ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

شىپا بۇلىقى (43)

2007081
ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇللىرى

( دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئىسسىق ھاۋادا ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغى كۆپىيىدۇ. قورساق ئاغرىش، ئىچ سۈرۈش ۋە قۇسۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىدۇ.

ياللۇغلىنىش كۆپىنچە ھاللاردا يېنىك باشلىنىدۇ ۋە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىنلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما قۇسۇش ۋە ئىچ سۈرۈش ئېغىر بولغان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. چۈنكى بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا بەدەندە سۇ ۋە ئېلېكترولىت كەمچىللىكى ئوتتۇرىغا چىققان بولىدۇ.

قولىڭىزنى پات – پات يۇيۇڭ

ياللۇغلىنىشتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپى پات – پات قول يۇيۇشتۇر. چۈنكى قول ئارقىلىق يېمەكلىككە يۇقىدىغان مىكرو ئورگانىزملار ھەزىم قىلىش يولىدا ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھاجەتخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۆي ۋە باغ ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولغاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۆي ھايۋانلىرىغا قول تەككۈزگەندىن كېيىن چوقۇم قولىڭىزنى يۇيۇڭ. يېمەكلىكلەرگە قول تەگكۈزۈشتىن بۇرۇنمۇ قولنى يۇيۇش ئىنتايىن مۇھىم. قولنى پارماق ئارىلىقلىرى بىلەن قوشۇپ كەم دېگەندە 30 سېكۇنت سوپۇنلاپ يۇيۇش كېرەك.

تازىلىققا رىئايە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم

نامۇۋاپىق مۇھىتتا ساقلانغان ياكى ئۇزۇن مۇددەت ئوچۇق ھالەتتە ساقلانغان يېمەكلىكلەر ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغلىنىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى دەپ قارىلىدۇ. ئىسسىق مۇھىتتا مىكرو ئورگانىزملار ئاسانلا كۆپىيىپ، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئوچۇق مۇھىتتا سېتلىدىغان يېمەك - ئىچمەكلەر، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن مەھسۇلاتلار، ساپلاشتۇرۇلمىغان سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن يىراق تۇرۇڭ. يېمەكلىكلەرنى توڭلاتقۇنىڭ سىرتىدا ئۇزۇن ۋاقىت ساقلىماڭ.

خام كۆكتات ۋە مېۋىلەرنى پاكىز سۇ بىلەن يۇيۇڭ. بولۇپمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئوچۇق ھالەتتە ساقلانغان قىياملىق،  تۇخۇم سېرىقى قىيامىلىق ۋە قايماقلىق يېمەكلىكلەر مۇھىم ياللۇغلىنىش  مەنبەسىدۇر.

ئارا قوشۇق، پىچاق ۋە قوشۇقلارنىڭ پاكىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ. يېمەكلىكلەرنى قول بىلەن تۇتماسلىق كېرەك.

 

ئىچىملىكلىرىڭىزگە قوشۇلغان مۇزدىن ئېھتىيات قىلىڭ

بولۇپمۇ سۇ ياز ئايلىرىدا ياللۇغلىنىشنىڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۇرۇبا سۈيى ۋە كونترولسىز ئىچىملىك ​​سۇدىن ساقلىنىڭ. زۆرۈر تېپىلغاندا سۇنى قاينىتىپ ئىچىڭ. سەگىدەش ئۈچۈن ئىچىملىكلىرىڭىزگە مۇز قوشۇشتىن ئېھتىيات قىلىڭ. چۈنكى مۇزمۇ ياللۇغلىنىشنىڭ مۇھىم مەنبەسىدۇر. مۇئەسسەسەلەردە مۇزنىڭ تۇرۇبا سۈيىدىن تەييارلىنىشى ۋە مۇز ماشىنىلىرىنىڭ ھەر كۈنى تازىلانماسلىقى مۇزدىكى يۇقۇملىنىشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبلىرىدىن بىرى.

مەنبەسى بىلىنمەيدىغان سۇنى ئىستېمال قىلماڭ

بولۇپمۇ يازدا سۇ بۇلغىنىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنبەسىدۇر. شۇڭا پاكىزلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان يەرلەردىن سۇ ئىچمەسلىك كېرەك.

كۆلچەك

ياز پەسلىدە سەگىدەش ئۈچۈن كىرىلىدىغان كۆلچەك ۋە بۇلغانغان دېڭىزلارمۇ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بولۇپمۇ كۆلچەكلەر مۇۋاپىق شارائىتتا ۋە دائىم تازىلىنىشى كېرەك. ئادەم كۆپ ۋە تولۇق تازىلانمىغان كۆلچەكلەر كۆز ۋە ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇنى يۇتۇپ سېلىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

 ياخشى پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ

بولۇپمۇ گۆش، توخۇ، بېلىق قاتارلىق ئاقسىللارنىڭ ياخشى پىشۇرۇلۇشىغا دىققەت قىلىڭ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، كۆكتات ۋە مېۋە - چىۋىلەرنى پاكىز يۇيۇش مۇھىمدۇر.

يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق پىشۇرغاندا باكتېرىيەنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئاممىۋى ھاجەتخانىلار مىكروبنىڭ مەنبەسىدۇر

ھاجەتخانىلارنىڭ پاكىز بولۇشى، ئاشقازان-ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئىشلىتىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ دائىم تازىلىنىشىغا ئەھمىيەت بېرىش، ئورتاق قەغەز لۆڭگە ئىشلىتىشتىن ساقلىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

ئەگەر ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئىشلارنى قىلىڭ:

• ياللۇغلىنىش جەريانىدا بەدىنىڭىزنىڭ سۇ، تۇز ۋە مىنېرال ماددا قاتارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرۇڭ. شېكەرسىز سودا ئىستېمال قىلىڭ.

• ئىچ سۈرۈش توختىغانغا قەدەر مايسىز ۋە تۆۋەن تالالىق يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىڭ.

• ئىچ سۈرۈش جەريانىدا مايسىز شورپا، مايسىز پىشلاق، قېتىق، قاينىتىلغان بەرەڭگە، ئالما، شاپتۇل، بانان ۋە سەۋزە قاتارلىق ئۇزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىڭ.

• بۇ مەزگىلدە كېپەك نان، مايلىق ۋە قەنتلىك يېمەكلىكلەر، تېتىتقۇ، كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەردىن يىراق تۇرۇڭ.

• خەلق ئارىسىدا «ئىچ سۈرۈشنى ئازايتىدۇ» دەپ قارىلىدىغان قەھۋە ۋە چاي ئىستېمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ. چۈنكى قەھۋە ۋە چاي بەدەندىن سۇيۇقلۇق يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇنى كۆپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بېرىڭ.

بۇ جەرياندا كۆرۈلىدىغان ئەڭ مۇھىم خاتالىقلاردىن بىرى، دوختۇردىن مەسلىھەت سورىماي ئىچ سۈرۈش دورىلىرىنى ئىشلىتىشتۇر. ئىچ سۈرۈش دورىلىرىنى ئاڭسىز ھالدا ئىشلىتىش ئۈچەي ھەرىكەتلىرىنى ئاستىلىتىپ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدىكى زىيانلىق مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى توختىتىدۇ ۋە ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

ئۇزۇن داۋاملاشقان، داۋالاش ئۈنۈم بەرمىگەن قان - يىرىڭلىق ئىچ سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، چوقۇم ئاشقازان - ئۈچەي كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن مەسلىھەت سورىشىڭىز كېرەك. چۈنكى ئۈچەيدە كېسەللىك بولۇشى مۇمكىن.

ئاشقازان - ئۈچەي ياللۇغىنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە:

لىمون سۈيى

لىمون سۈيى ئۈچەي ياللۇغىنى ئۆسۈملۈكلەر بىلەن داۋالاش ئۇسۇللىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۈچەيدىكى ياللۇغنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

سامساق

ئۆيدە ئۈچەي ياللۇغىنى داۋالىغاندا، كۈنىگە 2 چىش خام سامساق ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

زەنجىۋىل

زەنجىۋىلنىڭ تەركىبىدىكى باكتېرىيەگە قارشى ماددىلار ياللۇغنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

زەرچىۋە

ئۈچەيدە پەيدا بولىدىغان ۋە تارقىلىدىغان ياللۇغنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ.

ھەسەل سۈيى

ھەسەل سۈيى ئىچكىنىڭىزدە ئۈچەيدىكى ياللۇغلىنىشنى  تازىلاشقا باشلىغان بولىسىز.

پىننە چېيى

پىننە چېيى ئۈچەينى ئارام تاپقۇزىدىغان ئۆسۈملۈك چايدۇر. پىننە چېيى يۇقۇملانغان ئەھۋال ئاستىدا ياللۇغنى تازىلاپ، ئۈچەينىڭ ساغلام خىزمەت قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

بەرەڭگە شەربىتى

بىر تال بەرەڭگىنىڭ پوستىنى سويۇپ، ئوبدان يۇيۇڭ، ئاندىن رەندىلەڭ. رەندىلەنگەن بەرەڭگىنىڭ شىرنىسىنى سۈزۈپ، سىستېمىلىق ھالدا ئىچىڭ.

زىغىر

زىغىر ئۈچەي ياللۇغى جەريانىدا ئۈچەينى تەڭشەپ ، ھەزىم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ئۆسۈملۈك تولۇقلىمىسىدۇر.

 ئۆيدە ئۇيۇتۇلغان قېتىق

ئۈچەيدىكى باكتېرىيەنى يوقىتىشنى قۇلايلاشتۇرىدىغان ئۆي قېتىقى ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ياللۇغلىنىشتىن قۇتۇلۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

پىياز

ئۈچەينى چارچىتىۋېتىدىغان ياللۇغنى تازىلاش ئۈچۈن خام پىياز ئىستېمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر