سىنك كەملىك كېسىلى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

زشىپا بۇلىقى (51)

2029494
سىنك كەملىك كېسىلى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

سىنك كەملىك كېسىلى ۋە تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

سىنك كەملىك كېسىلى دېگەن نېمە؟

سىنىك بەزى يېمەكلىكلەردە تەبىئىي ھالەتتە بولىدىغان ۋە بەدەن ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان مىنېرال ماددا. سىنىك ھامىلىدارلىق، بالىلىق ۋە بالاغەتكە يەتكەن مەزگىللەردە ئۆسۈپ يېتىلىشنى قوللايدۇ. بولۇپمۇ تەم ۋە پۇراق تۇيغۇسىنىڭ يېتىلىشىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بەدەن سىستېمىسىدا ئوخشىمىغان شەكىللەردە مۇھىم رول ئوينايدىغان سىنك بەدەندە ئۇزۇن مۇددەت ساقلىنىپ قالالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئۇنى چوقۇم ھەر خىل يېمەكلىكلەر ياكى قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

سىنك كەملىكنىڭ سەۋەبى نېمە؟

سىنىك كەملىك ئاساسەن ئوزۇقلۇقنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە تەڭپۇڭسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، نۇرغۇن ئۇزۇقلۇق مەنبەلىرىدە سىنىك بار. ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى، دانلىق زىرائەتلەر، كۆكتاتلار، مېۋە – چىۋىلەر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سىنىك مول ئۇزۇقلۇق گۇرۇپپىلىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ خىل ئۇزۇقلۇقلارنى يېتەرلىك مىقتاردا ئىستېمال قىلماسلىق نەتىجىسىدە سىنىك كەملىك ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.

سىنىك كەملىك ئالامەتلىرى قايسىلار؟

سىنىك ئادەم بەدىنىدىكى ھۈجەيرە ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى فۇنكىسىيەلىرىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئىنساننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە كۆپىيىشىدە كەم بولسا بولمايدىغان سىنىكنىڭ كەملىكى يېڭى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىلالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تېرىنىڭ قۇرغاقلىشى، يىرىكلىشىشى، چاچ چۈشۈش، تىرناق قالايمىقانلىشىش، كۆرۈش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش، ئىچى سۈرۈش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش سىنك كەملىكنىڭ مۇھىم ئالامەتلىرىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ.

سىنك كەملىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

 • نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئورۇقلاش،

• تەم سەزگۈسى ۋە پۇراش سېزىمى تۆۋەنلەپ كېتىش،

· تېرىدىكى ئوچۇق ياكى ساقايمايدىغان جاراھەتلەر،

• ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش،

· ئىچ سۈرۈش

· چاچ چۈشۈش،

· ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن دائىم يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش،

· بوۋاقلار ۋە بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ كېچىكىشى،

· روھىي چۈشكۈنلۈك،

· تېرە رەڭگى سارغىيىش،

• بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا، بولۇپمۇ يۈزدە كۆرۈلىدىغان دانىخورەكلەر،

• تېستوستېرون ھورمۇنىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى.

سىنىك كەملىك ئادەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ كېچىكىشى، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا چاچ چۈشۈش، جىنسىي جەھەتتىن يېتىلىشنىڭ كېچىكىشى، ئىچ سۈرۈش ياكى كۆز ۋە تېرە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئورۇقلاش ۋە چۈشكۈشلىشىش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

سىنىك كەملىك كېلىسىنى قانداق داۋالىغىلى بولىدۇ؟

تەركىبىدە سىنىك ماددىسى مول بولغان بەزى ئۇزۇقلۇق گۇرۇپپىلىرى تۆۋەندىكىچە:

• قىزىل گۆش، ئۆي قۇشلىرى ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ھەر خىل گۆشلەر،

• سۈت، پىشلاق ۋە قېتىق قاتارلىق سۈت مەھسۇلاتلىرى،

• يېسسى پۇرچاق، يېسسىمۇق ۋە نوقۇت قاتارلىق پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار،

• سۇلۇ قاتارلىق كۈنجۈت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار،

• پالەك، ئارگۇلا، چوڭ يوپۇرماقلىق قىزىلچا، ئوكرا، كۆك پۇرچاق، گۈمبەمەدەك، مەرۋايىتگۈل قاتارلىق كۆكتاتلار،

• ئورمان ياڭىقى قاتارلىق  قۇرۇق يەل - يېمىشلەر،

• تۇخۇم.

بولۇپمۇ ھايۋانات يېمەكلىكلىرىدە بولىدىغان سىنىك بەدەن تەرىپىدىن ناھايىتى تېز سۈمۈرۈلىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئاستا-ئاستا سۈمۈرۈلىدىغان دان قاتارلىق يېمەكلىك گۇرۇپپىلىرىنى ئىستېمال قىلىشتىن ئىلگىرى، كۈندىلىك سىنىك مىقدارىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك ئالدىنقى شەرتى بىلەن ھايۋانات يېمەكلىكلىرىنى ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

ئېغىر دەرىجىدىكى سىنىك كەملىك كېسىلى كۆرۈلگەندە سىنىك تولۇقلىمىسىنى قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. بۇ تولۇقلىما ماددىلارنى سىنىك كەملىك كېسىلى كۆرۈلمەستىن بۇرۇن قوبۇل قىلىش خەتەرلىكتۇر. سىنىك كەملىك كېسىلىنى ئېغىر – ينىكلىكىگە قاراپ تولۇقلىمىلارنى قوبۇل قىلىش، ئانتىبىيوتىك ياكى سۈيدۈك ھەيدەش دورىلىرىنى ئىچىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بۇ قوشۇمچە ماددىلارنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش كېرەك.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر