15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى

بۈگۈن 2023 – يىلى 15 – ئىيۇل... فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە ئارمىيەسى سېپىگە سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزگەن ئادەملىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزگە خائىنلارچە ھۇجۇم قىلغان كۈن...

2011591
15 – ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىق كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۇنىڭدىن يەتتە يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، 2016 – يىلى 15 – ئىيۇل تۈركىيە خائىنلارچە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىغا دۇچ كەلدى؛ فەتۆ، يەنى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ناملىق تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە ئارمىيەسى سېپىگە سوقۇندۇرۇپ كىرگۈزگەن ئادەملىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىزگە ۋە دۆلىتىمىز ۋەكىللىك قىلىۋاتقان قىممەتكە خائىنلارچە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ۋە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى بومباردىمان قىلىندى. ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغۇچىلار تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن دۆلەت ئىدارە – ئورگانلارنى قولغا چۈشۈرۈشكە تىرىشتى.

بىزگە ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇل ئاسمانلىرىدا ئۇچۇرغان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە كوچىلاردىكى تانكىلار بىلەن تەھدىت سېلىندى. ئەمما، خەلقىمىز بۇ ئەھۋالغا پەرۋاسىزلارچە قاراپ تۇرمىدى، ئەلۋەتتە.

نەچچە مىڭلىغان خەلقىمىز جۇمھۇر رەئىسىمىزنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، شەھەر مەيدانلىرىغا توپلىنىش، كوچىلارغا چىقىش قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى؛ جېنىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، تانكىلارنىڭ ئالدىدا قەد كېرىپ تۇردى، تىك ئۇچار ئايروپىلانلاردىن ئېتىلغان ئوقلارغا پەرۋا قىلمىدى... قىسقىسى نادىر ئۇچرايدىغان قەھرىمانلىق روھىنى نامايان قىلىپ، ۋەتىنى، دۆلىتى ۋە دېموكراتىيەسىنى قوغدىدى.

خەلقنىڭ قەتئىي ئىرادىسى سايىسىدا، دۆلىتىمىز ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. بۇ يولدا 251 كىشى شېھىت بولدى، نەچچە يۈز كىشى غازى بولدى.

شۇنداق قىلىپ، 15 – ئىيۇل دېموكراتىيە غەلىبىسىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى-دە، «دېموكراتىيە ۋە مىللىي ئىتتىپاق كۈنى» ئېلان قىلىندى.

شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنى مىننەتدارلىق ۋە سېغىنىش تۇيغۇسى ئىچىدە ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر