ناشتا قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

شىپا بۇلىقى (55)

2041287
ناشتا قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

ناشتا قىلىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ناشتا قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پايدىسى ئۇنىڭ مېتابولىزمنى تېزلىتىپ، كۈن بويى تېخىمۇ كۆپ كالورىيە خورىتىشقا ياردەمچى بولۇشىدۇر. ناشتا قىلمىغاندا بەدىنىڭىز كالورىيەنى خورىتىشنىڭ ئورنىغا ساقلايدۇ.

تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەردە كۈندۈزى تېخىمۇ ئاز كالورىيە قوبۇل قىلىدىغان بولۇشىغا قارىماي، بەدەن ماسسىسى كۆرسەتكۈچى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.

تۈرلۈك تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى ناشتا قىلىشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوخشىمىغان پايدىلىرى بار ئىكەن:

• كالورىيە مىقدارى تېخىمۇ ئاز  بولۇش،

• كۈن بويى ماينى تېخىمۇ ئاز ئىستېمال قىلىش،

• كۈندىلىك كالتسىينىڭ قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇش،

• كۈندىلىك تالا قوبۇل قىلىش مىقدارى يۇقىرى بولۇش،

• (ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ ئەستە ساقلاش ۋە دىققەتنى يىغىش) ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى.

• ئەگەر كۈندىلىك مەشغۇلاتىڭىزنى ئەتىگەندە ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىش بىلەن باشلىسىڭىز، كۈن بويى ئوزۇقلۇق قىممىتى تۆۋەن نەرسىلەرنى يېيىشكە مايىللىقىڭىز تېخىمۇ ئاز بولىدۇ.

تەڭپۇڭ ناشتىلىق بەدەننى قۇۋۋەتلەيدۇ

ناشتا قىمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۈندۈزى جىسمانىي قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، كالورىيە خورىتىشى ئازىيىدۇ. بىز سەرپ قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئازايغانسېرى ئورۇقلاش تەسكە توختايدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ئېنېرگىيەسىز يەنى ئاچ قالغان بەدەن كېيىنكى تاماق ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىنغان يېمەكلىكلەرنى مايغا ئايلاندۇرۇپ ساقلايدۇ. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغانغاندىن كېيىن بىر سائەت ئىچىدە چوقۇم ناشتا قىلىڭ.

ئەتىگەن تەرەپلەردە ناشتا قىلىدىغانلارنىڭ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﻗﯘﯞﯞىتى ناشتا قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ناشتىلىقنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتنى تېخىمۇ كۈچلۈك بەدەن بىلەن باشلاشقا ياردەمچى بولۇشىدۇر.

ناشتا قىلىدىغانلار ناشتا قىلمايدىغانلارغا قارىغاندا كۈن بويى تېخىمۇ كۆپ كالورىيە قوبۇل قىلىدۇ، بىراق بەدەن قۇۋۋىتى كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ئويغانغىنىمىزدا ناشتا قىلىش ئارقىلىق بىز ئېھتىياجلىق بولغان ئېنېرگىيەگە ئېرىشىشىمىز بىزنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلدۇرىدۇ. ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەردە ھارغىنلىق، ھالسىزلىق، زېھنى ئاجىزلىق، قان قەنتى تۆۋەن بولۇش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ناشتا قىلىدىغانلار كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەر كۈندۈزى ماي ۋە قەنت مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. ناشتا قىلىدىغانلار بولسا ئىشتىھاسىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلالايدۇ.

ناشتىلىق يۈرەك ساغلاملىقىڭىزنى قوغدايدۇ

ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناشتا قىلىدىغانلارغا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشچە، ناشتا قىلمايدىغانلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدىكەن، بۇ دىيابېت كېسەللىكى، يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇلار بولسا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىكەن.

ناشتا قىلمايدىغانلار باشقا تاماق ۋاقىتلىرىدا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەيدىكەن ۋە كۈن بويىچە ھەددىدىن زىيادە غىزالىنىدىكەن.

ناشتىلىق ئەستە ساقلاش ۋە دىققەتنى يىغىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ

ناشتا قىلىش دىققەتنى يىغىش، دىققەت چېچىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دەرۋەقە ناشتىلىق چوڭ مېڭىنى كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ياخشىلاشقا يارەم بېرىدۇ. ناشتا قىلمىغاندا ئۇزىراپ كەتكەن ئاچلىق ۋاقتى قان قەنتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە چوڭ مېڭىنى يېتەرلىك گىلۇكوزا بىلەن تەمىنلىيەلمەيدۇ. بۇ دىققەت چېچىلىش، كەيپىيات ناچارلىشىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ناشتىلىق چوڭلار ۋە بالىلاردىكى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئۆگىنىش ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

ناشتىلىق دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىدۇ

ئەتىگەنلىك ناشتىلىق دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قان قەنتىنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن ساقلىنىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

بىر تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ناشتا قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەن بولىدىكەن. ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى ۋە ئىنسۇلىن مىقدارى يۇقىرى بولىدىكەن. ناشتا قىلمىغاندا ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلۈكى بۇزۇلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ناشتا قىلمايدىغان كىشىلەرنىڭ قورسىقى كۈن بويى تېخىمۇ كۆپ ئاچىدىكەن ۋە ھەددىدىن زىيادە بىر نەرسە يەيدىكەن. بۇ ئەھۋال شېكەر مېتابولىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىكەن. بۇ بولسا دىيابېت كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

ناشتىلىق چاچ چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ

ناشتا قىلماسلىق چاچ چۈشۈش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. ئاقسىل ماددىسى مول بولغان ئۇزۇقلۇقلار بىلەن قىلىنغان ناشتىلىق چاچنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ ۋە چاچنىڭ ساغلام ئۆسۈشىنى قوللايدۇ.

ناشتىلىق باش ئاغرىش ۋە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېلىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەم بېرىدۇ

ناشتا قىلمىغاندا قاندىكى قەنت مىقدارى تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن باش ئاغرىش ۋە باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېلىپ چىقىدۇ. دەرۋەقە ناشتا قىلمىغاندا باشنىڭ يېرىمى ئاغرىش كېسىلى قوزغىلىدۇ.

ناشتىلىق تالا قوبۇل قىلىش پەيتى

ناشتىلىق كۆپ مىقداردا ئېرىشچان تالاغا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتىدۇر.

ناشتىلىق روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ

ئوبدان ناشتا قىلىۋېلىش روھىي كەيپىياتنى ياخشىلايدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارغا قارىغاندا، بىر كېچە ئۇخلىغاندىن كېيىن ئەتىگەندە ئوبدان ناشتا قىلىىۋېلىش چوڭ مېڭىڭىزنىڭ ئىسكىلاتلىرىنى شېكەر ماددىسى بىلەن تولۇقلايدىكەن. كۆپىنچە كىشىلەر ناشتىلىق سايىسىدا تېخىمۇ كۆپ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق ۋە تېخىمۇ ئاز ئەسكى مىجەزلىك بولىدىكەن.

ياخشى بولغان ناشتىلىق قانداق بولىدۇ؟

ناشتىلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدىكى ئاكتىپ تەسىرلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، پېچىنە-پىرەنىك، شاكىلات قاتارلىق يۇقىرى مايلىق ئۇششاق يېمەكلىكلەردىن ساقلىنىڭ. ئەڭ ياخشى ناشتىلىقنىڭ ھەر خىل مېۋە مېغىزلىرى، پىشلاق، تۇخۇم، پەمىدۇر، تەرخەمەك، زەيتۇن ياكى ياڭاق قاتارلىق ئۇزۇقلۇقلاردىن تەركىب تاپىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ ۋە مۇشۇ ئۇزۇقلۇقلارنى تاللاپ ناشتا قىلىڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر