ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىقلىق توغرىسىدا

كۆزنەك (59)

2051960
ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىقلىق توغرىسىدا

ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىقلىق توغرىسىدا تەتقىقات ئېلان قىلىندى

ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىقلىق توغرىسىدا تەتقىقات ئېلان قىلىندى.

ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەسىللىك نورمال ئەھۋالدىن تەخمىنەن 49 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئۆرلەپ كەتتى. بۇ ھازىرغا قەدەر خاتىرىلەنگەن ئەڭ بىنورمال ئىسسىقلىق دولقۇنىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈلۈشىنىڭ 2 سېلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى ئۆرلەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە 2022-يىلى 3-ئايدا يۈز بەرگەن ۋە بۇ رايوندىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى، ھازىرغا قەدەر خاتىرىلەنگەن ئەڭ بىنورمال ئىسسىقلىق دولقۇنىدا كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈلۈشىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان، نەتىجىلىرى «‹يەرشارى ۋە ئالەم ئىلمى› ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقاتتا، ئانتاراكتىكادىكى كونكوردىيا ئىستانسىسىدا 2022-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى نۆلدىن تۆۋەن ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ 11.5 سېلسىيە گىرادۇسقا ئۆرلەپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان  بىنورمال ئىسسىقلىق دولقۇنىنىڭ سەۋەبلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسى پەسىللىك نورمال ئەھۋالدىن تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 49 سېلسىيە گىرادۇستا بولىدىغان رايوندا، بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ كالتە ئىشتان كىيىشىگە سەۋەب بولغان ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىدا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئۈلۈشى ئاز بولۇپ، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب، مەزكۇر رايوننىڭ تەبىئىي ئۆزگىرىشچانلىقى ئىكەن.  

تەتقىقاتچىلار پەرقنى ئۆلچەش ئۈچۈن تەقلىدىي تەقلىد ھاسىل قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىنىڭ پەقەت 2 گىرادۇس ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىققان، شۇنداقلا بۇ ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ ئاۋىستىرالىيەدىنمۇ ئىسسىق ۋە نەم ھاۋا ئېلىپ كېلىدىغان ئادەتتىن تاشقىرى ھاۋارايى ھادىسىلىرىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تولۇق رولى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە

گەرچە بۇ تەتقىقاتتا، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلسىمۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ تولۇق رولى يەنىلا تەكشۈرۈلمەكتە.

 ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئانتاراكتىكا قىتئەسىنىڭ ئىسسىق ھاۋا تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ بىنورمال شاماللارغا تەسىر كۆرسىتىشى سەۋەب بولۇۋاتقىنىدەك،  سىناق ئۈسكۈنىلىرىدە تېخى سىناق قىلىنىپ باقمىغان باشقا ئامىللارنىڭ بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ يۇقىرى ئىكەن.

مەنبەسى: TRT Haber



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر