بادرەنجىبۇيانىڭ شىپالىق رولى

شىپا بۇلىقى (35)

1984344
بادرەنجىبۇيانىڭ شىپالىق رولى

بادرەنجىبۇيانىڭ شىپالىق رولى

(دوكتور مەھمەت ئۇچار)

ئارام تاپقۇزۇش ۋە تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە بادرەنجىبۇيانىڭ سالامەتلىكىمىزگە نۇرغۇن پايدىسى بار.

بادرەنجىبۇيا چېيىنى كىملەر ئىچسە بولىدۇ؟

• بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچرىغانلار،

• ئاشقازان ۋە ئۈچەيلىرىدە سىپازما ۋە ئاغرىق بارلار،

• قورساق كۆپۈش مەسىلىسى بارلار،

• تەشۋىشلىنىش ۋە جىددىيلىشىش مەسىلىسى بارلار،

• بېسىم سەۋەبىدىن يۈرەك سانجىقى بارلار،

• كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، پاراخوت، ئايروپىلان ياكى ئاپتوموبىلدا باش قېيىش كېسىلى بارلار.

 بادرەنجىبۇيا چېيىنىڭ قانداق پايدىسى بار؟

• بېسىم ۋە تەشۋىشنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ

ھەممىگە مەلۇمكى، بادرەنجىبۇيا چېيى بېسىمنىڭ ئالامەتلىرىنى ئازايتىدۇ، ئارام بېرىدۇ ۋە روھىي ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلايدۇ. ئۇ بەزى كىشىلەردە تەشۋىشلىنىش ۋە چۈشكۈنلۈك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا، بادرەنجىبۇيا چېيى ئىچكەن كىشىلەرنىڭ  روھىي كەيپىياتى ياخشى بولىدىكەن، ئۇخلاش ئارزۇسى كۈچىيىدىكەن. بادرەنجىبۇيا چېيى يەنە جىددىيلىشىش، ھەددىدىن زىيادە ھاياجانلىنىش قاتارلىق تەشۋىشلىنىش ھېسسىياتىنى ئازايتىدۇ.

• بادرەنجىبۇيا چېيى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ

بادرەنجىبۇيا چېيىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

بادرەنجىبۇيا چېيى بولۇپمۇ ئۆگىنىش ياكى  كىتاب ئوقۇش جەريانىدا ئىستېمال قىلغاندا ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كۈچەيتىدۇ. لېكىن بۇنداق ئەھۋاللاردا بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق بادرەنجىبۇيا چېيى ئىچمەسلىككە دىققەت قىلىش كېرەك. بىر ئىستاكاندىن ئارتۇق بادرەنجىبۇيا چېيى ئىچىش ئۇيقۇڭىزنى كەلتۈرۈپ، مەشغۇلاتىڭىزغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن.

• بادرەنجىبۇيا چېيى قاپارتمىنى داۋالاشنى قوللايدۇ

ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرغۇچى ماددىسىنىڭ ياردىمىدە، بادرەنجىبۇيانىڭ جەۋھىرى بولغان مەلھىمى قاپارتمىنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك رول ئوينايدۇ. بادرەنجىبۇيا مەلھىمى قاپارتمىنىڭ تېز ساقىيىشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە قاپارتمىنى ئازايتىدۇ.

بادرەنجىبۇيا چېيى چىرىتمەس دورا خۇسۇسىيىتى سايىسىدا قاپارتما، جاراھەت، ھاشارات چېقىۋېلىش ۋە تېرە قىزىرىش قاتارلىق ئادەتتىكى تېرە كېسەللىكلىرىگە شىپادۇر.

• بادرەنجىبۇيا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئالامەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك پەسەيتىدۇ

ئەگەر ھەزىم قىلىش سىستېمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئاشقازان ئاغرىش، يەل ۋە ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىق شىكايەتلىرىڭىز بولسا، بادرەنجىبۇيا چېيى ئارام ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. بادرەنجىبۇيا چېيى كۆڭۈل ئاينىشقىمۇ پايدىلىقتۇر.

• بادرەنجىبۇيا باش ئاغرىقىغا پايدىلىقتۇر

بادرەنجىبۇيا چېيى يەنە باش ئاغرىقىغىمۇ شىپادۇر. بادرەنجىبۇيا چېيى بېسىمدىن كېلىپ چىققان باش ئاغرىقىغا خۇددى بەلىزگۈل چېيىغا ئوخشاشلا پايدىلقتۇر.

بادرەنجىبۇيا چېيى تەبىئىي ئاغرىق پەسەيتىش خۇسۇسىيىتى سايىسىدا بەدەننىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئاغرىقلارنىمۇ پەسەيتىدۇ.

• بادرەنجىبۇيا يۈرەككە پايدىلىقتۇر

بادرەنجىبۇيا چېيى يەنە قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ۋە يۈرەك سانجىقى مەسىلىسى بارلارنى تىنچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە. بادرەنجىبۇيا چېيى يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا پايدىلىقتۇر. ئۇنىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى سايىسىدا قان ئايلىنىش سىستېمىسى كۈچىيىدۇ.

•  بادرەنجىبۇيا ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى كۈچەيتىدۇ

بادرەنجىبۇيا ۋىرۇسقا ۋە مىكروبقا قارشى تۇرۇش ئالاھىدىلىكى سايىسىدا باكتېرىيە، تەمرەتكە ۋە ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بادرەنجىبۇيا ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بادرەنجىبۇيا ئۆسۈملۈكى تەرلىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە. شۇڭا ئۇنى زۇكام ۋە قىزىتما كېسەللىكلىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بادرەنجىبۇيا چېيىنىڭ بۇ كېسەللىكلەرگە قارشى تۇرۇشتا ئۈنۈمى ناھايىتى يۇقىرى.

• ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشنى ئازايتىدۇ

بادرەنجىبۇيا چېيى بىئاراملىق ۋە ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىشنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق ياكى ئۇخلاشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن كىشىلەر بادرەنجىبۇيا چېيى ئىچسە بولىدۇ. بادرەنجىبۇيا چېيىنى ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئىچكەندە، تىنچلاندۇرۇپ، ئۇخلاشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ.

• تېرە داغلىرى

بادرەنجىبۇيا چېيى تېرىگە مەلھەم قىلىپ سۈرگەندە، ئاپتاپ چېقىشنىڭ تەسىرى ۋە تېرىدىكى داغلارنى يوقىىتىشقا ياردەم بېرىدۇ.

دانىخورەكنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىدۇ.

نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شكىللەنگەن تېرىدىكى داغلارنى بادرەنجىبۇيا چېيى ئارقىلىق يوقاتقىلى بولىدۇ.

بادرەنجىبۇيا چېيىنى قاچان ئىچىش كېرەك؟

بادرەنجىبۇيا چېيى تىنچلاندۇرۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. شۇڭا ئۇنى جىددىيلەشكەن ۋاقىتلاردا ئىچىش پايدىلىقتۇر. كەچتە ئۇخلاشتىن بىر قانچە سائەت بۇرۇن بادرەنجىبۇيا چېيى ئىچىپ بەرسىڭىز كۈن بويى دۇچ كەلگەن رادىياتسىيەنىڭ تەسىرىنى ئازايتىدۇ. شۇنداقلا بېسىمنى يوقىتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك ئۇخلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ.

بادرەنجىبۇيا چېيىنى كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ئىستاكان ئىچىش كېرەك.

بادرەنجىبۇيا چېيىنى سۇمبۇل، سېرىق چاي، ئادەمگىياھ ۋە بەلىزگۈل قاتارلىق ئۆسۈملۈك چايىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىچكەندە شىپالىق رولىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ.

 بادرەنجىبۇيا چېيىنى قانداق دەملەش كېرەك؟

ئاغزىنى ياپقىلى بولىدىغان بىر ئىستاكان ياكى  بىر چەينەك قايناق سۇغا قۇرۇتۇلغان ياكى يېڭى بادرەنجىبۇيانى سېلىپ، قاپىقىنى يېپىڭ. بادرەنجىبۇيا چېيىنى 5 مىنۇتتىن 10 مىنۇتقىچە دەملەڭ. تەخمىنەن 10 مىنۇتتىن كېيىن، چېيىڭىزنى سۈزۈپ ئىچسىڭىز بولىدۇ.

بادرەنجىبۇيانىڭ يېڭى يوپۇرماقلىرىنى بولۇپمۇ يازدا سوغۇق ئىچىملىكلەرگە قوشۇپ ئىچكىلى بولىدۇ.

بادرەنجىبۇيانىڭ يوپۇرماقلىرىنى شورپا، بېلىق تاماقلىرى ، پولۇ ۋە مېۋە سالاتلىرىغا قوشقىلى بولىدۇ.

بادرەنجىبۇيانىڭ يوپۇرماقلىرى ئېزىلىپ، مەلھەمگە ئايلاندۇرۇلۇپ، ھاشارات چېقىقلىرىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

بادرەنجىبۇيا چېيىنىڭ ئەكس تەسىرى

مۇۋاپىق ئىستېمال قىلغاندا، ئەكس تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ. بادرەنجىبۇيا چېيىنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، تۆۋەندىكىدەك ئەكىس تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ:

• كىچىك تەرەت قىلغاندا ئاغرىش،

• باش ئاغرىقى،

• كۆڭۈل ئاينىش ۋە قۇسۇش،

• ئاشقازان ئاغرىش،

• باش قېيىش،

• بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىش،

تېرە غىدىقلىنىش،

• ئاللېرگىيەلىك رىئاكسىيە،

• زىققە كېسىلى.

ئەگەر بەزى دورىلار بىلەن بىللە ئىستېمال قىلىنسا، بادرەنجىبۇيا چېيى زىيان قىلىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەز، ئۇيقۇ، گلاۋكوما، تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ۋە سېروتونىنغا تەسىر قىلىدىغان باشقا دورىلارنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، بادرەنجىبۇيا چېيى ئىستېمال قىلماڭ.

ھامىلدارلار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار ۋە 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلار بادرەنجىبۇيا چېيى ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر