10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلار قىلىشقا باشلايدۇ

كۆزنەك - 32

1969542
10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلار قىلىشقا باشلايدۇ

10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلار قىلىشقا باشلايدۇ

10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلار قىلىشقا باشلايدۇ

كۆزنەك - 32

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇدىيولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، 10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلارنىڭ قىلىشقا باشلايدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

ئەنگلىيە ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ياپونىيە ئوچانومۇزۇ ئۇنىۋېرسىتېتى مۇتەخەسسىلىرىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىمىزدىكى 10 يىل ئىچىدە ئۆي ئىشلىرىنىڭ %39 نى روبوتلار قىلىشقا باشلايدىكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەخمىن قىلىشىچە، ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ساھە؛ سودا - سېتىق بۆلىدىكەن.

ھەر ئىككى ئۇنىۋېرسىتېتتىكى تەتقىقاتچىلار 65 سۈنئىي ئىدراك (AI) مۇتەخەسسىسىدىن 10 يىل ئىچىدە ئائىلە ئىشلىرىدىكى ئاپتوماتلىشىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كۆز قارىشىنى سورىغان. بۇ تەتقىقاتقا ئەنگىلىيەدىن 29 ۋە ياپونىيىدىن 36 سۈنئىي ئىدراك مۇتەخەسسىسى قاتناشقان.

«PLOS One» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتتا بىلدۈرۈلىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر ئاپتوماتلىشىشنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ساھەنىڭ سودا - سېتىق بۆلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ياشلار ۋە ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خىزمىتى سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ ئاز ئۇچرايدىغان خىزمەت ساھەسى بۆلىدىكەن. سودا – سېتىققا ئايرىلىدىغان ۋاقىت %60  ئازلايدىكەن.

تەتقىقاتچىلار «ئەنگلىيەلىك ئەر مۇتەخەسسىسلەر ئايال كەسپداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئۆي ئىشلىرىنى ئاپتوماتلاشتۇرۇشقا بەكرەك قىزىقىدۇ، ئەمما ياپونىيەدە بولسا ئىش بۇنىڭ دەل ئەكسىچە» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق تەتقىقاتچىسى سۈپىتىدە خىزەمت قىلىۋاتقان دوكتور لۇلۇ شى «بالىلارنى پەرۋىش قىلىش، ئوقۇتۇش ۋە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان خىزمەت تۈرلىرىنىڭ پەقەت %28 ىنىلا ئاپتوماتلاشتۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن. يەنە بىر تەرەپتىن مۇتەخەسسىسلەر روبوت تېخنىكىسىنىڭ سودا – سېتىق ئۈچۈن ئايرىلىدىغان ۋاقىتنى %60 قىسقارتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دەرۋەقە، «ئون يىل ئىچىدە روبوتلار ئىنسانلارنى ئۆي ئىشلىرىدىن قوتقۇزىدۇ» دېگەن تەخمىنلەر ئانچە يېڭى ئەمەس. ئەنگلىيەدە خىزمەت يېشىدىكى ئەرلەرنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۆي ئىشلىرىنى ئاياللار بىلەن ئوخشاش نىسبەتتە قىلماقتا، ئەمما ياپونىيەدە ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىنى ئاياللاردىن %20 ئاز قىلماقتا.  

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سۈنئىي ئىدراك ۋە جەمئىيەت ساھەسىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسى ۋە يازغۇچىسى دوكتور ئېكاتېرىنا ھېرتوگنىڭ قارىشىچە، ئۆي ئىشلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى ئاياللارنىڭ كىرىمى، پۇل تېجىشى ۋە پىنسىيەگە چىقىشىغا سەلىبىي تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

مۇتەخەسسىلەر شۇڭلاشقا ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشىنىڭ تېخىمۇ بەك جىنسىي باراۋەرلىكنى ئىشقا ئاشرۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىشماقتا.  

مەنبە: ت ر ت خەۋەر

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر