زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

شىپا بۇلىقى (56)

2043703
زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى تۆۋەندىكىچە:

• ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەگە قارشى تۇرۇش رولى بار.

• زەمبۇرۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

• ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ.

• ياللۇغ قايتۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار.

• قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدۇ.

• قىزىل قان تومۇرلىرىنى راھەتلىتىپ، قان ئايلىنىشنى راۋانلانشتۇرىدۇ.

• كۈچلۈك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوغدايدۇ ۋە تەرەققىي قىلدۇرىدۇ.

• قاندىكى قەنت مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

• بالدۇر قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• سوزۇلما خاراكتېرلىك ھارغىنلىقنى داۋالاش ئارقىلىق ئېنېرگىيە سەۋىيەسىنى ئاشۇرىدۇ.

• كەيپىياتنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

• سەزگۈرلۈك كېسىلىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

• موسكۇللارنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

• جىگەر، سۈت بېزى ۋە مەزى بېزى راكى قاتارلىق ئۆسمە ھەم راك كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ.

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە پايدىلىق

زەيتۇن يوپۇرمىقى يۈرەك كېسىلى ۋە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ناچار خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ. زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ بۇ شىپالىق رولى قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئازايتىدۇ.

 يۇقىرى قان بېسىمغا شىپا بولىدۇ

بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقى قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بېرىدىكەن.

دىيابېت كېسەللىكىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرىدۇ. نۇرغۇن تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرى قان شېكىرىنىڭ داۋالغۇش دەرىجىسىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ، شۇنداقلا دىيابېت كېسىلىنىڭ ئەڭ چوڭ خەتەرلىك ئامىللىرىدىن بىرى بولغان بەدەننىڭ ئىنسۇلىن قارشىلىقى كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى پاركىنسون كېسەللىكىگە پايدا قىلىدۇ ۋە ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، چوڭ مېڭە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

 زەمبۇرۇغ، ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەگە قارشى ئۈنۈمى يۇقىرى

بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەنى يوقىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، باكتېرىيە / ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىشنى داۋالاشقا پايدىلىق ئىكەن.

تېرە ساغلاملىقىغا پايدىلىق               

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرى جاراھەتكە سۈرگەندە تېرە ۋە جاراھەتنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى سەۋەبىدىن تېرە ھۈجەيرىسىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بىر تەتقىقات نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرى تېرىنىڭ قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدىكەن.

بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرى ئورۇقلاشقا ۋە بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ ئەكس تەسىرلىرى:

زەيتۇن يوپۇرمىقى قان بېسىمى ۋە قاندىكى گىلۇكوزا سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، تۆۋەن قان بېسىم ۋە گىلۇكوزا سەۋىيەسى تۆۋەن كىشىلەر زەيتۇن يوپۇرمىقىنى ئېھتىيات بىلەن ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

ئۆزئارا تەسىر قىلىش خۇسۇيىتىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، دىققەت قىلمىغاندا قان بېسىم ۋە گىلۇكوزا سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىدىغان دورىلار خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر سىزدە دىيابېت كېسىلى بولسا، زەيتۇن يوپۇرمىقى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى ۋە يېشىل چاي:

يېشىل چاينىڭ ئورنىغا زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى ئىچىش ئەڭ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيى پۈتۈنلەي كوففېئىنسىر بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، زەيتۇن يوپۇرمىقى يېشىل چاينىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە، ۋىتامىن C نىڭ تۆت ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقىنى ساقلاش ئۇسۇلى:

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى شېشىدە سالقىن، قاراڭغۇ ۋە قۇرغاق جايدا ئىككى يىلغىچە ساقلىسىڭىز بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقىنىڭ ئەكس تەسىرى

بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، زەيتۇن يوپۇرمىقى ھۆتەل، باش قېيىش، ئاشقازان ئاغرىش ۋە باش ئاغرىش قاتارلىق ئەكس تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدىكەن.

بەزى كىشىلەر زەيتۇن دەرىخى ئىشلەپچىقارغان گۈل چېڭىغا قارىتا سەزگۈر كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ كىشىلەر زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلغاندا سەرگۈرلۈك رېئاكسىيەسىگە دۇچ كېلىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرى قان بېسىمى ۋە قان  شېكىرى سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. ئەگەر سىزدە دىيابېت كېسىلى بولسا، ياكى قان شېكىرىڭىز ۋە قان بېسىمىنى كونترول قىلش ئۈچۈن دورا ئىستېمال قىلىۋاتقان بولسىڭىز، زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت سوراڭ.

بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارمۇ زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن دوختۇردىن مەسلىھەت سورىشى كېرەك.

ھامىلىدار ياكى بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللارنىڭ زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى بىمالال ئىستېمال قىلسا بولىدىغانلىقى توغرىلىق يېتەرلىك سانلىق مەلۇمات يوق. شۇڭا، ئۇلار زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى دوختۇرلارنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ئىستېمال قىلىشى كېرەك.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى دەملەش ئۇسۇلى:

زەيتۇن يوپۇرمىقىنى دورىگەرلىك دۇكانلىرىدىن تاپقاندىن باشقا، ئۆيدە قۇرۇتقىلىمۇ بولىدۇ. بىر ئىستاكان قايناق سۇغا بىر قوشۇق قۇرۇتۇلغان زەيتۇن يوپۇرمىقىنى سېلىپ، 10 مىنۇت دەملىگەندىن كېيىن، سۈزۈپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى كۈندە ئۈچ قېتىم ئىككى ئاي ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى ئاچ ياكى توق قورساققا ئىچىشكە بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى كۈندۈزى ئۇششاق-چۈششەك يېمەك - ئىچمەك سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىش مۇۋاپىق.

زەيتۇن يوپۇرمىقى چېيىنى ناشتىدا نورمال يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقىمۇ بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى ئىستېمال قىلىش ئۇسۇلى:

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنىڭ شىپالىق رولىدىن پايدىلىنىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلى ئۇنى كومىلاچ ۋە تابلېتكا شەكلىدە سېتىۋېلىپ، ئىستېمال قىلىش ھېسابلىنىدۇ. زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى سۇيۇقلۇق شەكىلدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

زەيتۇن يوپۇرمىقى جەۋھىرىنى كۈندىلىك ئىستېمال قىلىش مىقدارى بىر قېتىمدىن ئىككى قېتىمغىچە 500 مىللىگىرام بولسا بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر