇرلىشىشىنىڭ ئەمدىلىكتە تۈركىيە-ئىسرائىلىيە نورماللىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىندەك قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى تېخىمۇ كەڭ نورماللىشىش مۇساپىسىگە ئىسرائىلىيەنىڭ 7-ئۆكتەبىر ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھۇجۇملىرىنىڭ ئېغىر تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولغانلىقىدۇر. بۇنىڭ كەلگۈسى بولسا، غەربنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ئارقىسىدا قانچىلىك تۇرىدىغانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈنئىي ياراتقان ئۇرۇشى ۋە توقۇنۇشىنىڭ ئۇرۇش قائىدە- پىرىنسىپلىرىنى يەنە قانچىلىك كۆرمەسكە سېلىشىغا باغلىقتۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر