كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (1)...

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ يېڭى سانىدا، ئىستانبۇلنى سەيلە قىلىشنى باشلايمىز.

2053103
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (1)...

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى - ئىستانبۇل (1)...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بىز ئاستا- ئاستا 8500 يىللىق تارىخقا ئىگە شەھەرگە يېقىنلىشىۋاتىمىز. بۇ شەھەر ئەسىرلەر بويىچە ئۇرۇشلارغا، تىنچلىق ئورنىتىشلارغا ۋە قورشاۋلارغا سەھنە بولىدۇ. بۇ شۇنداق مۇھىم شەھەردۇكى، دۇنيا تارىخىدا ئۇنى بويسۇندۇرۇش (پەتھى قىلىش) بىلەن بىر دەۋر ئاخىرلىشىپ، يېڭى دەۋر باشلىنىدۇ.  كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز ئىككى قىتئەگە جايلاشقان بىردىنبىر شەھەر: ئىستانبۇل.

سانسىزلىغان كىشىلەر بۇ شەھەردە ياشىدى، سودا - تىجارەتنىڭ يۈرىكى بىر مەزگىل بۇ يەردە سالدى، پورتلىرىدا سانسىزلىغان پاراخوتلار توختىدى. ئۇ ئۈچ چوڭ ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى بولدى، ئىمپېرىيەنىڭ ئوردىلىرىدا نۇرغۇن قىزىقارلىق سەرگۈزەشتىلەر يۈز بەردى. ئۇ شائىرلار، يازغۇچىلار، سەنئەتچىلەر، سىياسىيونلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان شەھىرىگە ئايلاندى!

بەلكىم ئىستانبۇل ھەققىدە ھازىرغىچە مىليونلىغان سۆزلەر قىلىندى ۋە ئۇ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋام قىلىدۇ. چۈنكى بۇ تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى، چۈشەندۈرۈپ بولغىلى بولىدىغان شەھەر ئەمەس. ئىستانبۇل نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى سانسىزلىغان كىشىلەر گۈزەللىكىگە مەھلىيا بولۇپ ماكان تۇتقان، تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسىنى قوغلىشىپ كەلگەن، بەلكى يوقاپ كەتكەن ھەيۋەتلىك شەھەر.

ئىستانبۇل رىم، ۋىزانتىيە ۋە ئوسمانلىدىن ئىبارەت دۇنيا تارىخى ۋە سىياسىتىنى شەكىللەندۈرگەن ئۈچ ئىمپېرىيەنىڭ پايتەختى. ئىستانبۇلنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ نەپەسلىنىشكە، ئۇنىڭ كېچە-كۈندۈزلىرىگە، ياز ۋە قىش كۈنلىرىگە شاھىت بولۇشقا ۋە ھەيران قالارلىق ئىشلارغا تولغان بۇ شەھەرنى قەدەممۇقەدەم كېزىپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ!

ئىستانبۇل بەلكىم ئوخشىمىغان دەۋرلەرنىڭ روھىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بولغاچقا،  كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدىغاندۇر. ئىستانبۇل ئالدىراشچىلىقى، قىستاڭچىلىقى ۋە زىتلىقلىرى بىلەنمۇ كىشىنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ؛ ئۇ كۈندە يىگىرمە تۆت سائەت ياشايدۇ! سىلەر دۇنيادىكى يىگىرمە تۆت سائەت بويىچە كۆزىنى يۇممايدىغان قانچە شەھەرنى ساناپ چىقالايسىلەر؟

بەزىلىرىدىن تېتىتقۇلارنىڭ پۇراقلىرى ئۆرلەيدىغان، بەزىلىرىنىڭ رەڭگارەڭ گىلەم ۋە زىبۇزىننەتلىرى كۆزنى چاقنىتىدىغان قەدىمىي بازارلىرى، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مەنزىرىلىرى، يەتتە تۆپىلىكى ۋە مارمارا بوغۇزى (بوسفور) ... شۇنداق ئىككى قىرغىقى چىنار دەرەخلىرى بىلەن قاپلانغان مارمارا بوغۇزى ئوتتۇرىسىدىكى ئىپتىخارلىق ھالەتتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان قىز قەلئەسى! ھەم ئاسىيا ھەمدە ياۋروپا تەرىپىنىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ كېلىۋاتقان ئادەملەر توپى، ... قارشى قىرغاققا بېرىش ئۈچۈن ئالدىرىۋاتقان كىشىلەر، باش تېگىپ كەتكۈدەكلا ياردىن ئۇچۇۋاتقان تورنىلار ۋە دېڭىز پۇرىقى!

تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ سەركە قەلەمكىشى ئەھمەد ھامدى تانپىنار: «ھەر بىر ئىستانبۇللۇق ئانچە – مۇنچە شائىردۇر» دەيدۇ. ئۇ شەھەرنىڭ سېھرىي كۈچىنىڭ كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئۇلا ئەمەس، دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىدىن دوستويېۋىسكىي، ئېدموندو دې ئامىكس، پيېر لوتى، ئاگاتا كىرىستى، ھېمىڭۋاي ۋە باشقا نۇرغۇن يازغۇچىلارمۇ ئەسەرلىرىدە ئىستانبۇلنى تەسۋىرلەيدۇ. چۈنكى بۇ بىر چۈش شەھىرى. ياغاچ ئۆيلەر يانمۇيان تىزىلىپ كەتكەن كونا مەھەللىلەر، دېڭىزغا تۇتىتىشىپ كېتىدىغان تار ۋە دۆڭلۈك كوچىلار، تارغىنا بوشلۇقتىن غىل – پال كۆرۈنۈپ قالىدىغان بوغۇزنىڭ سۈپسۆزۈك سولىرى...... خۇددى سېھىرلىك بىر قول تۇيۇقسىزلا يېتىپ كېلىپ، سىزنى شەھەرنىڭ قالايمىقانچىلىقىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئاشۇ كۆپكۆك دېڭىزلارغا تاشلاپ قويغاندەكلا، بارلىق قايغۇلىرىڭىز ئېسىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ئىستانبۇلنىڭ سېھرىي كۈچى بار. ئويلىمىغان بىر پەيتتە، ئويلىمىغان بىر يەر كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ-دە، بىرەر كەچمىشنى ئېسىڭىزگە سالىدۇ. قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بىر مۇڭ سىزگە بىر نەرسىلەرنى ئەسلىتىدۇ، باشقا بىر زاماننىڭ پەردىلىرى ئېچىلىدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا سىز ئىستانبۇلنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ ياشاشقا باشلايسىز.

ئىستانبۇل ھەر جەھەتتىن كىشىنى ھەيران قالدۇرۇپ، ئۆزىگە مەھلىيا قىلىۋالىدىغان ئەپسانىۋى شەھەر. ئۇ قۇلىقىڭىزغا ھەم ئۆتمۈشنىڭ، ھەم بۈگۈننىڭ ھېكايىسىنى پىچىرلايدۇ؛ ئۇ ھەم ئاسىيا ھەم ياۋروپادۇر. ئۇ پۈتۈنلەي دېگۈدەك بىر ئۈستى ئوچۇق مۇزېي بولۇپ، سىزنى ئۇ يەردە سارايلار، دىنىي ئىمارەتلەر، مۇزېيلار، مەھەللىلەر، باغچىلار، بۇ شەھەردە ئىز قالدۇرغان زاتلار ۋە بىز ساناپ تۈگىتەلمىگۈدەك نۇرغۇن ئىشلار كۈتمەكتە.

ئەگەر قوشۇلساڭلار، مەن سىلەرگە سائەت – سائەتلەپ ئىستانبۇل ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي. ئەنسىرىمەڭلار، بىز 8500 يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ ھەيۋەتلىك شەھەرنى قەدەممۇقەدەم ئايلىنىپ، تارىخىي يېرىم ئارالنى، بازارلىرى، كىتابپۇرۇشلىرى ۋە ئاسارە – ئەتىقىلىرى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلىمىز. بىز دېڭىز ئارقىلىق ئىستانبۇلغا يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭ يول بويىدىكى ئېسىل قولتۇقلىرى ۋە كىچىك شەھەرلىرىنى كۆرىمىز.

بۈگۈن مەن بىر قەدەر كۆپ گەپ قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن. چۈنكى ھەر قېتىملىق ئىستانبۇل سەپىرىم مېنى ھاياجانلاندۇرىدۇ. مەن بىلگەن ۋە كۆرگەنلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن، بۇ قەدىمىي شەھەرنى سىلەر بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر قېتىم ئايلىنىش ئارقىلىق يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگىنىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىمەن! بۇلارنىڭ ھەممىسى مېنى ھاياجانلاندۇرىدۇ.

ھازىر خوشلىشىدىغان پەيت كەلدى، دېڭىزدا كۈننىڭ ئولتۇرۇشىنى تاماشا قىلغاچ يولىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى. مەن كېلەر ھەپتە مۇشۇ كۈن ۋە مۇشۇ ۋاقىتتا سىلەرنى ساياھەت كېمىمىز «سەيياھ»تا كۈتىمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر