ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (50)

2026622
ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى

(تۆۋەندە، دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىنى تەبىئىي داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

چۆل يالپۇزى 

چۆل يالپۇزى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان چوڭ مېڭىگە پايدىلىق شىپالىق ئۆسۈملۈكتۇر. ئاچچىق پۇراقلىق ئۆسۈملۈك بولغان چۆل يالپۇزى بىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئالزىمېر كېسەللىكىنى داۋالاشقا ياردەم بېرىدۇ. 2017-يىلى ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، چۆل يالپۇزىنىڭ تەركىبىدە بىلىش ۋە نېرۋا ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق ماددىلار بار ئىكەن.

زەرچىۋە

زەرچىۋە  ئايرۇد تېبابىتىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئىشلىتىلىۋاتقان تېتىتقۇدۇر. ئۇنىڭ تەركىبىدە «كۇركۇمىن» دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە ماددا بار بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىققا پايدىلىقتۇر.

2010-يىلى ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، زەرچىۋە چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇدىكەن ۋە مېڭىنى تازىلاش ئارقىلىق ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن. شۇنداقلا چوڭ مېڭىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايدىكەن.

زەرچىۋە يۇمغاقسۈت ۋە زىرە قاتارلىق دورا-دەرمەكلەرنىڭ تەركىبىدىكى بىرىكمە ماددىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شىپالىق ئۆسۈملۈكتۇر. زەرچىۋەنى تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىش ئۈچۈن قورۇمىلار، شورپىلار ۋە كۆكتات تائاملىرىغا زەرچىۋە ئىلاۋە قىلىڭ. زەرچىۋەنىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، زەرچىۋە قوشۇلغان تائاملىرىڭىزغا بىر نەچچە تال قارىمۇچ ئىلاۋە قىلىڭ.

 ئاقشاكال

ئۇزۇندىن بۇيان دېۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتقان ئاقشاكال خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى تېبابىتىدە كەڭ قوللىنىلىدىغان دورا بولۇپ، پايدىلىرى بىلەن داڭلىقتۇر.  ئاقشاكال قان ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە مېڭىدە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

ئادەمگىياھ

ئادەمگىياھ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىش ۋە ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈلىدىغان ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك شىپالىق رولى سەۋەبىدىن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدىغان ئەڭ ياخشى ئۆسۈملۈكلەردىن بىرىدۇر. جۈملىدىن ئادەمگىياھ دورىلىق  ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالاشتا ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن شىپالىق ئۆسۈملۈكلەردىن بىرىدۇر.

بادرەنجىبۇيا

دائىم چاي شەكلىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان ۋە تەشۋىش ھەم ئۇيقۇسىزلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىر شىپالىق ئۆسۈملۈك بولغان بادرەنجىبۇيا بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدۇ. بەزى تەتقىقاتلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، بادرەنجىبۇيا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يوقىتىش كېسىلى ئۈچۈن ئەڭ شىپالىق ئۆسۈملۈك ئىكەن.

يېشىل چاي

يېشىل چاي ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. يېشىل چاينىڭ پايدىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، بۇلاردىن بىرى ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە شىپادۇر. يېشىل چاي تەركىبىدىكى بىرىكمە ماددىلىرى سايىسىدا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.  شۇڭا چوقۇم يېشىل چاي ئىچىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قىسقىسى، يېشىل چاي ھەم ئىنتايىن مەززىلىك ھەم ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە شىپالىق بىر ئۆسۈملۈكتۇر.

ئانار شەربىتى

ئەگەر سىز دائىم ئۇنتۇغاقلىق ئازابىنى تارتىۋاتقان بولسىڭىز، ئانار شەربىتىنى ئىستېمال قىلسىڭىز بولىدۇ. دەرۋەقە، ئانار شەربىتى ناھايىتى شىپالىق بولۇپ، مېڭە ھۈجەيرىلىرىنى قوغدايدۇ ۋە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللارنى يوقىتىدۇ. شۇڭا ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئانار شەربىتىنى خاتىرجەم ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

پەمىدۇر

پەمىدۇرنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا «لىكوپېن» دەپ ئاتىلىدىغان بىرىكمە ماددا بار بولۇپ، ئەستە تۇتۇش قابىلىتىنى بارلىق سەلبىي ئامىللاردىن قوغدايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرگە پەمىدۇر ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. پەمىدۇر بەدەننى بارلىق ئەركىن رادىكاللاردىن قوغدايدۇ ۋە مېڭىنىڭ ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ. شۇنداقلا سىزنى تېخىمۇ كۈچلۈك  ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ 

ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ ھەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ ھەم زېھىننى ئۇرغۇتۇپ كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ئۇنتۇغاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىلىشى زۆرۈر بولغان ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﯧﻴﻘﺌﯜﺯﯛﻣﻰ چوڭ مېڭىنى ھەر خىل بېسىملاردىن قوغدايدۇ.

پالەك

تۆمۈر تەركىبى ئەڭ مول ئۇزۇقلۇقلاردىن بىرى بولغان پالەكنىڭ تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسىمۇ بار. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىپ، كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ. ھەددىدىن زىيادە ئۇنتۇغاقلىق قاتارلىق مەسىلىلىرىڭىزنى پالەك ئارقىلىق ھەل قىلالايسىز. پالەك مېڭىدىكى ئۇنتۇغاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان ئامىللارنى يوقىتىدۇ.

 ياڭاق

ياڭاق تەركىبىدىكى ئومېگا -3 ياغ كىسلاتالىرى سايىسىدا ئۇنتۇغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ. شۇ ۋەجىدىن، بىر تۇتامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك شەرتى بىلەن كۈنىگە ياڭاق ۋە ئورمان ياڭىقى قاتارلىق  قۇرۇق يەل - يېمىش ئىستېمال قىلىشقا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك.

 دارچىن

دارچىن پەقەت پۇرىقى بىلەنلا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتەلەيدىغان مۆجىزىۋى يشىپالىق ئۇزۇقلۇقلاردىن بىرىدۇر. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن تەتقىقاتلار نەتىجىسىدە ئىسپاتلىنىشىچە، دارچىننىڭ پۇرىقى مېڭىگە ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، زېھىننى ئاچىدىكەن، ھەمدە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش قابىلىتىنى ئاشۇرىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تەركىبىدە نۇرغۇن مىنېرال ماددىلار بولغانلىقى ئۈچۈن، دارچىن ئىستېمال قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن. خالىسىڭىز تائاملىرىڭىزنىڭ ئۈستىگە دارچىن تالقىنى سېپىپ ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق، خالىسىڭىز قوۋزاق دارچىننى دەملەپ ئىچىش ئارقىلىق دارچىننىڭ ئۆزگىچە شىپالىق رولىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر