يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى

بىلىۋېلىڭ (40)

1998508
يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى

يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى

نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى ئانادولۇدا يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش سىستېمىسىنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بۈگۈنكى كۈندە يەر تەۋرەشنى ئۆلچەشتە نۇرغۇن تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىلىدۇ. گەرچە سېيسموگرافلار (يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش ئەسۋابلىرى) تۇنجى قېتىم 1800-يىللاردا ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئانادولۇدا ھەيران قالارلىق يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن. بۇ سىستېما «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» ياكى «تارازا تېشى» دەپ ئاتىلاتتى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىناكارلىقىدا جامەلەرنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا، ئىككى بۇلۇڭىدىكى ئايرىم – ئايرىم تۆت نوغا، جامەلەرنىڭ يەر تەۋرەش ياكى يەر كۆچۈش سەۋەبىدىن بۇزۇلغان ياكى بۇزۇلمىغانلىقىنى، زىيانغا ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلىشكە يارايدىغان سىلىندىرلىق مەرمەر تاش تارازىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلاتتى.

 ئانادولۇنىڭ ئوخشىمىغان جامەلىرىدە «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» دەپ ئاتالغان بۇ سىستېمىلار، مەرمەر تاشتىن ياسالغان سىلىندىرلىق نونىڭ ئىچىگە تىك ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلاتتى. «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» ناھايىتى ئاددىي سىستېمىغا ئاساسەن ئىشلەيتتى؛ ئەگەر سىلىندىر راۋان ئايلانسا، بۇ يەر تەۋرەش تەجامەنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. ئەگەر سىلىندىر ئايلانمىسا ياكى تەس ئايلانسا، بۇ جامەنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرەتتى.

«يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» ھازىرمۇ ئىشلىتىلمەكتە ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان جامەلەردە جامائەت تەرىپىدىن كونترول قىلىش مېخانىزمى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، 1424-يىلى بۇرسادا تائەت - ئىبادەت ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن ۋەئوسمانلى ئىمپېرىيەسى بىناكارلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى كۆرۈنەرلىك نامايەندىلىرىدىن بىرى بولغان «يېشىل جامە» دىمۇ ئىمارەتنىڭ مۇستەھكەم ياكى ئەمەسلىكى ھازىرمۇ «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» ئارقىلىق ئۆلچەنمەكتە.

تۈركىيە تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەردىن ۋە دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر بىناكارلاردىن بىرى بولغان مېمار سىناننىڭ ئاسارە-ئەتىقەلىرىدىمۇ «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» نى كۆرگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، مانىسادىكى «مۇرادىيە جامەسى» مېمار سىنان تەرىپىدىن ياسالغان ۋە قۇرۇلۇشى 1585-يىلى تاماملانغان بولۇپ، «يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىسى» ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ سېلىنغان جامەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. مىھرابنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش تارازىلىرى سايىسىدا، بۈگۈنكى كۈندىمۇ بۇ جامەدە ھەرقانداق بىر زىياننىڭ كۆرۈلۈپ - كۆرۈلمىگەنلىكى ياكى جامەنىڭ پول قىسمىدا بىر تەرەپكە قېيىشنىڭ بار-يوقلۇقى كونترول قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر