مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ

بىلىۋېلىڭ (38)

1993459
مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ

مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ

دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سۈمەرشۇناسلاردىن بىرىنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ 1914-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، سۈمەرشۇناسلىق ساھەسىدىكى دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ساھىبىدۇر.

مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ ئانادولۇنىڭ مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىرىش مەقسىتىدە قۇرۇلغان تىل، تارىخ ۋە جۇغراپىيە پەنلىرى فاكۇلتېتى سۈمەرشۇناسلىق بۆلۈمىنى تۇنجى تۈركۈمدە پۈتتۈرگەنلەردىن بىرى.

ئۇ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىغا قاراشلىق بۇ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن چاغدا، گېرمانىيەلىك ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا ئۇنىۋېرسىتېتتا قېلىش تەكلىپىنى سۇنىدۇ، ئەمما ئۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلماي، ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىدا ئىشلەشكە باشلايدۇ. بۇ قارار ئۇنىڭ ھاياتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. ئۇ تاكى 1973-يىلى پىنسىيەگە چىققانغا قەدەر ئىستانبۇل ئارخېئولوگىيە مۇزېيىنىڭ مىخ پۈتۈكلەر ئارخىپىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ ئارخىپتا ئۈچ خىل تىلدا يېزىلغان يەتمىش بەش مىڭغا يېقىن پۈتۈكنى تەتقىق قىلىپ، رەتلەپ چىقىش ئۈچۈن يىللارچە جاپالىق ئىشلەيدۇ. ئۇ سۈمەر، ئاقاد ۋە ھىتىت تىللىرىدا يېزىلغان ئونمىڭلىغان پۈتۈكلەرنى رەتلەپ،  تەرتىپ نومۇرى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىيدۇ ۋە مىخ پۈتۈكلەر ئارخىپىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ھاياتىنىڭ كۆپ قىسمىنى جاپالىق ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرىغا بېغىشلىغان مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ سەككىز كىتاب ۋە نۇرغۇن ماقالە يازىدۇ.

نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئىلمىي تەتقىقات مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق  ئىسمىنى پەقەت تۈركىيە تارىخىىغىلا ئەمەس، دۇنيا تارىخىغىمۇ ئالتۇن ھەرىپلەر بىلەن يازدۇرىدۇ.

 ئۇ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ ئىلمىي تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىدۇ ۋە كەڭ ئوقۇرمەنلىرى ئۈچۈن نۇرغۇن كىتابلارنى يازىدۇ. ئۇ سۈمەر، ھىتىت تارىخى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ھەم مەدەنىيەتلىرىنىڭ قىممىتى يورۇتۇپ بېرىلگەن بۇ كىتابلارنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ۋە  ياخشى كۆرىدىغان ئۇسلۇبتا يازىدۇ.

دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان شەخسلەردىن بىرى بولغان  109 ياشلىق مۇئەززەز ئىلمىيە چىغ روھى ھەمىشە ياش تۈركىيەنىڭ ھازىرقى زامان زىيالىيسىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر