چاناققەلئە ئۇرۇشى

بىلىۋېلىڭ (28)

1962255
چاناققەلئە ئۇرۇشى

چاناققەلئە ئۇرۇشى

چاناققەلئە دېڭىز زەپىرىنىڭ دۇنيا تارىخى سەھىپىسىگە يېزىلغان ئەڭ چوڭ زەپەرلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟

بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى سەپلىرىدىن بىرى بولغان چاناققەلئەدىكى ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋەئاخىرلىشىشى دۇنيا تارىخىدا مەڭگۈ ئۇنتۇلمايدىغان غەلىبىنىڭ تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

 1915-يىلى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىتتىپاقداش دۆلەت بولغان روسىيەگە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە، ئەنگلىيەنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە ھېچ مەغلۇپ بولۇپ باقمىغان دېڭىز ئارمىيەسى بىلەن بىرلىكتە ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئۇرۇشتا چەتتە قالدۇرۇشنى  پىلانلايدۇ. ئەمما ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ ھېچبىر پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى 1915-يىلى 18-مارت كۈنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيەسىگە قارشى ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ غەلىبە تارىخ سەھىپىسىگە «چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى» سۈپىتىدەيېزىلىدۇ.

1916-يىلى 9 – يانۋار كۈنىگىچە داۋاملاشقان چاناققەلئە ئۇرۇشلىرى داۋامىدا نۇرغۇن ھەيران قالارلىق ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ئۇرۇش جەريانىدا ھەر كىۋادرات مېتىر يەرگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 6000 ئوق تېگىدۇ. بۇ دۇنيا ئۇرۇشى تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتۇر.

گەرچە ئىككى پاي ئوقنىڭ ھاۋادا سوقۇلۇش ئېھتىماللىقى 600 مىليوندىن بىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇرۇش مەيدانىدا ئۇرۇش ئىنتايىن يېقىن جايلاردا بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن ئوقلار ھاۋادا ئۆزئارا سوقۇلۇپ، گىرەلىشىپ كەتكەن. چاناققەلئە ئۇرۇشىدا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سەپلىرىدە ئەر ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە پىيادە ئايال ئەسكەرلەر ۋە مەرگەن ئاياللارمۇ كۈرەش قىلغان. ئۇرۇش جەريانىدا بىر ئەسكەر – سېيىت ئونبېشى ھەر بىرى 250 كىلوگىرام كېلىدىغان ئۈچ دانە ئوقنى دۈمبىسىدە توشۇغان ۋە توپقا ئورۇنلاشتۇرغان.

ھاۋادىن جەڭ مەيدانىنى كۆزىتىپ تۇرغان ئەنگلىيەلىك بىر ئۇچقۇچى دېڭىزنىڭ قىرغاقتىن 50 مېتىر يىراقلىققىچە بولغان جايلانىڭ قىزىل قانغا بويالغانلىقىنى كۆرۈپ، «بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا كۆرگەن ئەڭ قورقۇنچلۇق مەنزىرە» دېگەن.

          تەرەپلەر ئېغىر تالاپەتلەرگە ئۇچرىغان بۇ ئۇرۇش ۋە باشقا ئۇرۇشلاردا ئوتتۇرىغا چىققان ئازاب - ئوقۇبەتلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانىڭ ھېچبىر يېرىدە قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز.

پىروگراممىمىزنى مۇستافا كامال ئاتاتۈركنىڭ: «خەلقنىڭ ھاياتى خەۋپ– خەتەرگە دۇچار بولمىغۇچە ئۇرۇش قىلىش جىنايەتتۇر» دېگەن سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر