دۇنياغا داڭلىق تۈرك ئاشپەزلەر

بىلىۋېلىڭ (29)

1965568
دۇنياغا داڭلىق تۈرك ئاشپەزلەر

دۇنياغا داڭلىق تۈرك ئاشپەزلەر

دۇنياغا داڭلىق ئاشپەزلەر ئارىسىدا تۈرك ئاشپەزلەرنىڭمۇ بارلىقىنى بىلەمسىز؟

دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 50 رېستۇران قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە ئىستانبۇلغا جايلاشقان «مىكلا رېستۇرانى» ئاشپەز مەھمەت گۈرس «يېڭى ئانادولۇ تائاملىرى» دەپ ئاتايدىغان تاماق تىزىملىكى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.

فىنلاندىيەدە تۇغۇلۇپ، شىۋېتسىيەدە چوڭ بولغان ئاشپەز مەھمەت گۈرس ئۇزۇن يىللار ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ئىشلىگەن ۋە ئاشپەزلىكنى ئۆگىنىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، 1996 -يىلدىن ئېتىبارەن ئىستانبۇلنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يېڭىچە تائاملار ئارقىلىق بېيىتىشقا باشلايدۇ.

تۈرك ئاشپەزلەر پەقەت تۈركىيەدىلا ئەمەس، دۇنيادىمۇ داڭ چىقارماقتا. 10 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرلىكتە گېرمانىيەگە كۆچۈپ كەتكەن تۇنجەلىلىك ئەلى گۈنگۆرمۈش «<مىچېلىن رېستۇرانى> نىڭ دۇنياغا داڭلىق تۇنجى تۈرك ئاشپەزى» شەرىپىگە ئېرىشىدۇ.

 دادىسى ئىشچى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقان گېرمانىيەگە كۆچمەن بولۇپ كەتكەن ئەلى گۈنگۆرمۈش كىچىكىدىنلا قىزىقىدىغان ئاشپەزلىك مەكتىپىنى ئەڭ ئەلا نەتىجە بىلەن تاماملاپ، گېرمانىيەدىكى دۇنياغا داڭلىق «مىچېلىن رېستورانلىرى» دا ئىشلەيدۇ.

ئۇ تۈرك يېمەك - ئىچمەك مەدەنىيىتىگە خاس كوچا تائاملىرىنىڭ لەززەتلىرىنى دادىللىق بىلەن ھەشەمەتلىك تائاملارغا ماسلاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە لەززەتلىك تائاملارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. 27 يېشىدا «لەززەتلىك ئاقدېڭىز تائاملىرى» نامىدا ئۆزىنىڭ رېستورانىنى ئاچىدۇ، ھەمدە بۇ يەردە دۇنياغا داڭلىق «<مىچېلىن رېستۇرانى> نىڭ تۇنجى تۈرك ئاشپەزى» شەرىپىگە نائىل بولىدۇ.

گېرمانىيەدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان  35 ياشلىق ئاشپەز سەركان گۈزەلچوبانمۇ دۇنياغا داڭلىق «مىچېلىن رېستورانى» نىڭ ئىككىنچى تۈرك ئاشپەزى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ دەنىزلىلىك ئانىسىنىڭ تاماق ئېتىش ئۇسۇللىرىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۆزىنىڭ رېستورانىدا يېمەكلىكشۇناسلىق ۋە تائاملارنى لەززەتلىك قىلىپ تەييارلاشقا قانداق كۆڭۈل بۆلسە، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىققىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بېرىدۇ.

ئاشپەز سەركان گۈزەلچوباننىڭ رېستورانىدا ئىشلەيىدىغانلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن مېيىپ كىشىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ.

«ئاسىيادىكى دۇنياغا داڭلىق 50 رېستوران» ئىچىدە 36-ئورۇندا تۇرىدىغان باڭكوكتىكى بىر رېستوراننىڭ ئاشپەرلىرى ئارىسىدىمۇ يەنە بىر تۈرك ئاشپەز بار.

 بولۇدىكى مەنگەن ئاشپەزلىك مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن فاتىھ تۇتاك يىراق شەرقنىڭ ئۆزگىچە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدىغان تۈرك تارىخىدىن ئىلھام ئېلىپ، پۈتۈنلەي تۈرك-ئاقدېڭىز ئۇسلۇبىدىكى تاماق تىزىملىكىنى روياپقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

تۈرك تائاملىرى تۈرى كۆپ، لەززەتلىك بولغانلىقى، ساغلام ۋە تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىشقا ماس كېلىدىغانلىقى، ھەتتا گۆشسىز تائاملارنىڭمۇ ئۈلگىلىك مەنبەسى بولغانلىقى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا ۋە  ئەڭ ئاۋۋال تاللىشىغا ئېرىشمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر