تۈرك تائاملىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى – قېتىق

بىلىۋېلىڭ (51)

2029493
تۈرك تائاملىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى – قېتىق

تۈرك تائاملىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى – قېتىق

تۈرك تائاملىرىدا قېتىقنىڭ كۆپ خىللىقىنى بىلەمسىز؟

بۈگۈنكى كۈندە، قېتىقنىڭ سالامەتلىككە قانچىلىك پايدىسىنىڭ بارلىقى ھەمدە دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە كەڭ ئىستېمال قىلىنىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بازار - دۇكانلاردىن پىروبىيوتىك، لاكتوزاسىز ، سۈزمە، يېرىم مايلىق ، مېۋىلىك قاتارلىق ئون نەچچە خىل قېتىقنى تاپقىلى بولىدۇ. تۈرك تائاملىرىغا خاس قېتىق تۈرلىرى بولسا  بۇلاردىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر.

قېتىق ئانادولۇنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ھەل خىل بولىدۇ. ھەتتا ئۆيلەردىمۇ بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. قېتىقنىڭ تەمىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللارنىڭ بېشىدا قېتىق ئۇيۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سۈت كېلىدۇ.

 بۈگۈنكى كۈندە، ئەڭ ئاسان تاپقىلى بولىدىغان سۈت كالا سۈتىدۇر. شۇڭا بۇ سۈتتىن ياسالغان قېتىق ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمما قوي ، ئۆچكە ياكى كالا سۈتى بىلەن ياسالغان قېتىقلارمۇ بار بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئۇيۇتۇلۇش شەكلى ۋە تەمى بىر – بىرىگە ئوخشىمايدۇ. قوي قېتىقى سەل ئاچچىق ، كالا قېتىقى سەل ئېچىق كېلىدۇ. قوتاز سۈتىدىن ياسالغان قېتىق قويۇق بولۇپ ، تەركىبىدە باشقا قېتىقلارغا قارىغاندا كالتسىي ۋە سۈپەتلىك ئاقسىل ماددىسى خېلىلا كۆپتۇر.

تۈركىيەنىڭ قېتىقى بىلەن داڭ چىقارغان رايونلىرىمۇ بار. مەسىلەن، ئىستانبۇلنىڭ كانلىجا رايونى بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان قېتىقى بىلەن مەشھۇردۇر. يەنە  ئىستانبۇلنىڭ سىلىۋىرى رايونىمۇ قېتىقى بىلەن داڭلىقتۇر. تەخمىنەن 130 يىللىق تارىخقا ئىگە سىلىۋرى رايونىنىڭ قېتىقى 1870-يىللاردا پەقەت قېتىق ياساش ئۈچۈن سىلىۋىرىدا تەسىس قىلىنغان قېتىق ياساش ئۆيلىرىدە ئۇيۇتۇلۇپ، ئىستانبۇلغا تارقىتىلاتتى. 1930-يىللاردا دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىپ، باشقا چوڭ شەھەرلەرگىمۇ ئەۋەتىلىشكە باشلىغان سىلىۋىرى قېتىقى ھازىرمۇ داڭلىقتۇر.

تۈركىيەدە قېتىقنىڭ تۈرى كۆپ بولغىنىدەك، قېتىقتىن ياسالغان تائاملارنىڭ تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپتۇر. تۈرك تائاملىرىدا، قېتىق ھەر خىل شورپىلاردىن تارتىپ تاتلىق – تۇرۇملارغىچە نۇرغۇن تاماقلاردا ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيالدۇر. مەسىلەن، دەنىزلى ۋە ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئۆچكە سۈتى ئارقىلىق تائاملارغا ئۆزگىچە تەم كىرگۈزۈلىدىغان قېتىق پىشۇرۇلغان كۆكتاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.

 خاتاينىڭ ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك قېتىقى بولسا زەيتۇن يېغى ۋە تېتىتقۇلار بىلەن تەم كىرگۈزۈلۈپ ئىستېمال قىلىنىدۇ. قېتىق ھەرقانداق بىر تاماقنى تەييارلاشتا ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلمىگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تۈرك تائاملىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر