قېتىق ۋە شىپالىق رولى

بىلىۋېلىڭ (50)

2026713
قېتىق ۋە شىپالىق رولى

قېتىق ۋە شىپالىق رولى

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياقتۇرۇپ ئىستېمال قىلىنىدىغان قېتىقنىڭ تۇنجى قېتىم تۈركلەر تەرىپىدىن ياسالغانلىقىنى بىلەمسىز؟

سۈت ئېچىتىلىپ ياسىلىدىغان قېتىق تۈرك تائاملىرى ئارىسىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئۇزۇقلۇقلاردىن بىرى. تۇنجى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى تەرىپىدىن ياسالغان ۋە قانچىلىغان ئەسىرلەردىن بۇيان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىۋاتقان قېتىق باشقا تىللاردىمۇ تۈرك تىلىدىكىگە ئوخشاشلا «يوگۇرت <قېتىق>» دەپ ئاتىلىدۇ.

ياز پەسلىدىكى ھاۋا تېمپېراتۇراسى 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ھايۋانلاردىن سېغىلىدىغان سۈتنىڭ بىر مەزگىلدىن كېيىن چۈچۈمەل بولۇپ، قېتىپ قالغانلىقى كۆرۈلىدۇ. قېتىپ قالغان بۇ يېڭى ئۇزۇقلۇقنىڭ قاتتىق قىسمى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قېتىق سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدۇ. بۇ چۈچۈمەل ئۇزۇقلۇقنىڭ پايدىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، قېتىق ياساش تېخنىكىسى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ.

 دەسلەپكى مەزگىللەردە قېتىق ھايۋانات تېرىسى، ياغاچ ياكى كېسەك قاچا-قۇچىلاردا ياسىلىپ، ساقلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، قېتىقنىڭ سۈيى بىلەن دوغاپ ياسىلىدۇ.

قېتىقنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن چارۋىچى خەلقلەرنىڭ غەرب ۋە جەنۇبقا كۆچۈشى بىلەن باشلىنىدۇ. فىرانسىيەنىڭ تېبابەتچىلىك تارىخىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغىنىدەك، ياۋروپانىڭ قېتىق بىلەن تونۇشۇشى 16- ئەسىردە تۈركلەر سايىسىدا بولىدۇ. 

ئەينى ۋاقىتتىكى فىرانسىيە پادىشاھى 1 - فىرانسۇئا ئېغىر ئۈچەي  يۇقۇملىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ۋە ياللۇغ ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ ساقايمايدۇ. پادىشاھنىڭ ئانىسى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى پادىشاھى قانۇنى سۇلتان سۇلايماندىن بىر دوختۇر ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىدۇ. فىرانسىيەگە ئەۋەتىلگەن تۈرك دوختۇر يېنىدا ئېلىۋالغان ئۆچكە سۈتىدىن ياسالغان قېتىقنى فىرانسىيە پادىشاھىغا بېرىدۇ. فىرانسىيە پادىشاھ قېتىقنى ئىچكەندىن كېيىن سەللىمازا ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن قېتىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئالقىشقا ئېرىشىشى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولىدۇ.

 پاستېر ئىنستىتۇتىدىن نوبېل مۇكاپاتلىق رۇس باكتېرىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور مېتچىنىكوۋ  قېتىقنىڭ ئۈچەيلەردىكى ناچار باكتېرىيەلەرنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ قېتىقنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىلىرىغا قارىتا قىزىقىشى ۋە ئېھتىياجى قېتىقنىڭ ئالدى بىلەن ياۋروپادا، ئاندىن ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل دۇنيادا تارقىلىشىنى تېزلىتىدۇ.

ماخاتما گەندىمۇ «يېڭىچە ئۇزۇقلىنىش ئۇسۇلى» ناملىق كىتابىدا، قېتىقنىڭ تىنچلاندۇرۇش ۋە ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە توختىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر