جەننەت (ترابزون) خورمىسىنىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (47)

2021165
جەننەت (ترابزون) خورمىسىنىڭ شىپالىق رولى

جەننەت (ترابزون) خورمىسىنىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

جەننەت خورمىسى  دېگەن نېمە؟

ئادەتتە تۈركىيەدە «ترابزون خورمىسى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ مېۋىنىڭ «ياپون خورمىسى» ۋە «ئاقدېڭىز خورمىسى»  دېگەندەك ئىسىملىرىمۇ بار.

ترابزون خورمىسىنىڭ تەركىبىدە شىپالىق ۋىتامىنلار، مىنېرال ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ سالامەتلىككە بولغان پايدىسى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. مەسىلەن، ۋىتامىن C ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللاپ، يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. قۇرۇتۇلغان جەننەت خورمىسىنىڭ پايدىلىرىمۇ ھۆل خورما بىلەن ئوخشاش. مەيلى ھۆل بولسۇن، مەيلى قۇرۇتۇلغان بولسۇن، جەننەت خورمىسىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

جەننەت خورمىسىنىڭ يۈزلىگەن تۈرى بار بولۇپ، كۈز پەسلىدە يىغىۋېلىنىدۇ. تاكى قىشنىڭ باشلىرىغىچە ئاشخانىلارنى رەڭلەندۈرىدىغان بۇ مېۋە خام ۋە توڭ ۋاقتىدا سېرىق بولىدۇ، پىشقاندا بولسا يۇمشايدۇ ۋە ئاپېلسىن رەڭگە كىرىدۇ.

ترابزون خورمىسىنىڭ تەركىبىدە ئېرىيدىغان تالا يۇقىرى بولۇپ، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ھەزىم قىلىنىشىنى ئاستىلىتىدۇ ۋە قاندىكى قەنت ماددىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

ۋىتامىن C نىڭ مول مەنبەسى بولغان ترابزون خورمىسى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قوللايدۇ. كۈندىلىك ۋىتامىن C ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر تال خەننەت خورمىسى يېتەرلىكتۇر.

 كۆز ساغلاملىقىنى قوغدايدۇ

جەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن A كۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن مۇھىم ۋىتامىن ھېسابلىنىدۇ. ۋىتامىن A كۆز مۈڭگۈز پەردىسى (كۆزنىڭ قارىسى) نى ۋە كۆزنىڭ مېڭە بىلەن باغلىنىشىنى قوغدايدۇ. جەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدە  ۋىتامىن A ئىنتايىن مول بولۇپ، كۈندىلىك ۋىتامىن A ئېھتىياجنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن بىر تال خەننەت خورمىسى يېتەرلىكتۇر.

ترابزون خورمىسى  كۆزىڭىزنىڭ ساغلام بولۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ترابزون خورمىسىنىڭ تەركىبىدە لۇتېن ماددىسى مول بولۇپ، كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسرايدۇ

جەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدىكى ۋىتامىن B6 يەل، قورساق كۆپۈش ۋە قەۋزىيەت قاتارلىق مەسىلىلىرىڭىز ئۈچۈن شىپادۇر. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، جەننەت خورمىسىنىڭ تالا تەركىبى ئۈچەيلەرنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان ئۈچەي سىستېمىسىنى تەڭشەيدۇ.

يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مول بولغان خەننەت خورمىسى ئىستېمال قىلغاندا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ قاندىكى ناچار خولېستېرىن سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشتە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

خەننەت خورمىسى ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىڭىزنى تازىلاپ، يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىڭىزنى ئازايتىدۇ. خەننەت خورمىسى ئارتېرىيە قېتىشىش كېسىلىگە شىپادۇر.

 راكقا قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈمى يۇقىرى

ترابزون خورمىسى راكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنداقلا ئۆپكە ۋە ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

ترابزون خورمىسىنىڭ تەركىبىدە قان نوكچىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان مانگان، ۋىتامىن A ۋە C ماددىلار مولدۇر. ترابزون خورمىسىنىڭ تەركىبىدە يەنە راك ۋە سەكتە قاتارلىق نۇرغۇن ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ خەۋپىنى ئازايتىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىلار مولدۇر.

دىيابېت كېسەللىكىگە قارشى قالقاندۇر

جەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدە دىيابېت كېسەللىكىگە قارشى قالقان رولىنى ئوينايدىغان شىپالىق ماددىلار باردۇر. گەرچە خەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدە دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان شىپالىق ماددىلار كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىش كېرەك.

تېرىنى ياخشىلايدۇ

جەننەت خورمىسى قورۇق چۈشۈش ۋە قېرىش نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقىدىغان تېرە داغلىرىنى كېچىكتۈرۈشكە ياردەم بېرىدۇ.

ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ

ھامىلدارلىق مەزگىلىدىمۇ ئۇزۇقلىنىش تىزىملىكىڭىزگە جەننەت خورمىسىنى قوشسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جەننەت خورمىسى ئىستېمال قىلىش ھەم ھامىلە ھەم ئانا ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. جەننەت خورمىسىنىڭ تەركىبىدىكى كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بوۋاقلارنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ ئۆسۈشىگە تۆھپە قوشىدۇ. تۆمۈر تەركىبى ئانىدا پەيدا بولىدىغان قان ئازلىق خەۋىپىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئانا ھامىلدارلىق مەزگىلىدە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولغان يوپۇرماق كىسلاتاسى جەننەت خورمىسىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى كۈچلۈك تەركىبلىرىدىن يەنە بىرىدۇر. جەننەت خورمىسىنىڭ  پايدىلىرى ئىنتايىن كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئىستېمال قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم. شۇنداقتىمۇ، جەننەت خورمىسىنى ئۇزۇقلىنىش تىزىملىكىڭىزگە ئىلاۋە قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇرىڭىزدىن مەسلىھەت ئېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئازايتىشتا ئۈنۈمى يۇقىرى

ترابزون خورمىسىنىڭ پوستىدا دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى شىپالىق ماددىلار مولدۇر. دىيابېت كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىشى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرى خەۋپىنى ئازايتىشتا ترابزون خورمىسىنىڭ ئۈنۈمى يۇقىرى.

ياللۇغنى ئازايتىشقا پايدىلىقتۇر

ترابزون خورمىسى كۈچلۈك ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ۋىتامىن C نىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر. دەرۋەقە، ۋىتامىن C ھۈجەيرىلەرنى ئەركىن رادىكاللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىياندىن ساقلايدۇ ۋە بەدەندىكى ياللۇغقا قارشى كۈرەش قىلىدۇ.

 بوغۇم ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

بەدەندىكى ياللۇغنى ئازايتىدىغانلىقى ئۈچۈن، ترابزون خورمىسى بوغۇم ساغلاملىقىغا پايدىلىقتۇر. بوغۇم ئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ترابزون خورمىسىنىڭ ياللۇغنى ئازايتىشتىمۇ ئۈنۈمى ئىنتايىن يۇقىرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر